ئالماشتۇرۇش قانۇنىيىتى
بىر ئۈممەت ماددىي تەرەققىياتتا مەلۇم سەۋىيىگە يېتىپ، ئۆزىدىن خاتىرجەم بولغان، بايلىقىغا تايانغان، ئۆز ھالىدىن پەخىرلىنىپ قالغان، ھاياتنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى ۋە داۋاملىشىش قىممەت-قاراشلىرىنى ئۇنۇتقان چاغدا، بۇ ئىچكى ئامىللار سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىدۇ. شۇ چاغدا ئاللاھ بىر قەۋمنى يەنە بىر قەۋمنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ:«ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ تائىتىدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ .ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ(بەلكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ)»(مۇھەممەد سۈرىسى، 38-ئايەت).
ئايەتنىڭ مەنىسى ئەگەر سىلەر ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتمىسىدىن باش تارتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا سىلەردىنمۇ ياخشى ۋە ئىتائەتچان بولغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ، بەلكى سىلەردىنمۇ ياخشى ۋە ئىتائەتچان بولىدۇ.
بۇ يەردىكى ئالماشتۇرۇش قانۇنىيىتى پەقەتلا ھالاك قىلىشىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى كۈتۈپ ئولتۇرمايدىغان ياكى سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئاقلاپ باھانە كۆرسەتمەيدىغان كىشىلەر كېلىپ بايراقنى بوشاڭلىق قىلغان، ھەددىدىن ئاشقان ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلاردىن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.
ئالماشتۇرۇۋېتىش ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىشتىن ئارقىدا قالغانلارغا بېرىلگەن ئاللاھنىڭ جازاسىدۇر. باشقىلارنىڭ بايراقنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا ئالماشتۇرۇشنىڭ دەرد ئەلىمىنى ھېس قىلىسەن. باشقىلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئۆزگىچە رەتلەۋاتقانلىقى، سېنىڭ كۆرۈپ ئولتۇرغىنىڭنى كۆرسەڭ ئىلاھىي جازانىڭ مەنىسىنى ھېس قىلىسەن.