2024-يىل 26-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ۋە ئەقىل (1) ئىسلامدىكى ئەقىلنىڭ ئورنى

ئىسلام ۋە ئەقىل

ئەقىل ئاللاھنى تونۇش ۋە ۋەھىينىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنىشنىڭ ۋاستىسى، بىلىم-مەرىپەت ئىگەللەشنىڭ قورالى. ھېس قىلىش، تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىشنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى. ئىسلام ئەقىلنى ھۆرمەتلىدى، ئەقىل ئاساسىدا مەسئۇلىيەت بېكىتتى. ئەقىلنى ھىمايە قىلىشنى بەش زۆرۈرىيەتنىڭ قاتارىدىن قىلىپ بەلگىلىدى. ئەقىلىنى خامۇش قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى چەكلىدى. ئەقىل ئالدىدا ئىزدىنىش مەيدانلىرى ۋە يوللىرىنى ئېچىۋەتتى. ئەقىلگە تەپەككۇر قىلىش ئەركىنلىكىنى يارىتىپ بەردى. ئەقىل ئارقىلىق ئىنساننى باشقا مەخلۇقلاردىن ئالاھىدە قىلدى.

ئىسلامنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بىلىمسىزلىك، نادانلىق، ئاڭسىزلىق، دورامچىلىق ۋە ئاڭسىزلارچە مۇتەئەسسىپلىك قىلىشتۇر. ئىنساننىڭ ئەقلىنى ئىشلەتمەسلىكىنى ئىسلام ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ. ھەر قانداق مەسىلىدىكى ئىسلامنىڭ قورالى بولسا :«گېپىڭلار راست بولسا، پاكىت كۆرسىتىڭلار» (ئەنبىيا، 24-ئايەت).

(1)

ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى

ئەقىل ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەڭ چوڭ نېمەت. ئىسلام دىنى ئەقىلنى ئازات قىلىدۇ. ئەقىلنى ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە ئەركىن تەپەككۇر قىلىشقا، شۇنداقلا ئەقىلنى خۇراپاتلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق نەرسىدىن ئازات قىلىشقا چاقىرىدۇ.

ئىسلام دىنى ئەقىل بىلەن نەقىل يەنى ئەقىل بىلەن ۋەھىي ئارىسىدا زىتلىقنى پەيدا قىلمىدى. مەسىلەن، قۇرئان كەرىم ئەقلى مۆجىزە بولۇپ ئەقىلگە تەڭلەندى، قۇرئان توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئەقىلگە مۇتلەق ئېچىۋەتتى. ئەقىل ۋە چۈشەنچىگە بىۋاستە ئالاقىدار كەلگەن ئايەتلەر قۇرئاندا 300 دىن ئاشىدۇ.

دېمەك، ئىسلامدا نەقىل(قۇرئان) ئەقلى مۆجىزە. ئىسلامدىكى ئەقىل نەقىلنى چۈشىنىش يولى، ئەقىل دىننىڭ ئاساسىي، ئەقىل مەۋجۇت بولمىسا دىن مەۋجۇت بولمايدۇ. مۇتەپەككۇر ماۋرىدىنىڭ ئىپادىلىشى بويىچە:«شەرىئەتنىڭ ئاساسلىرىنى بىلىش ۋە شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرى بىلەن ئەمەل قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان نەرسە ئەقىلدۇر، ئەقىلنىڭ ھۆججەتلىرى شەرىئەت ئاساسلىرىنى بىلىشنىڭ ئاساسىدۇر».

نەقىل نۇر بولسا، ئەقىل كۆزگە ئوخشايدۇ، ئەقىل بولمىسا كىشىلەر  شەرىئەتنىڭ نۇرىدىن پايدىلىنالمايدىغان قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئىسلام قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە بۇيرۇقىغا ئاساسەن تەپەككۇر قىلىش، ئانالىز قىلىش ۋە ئويلىنىشىنى ئىنسانغا  بەلگىلەنگەن بىرىنجى پەرزدۇر، پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئاللاھنى تونۇغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئىسلام ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنجى ئاساس ئەقلى پىكىر يۈرگۈزۈشتۇر. ئىسلامدا ئەقلى پىكىر يۈرگۈزۈش ساغلام ئىماننىڭ ۋاستىسى. ئىسلامدا سەھىھ نەقىل بىلەن كەسكىن ئەقلى ئۇقۇم زىتلىشىپ قالمايدۇ. ئىسلامدا ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەيدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان نېمىتى، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى بىر بىرى بىلەن زىتلاشمايدۇ، ئەقىل نەقىلنىڭ ئاساسىي، ۋەھىينىڭ مۇمكىنلىكى ئەقىل يولى ئارقىلىق ئىسپاتلاندى.

ئىسلام دىنى ئەقىلگە خىتاب قىلىدۇ، ئەقىل ئاساسىدا مەسئۇلىيەت ئارتىدۇ. نەقىل ياكى ۋەھىي ئەقىلگە كائىنات ۋە ھايات ئىشلىرىنى كەڭرى قويۇپ بەردى، ئەقىلگە چەكلىمە قويۇۋالمىدى، بەلكى ئەركىن ئىزدىنىش ۋە ئىجادىيەتكە تەشەببۇس قىلدى. چۈنكى ئەقلى تەپەككۇر تەرەققى قىلىشنىڭ باشلانمىسى، ئەقىل قانچە ئىلغار بولسا، قەدىر قىممەت شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

غەزالىي:«شەرىئەت بىلەن  كۇپايىلىنىپ ئەقىلدىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ، ئەقىل بىلەن كۇپايىلىنىپ شەرىئەتتىن بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئەقلى بىلىملەر غىزانىڭ ئورنىدا بولسا، شەرئى بىلىملەر دورىنىڭ ئورنىدا»

«ئەقىل شەرىئەت بولمىسا ھىدايەت تاپالمايدۇ، شەرىئەت ئەقىل بولمىسا نامايان بولمايدۇ. ئەقىل ئاساس، شەرىئەت بىناغا ئوخشايدۇ»دېگەن.

 دېمەك، ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر بىر ئايەتلىرىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئېنىق ھەقىقەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئىسلامنىڭ مۆجىزىسىنى ئەقلى مۆجىزە قىلىپ بەلگىلىدى. مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئەقىلنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى…

(2)

ئىسلامدىكى ئەقىلنىڭ ئورنى

ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقى دىندىن كېلىپ چىققان، ئاقىلانىلىق دىنغا يات ئەمەس، ياكى دىنغا قارىشى ئىنقىلاب قوزغىمايدۇ. ئىسلامنىڭ ئاقىلانىلىقىنى شەكىللەندۈرگەن كىتاب قۇرئان كەرىم. بۇ كىتاب ئىسلام تارىخىدا دىن، ئۈممەت، دۆلەت ۋە ھەزارەت شەكىللەندۈرۈپ چىققان كىتابتۇر. ئاقىلانىلىق ئىسلامغا قارىشى ئىنقىلاب ئەمەس، بەلكى ئىسلام ئۈچۈن ياردەم بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلام ئالىملىرى ئەقىلنى ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئىقتىدار، تۇغما خىسلەت، نۇر، چۈشەنچە ۋە ئېنىق ھۆججەت دەپ تونۇشتۇرغان.

ئىسلام دىنى ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن نۇر دەپ قارايدۇ، ئەقىل مۇشۇ توغرا دىن بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە مۇشۇ دىننىڭ چۈشىنىش ۋاستىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئەقىلنىڭ ئىسلام پەلسەپىسى ۋە ئىسلام ھەزارىتىدە تۇتقان ئورنى سەۋەبلىك، ئىسلام ئەقلىنىڭ ۋەزىپىسى ئىسلام ئەقىدىسىنى  ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن ۋە نەقىلنى قوللايدىغان ئەقىل لوگىكىسى بىلەن قوغداشتىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام پەلسەپىسى ۋە ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ مەنبەلىرىدە «ئاللاھ ئەقىل ئاساسىدا تونۇلدى، بىلىم-مەرىپەت ئاساسىدا ئىتائەت قىلىندى»دېگەن سۆز كەڭرى تارقالغان.

ئىسلامنىڭ ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنىڭ ۋەزىپىسىنى تونۇشتۇرۇشى، غەربنىڭ ئاقىلانىلىقىنى تونۇشتۇرشدىن ئالاھىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامدىكى ھېكمەت ۋە پەلسەپىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ غەرب ھەزارىتىگە قارىغاندا ئالاھىدە بولغان.

مەسىلەن، غەربتە گرىك دەۋرىدىكى پەلسەپە ۋەھىي ۋە دىننىڭ ئورنىدىكى نەرسە ئىدى. ياۋروپا ئويغىنىشىدىن كېيىنكى يېڭى دەۋردە پەلسەپە دىنغا قارشى ئىنقىلاب بولۇپ شەكىللەندى.

ئىسلامنىڭ ئىدىيە ۋە ھەزارەت چەمبىرىكىدە ئىشنىڭ توغرا بولىشى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

(1).ئىلاھىي ۋەھىي ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرلىك ۋە دىن توغرا.

(2).ئىنسانىي ھېكمەت ۋە ئىنسانىي ئەقىل ئىجات قىلغان ئاقىلانىلىق توغرا.

ئىسلام ئاقىلانىلىقى ئالاھىدە بولغان يۇقىرىقى بۇ ھەقىقەتنى تەكىتلەش ئۈچۈن، ئىسلامنىڭ ئىدىيە مەنبەلىرىدە مۇنداق سۆز كەڭرى تارقالغان.

 ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىدا ئىككى ئەلچىسى بار:

(1). ئىنساننىڭ ئىچىدىن: ئەقىل

(2). ئىنساننىڭ سىرتىدىن: ئەلچى، پەيغەمبەر.

ئىنسان بىرىنجى قىلىپ ئەقلىدىن مەنپەئەتلەنمىسە، سىرتقى ئەلچىدىن پايدىلىنالمايدۇ. چۈنكى ئەقىل پەيغەمبەرنىڭ دەۋاسىنىڭ راستچىللىقىنى بىلەلەيدۇ. ئەگەر ئەقىل بولمىسا ئەلچىنىڭ سۆزى ھۆججەت ئورنىدا تۇرمىغان بولاتتى. شۇڭا ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىرلىكى ۋە پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستچىللىقى توغرىسىدا شەكلەنگەنلەرنى ئەقلىگە ھاۋالە قىلغان. دېمەك، ئەقىل يولباشچى، ئەقىل بولمىغان بولسا دىن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىغان بولاتتى. ئەگەر دىن بولمىغان بولسا ئەقىل ھەيران بولغان بولاتتى، ئىككىسىنىڭ بىرلەشكەنلىكى نۇر ئۈستىدىكى نۇردىن ئىبارەت.

«ئەقىل» دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە 49 ئورۇندا كەلگەن. قۇرئان كەرىم ئەقىلنى باشقا بىر قانچە ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىغان، مەسىلەن:

(1). «قەلب»: قەلب ئىنساننىڭ ھەقىقىتى. قۇرئان كەرىم 132 ئورۇندا ئەقىلنى قەلب ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىگەن. قۇرئان كەرىمنىڭ ئەقىل بىلەن قەلب ئاتالغۇسىنى بىرلەشتۈرگەنلىكى، ئىسلامنىڭ پەلسەپە ۋە مەدەنىيىتىدە قەلبنىڭ تەقۋالىقى بىلەن ئەقىلنىڭ ئاقىلانىلىقىنى بىرلەشتۈرگەنلىكىگە ئىشارەت. قەلب بىلەن ئەقىلنىڭ بىرلەشكەنلىكى ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ قەلبى يوق «مۇتەخەسسىسلەر» بىلەن «ئەقلى يوق فۇقاھالار-ئالىملار) ئارىسىدىكى بەخىتسىز ئايرىلىشتىن پاك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ:«ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھدىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار(ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز»(ھەشىر سۈرىسى، 21-ئايەت). يەنە«ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» (فاتىر سۈرىسى، 28-ئايەت).

(2).«ئەقىل-پاراسەت»:ئەقىل-پاراسەت ئىنساننىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئەقىل دېگەن سۆز«ئەقىل-پاراسەت»دېگەن سۆز بىلەن 16ئورۇندا بايان قىلغان.

(3). «ئەقىل ئىگىلىرى»:ئەقىل ئىگىلىرى قەبىھ قىلمىشتىن چەكلىنىدىغان بولغاچقا ئەقىل دېگەن سۆز ئەقىل ئىگىلىرى دەپ ئاتالغان. بۇ سۆز قۇرئاندا ئىككى ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان.

(4).«تەپەككۇر قىلىش»:يەنى ئانالىز قىلىش. نامەلۇم نەرسىنى بىلىش ئۈچۈن مەلۇم ئىشلارنى رەتلەش دېگەنلىك بولىدۇ. تەپەككۇر قىلىش پايدىلىق ۋە زىيانلىق ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قەلبنىڭ مەشئىلى. ئىبرەت ئېلىش چىرىقى ۋە تاللاش ئاچقۇچى. ھەقىقەتنىڭ تېرىلغۇسى ۋە شەرىئەتنىڭ تەتبىقلىنىش ئورنى.

قۇرئان كەرىمدە ئەقىلنى «تەپەككۇر قىلىش» دېگەن سۆز بىلەن 18 ئورۇندا ئىپادىلىگەن.

(5).«چۈشىنىش»: قۇرئان كەرىمدە ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىق بولۇش دېگەن ئاتالغۇنى«چۈشىنىش» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن 20 ئورۇندا ئىپادىلىگەن.

(6).«تەدەببۇر قىلىش»: ئانالىز قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئويلىنىش دېگەنلىك بولىدۇ. «تەدەببۇر قىلىش»تىن ئىبارەت ئەقىلنى ئىپادىلەپ كەلگەن بۇ ئاتالغۇ قۇرئاندا تۆت ئورۇندا كەلگەن.

(7).«ئىبرەت ئېلىش»:ئەقىلنى ئىپادىلەپ كەلگەن بۇ ئاتالغۇ قۇرئاندا يەتتە ئورۇندا كەلگەن.

(8).«ھېكمەت»:ئىشلارنى جايىدا توغرا قىلىش، ئەۋزەل ئىشلارنى ئەۋزەل بىلىم-مەرىپەت بىلەن بىلىش، ئىشلارنى پۇختا بىر تەرەپ قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. «توغرا ئەقىل»نى ھېكمەت بىلەن ئىپادىلىگەن سۆز قۇرئاندا 19 ئايەتتە كەلگەن.

دېمەك، ئەقىل ۋە ئەقىلنىڭ مەنىداش سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن 267 ئايەتتىن سىرت سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتە، خىتاب قىلىشتا، دەلىل كۆرسىتىشتە، قانائەتلەندۈرۈشتە ۋە خۇسۇمەتچىنىڭ قاراشلىرىنى مات قىلىش توغرىسىدا نەچچە يۈزلىگەن ئايەتلەر كەلگەن.

مەسىلەن:«ئەگەر ئاسمان-زېمىندا ئاللاھدىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى»(ئەنبىيا سۈرىسى، 22- ئايەت).

بۇنىڭغا يەنە ئاللاھنىڭ زاتىنى«دانا زاتتۇر»دەپ سۈپەتلەپ كەلگەن يۈزلىگەن ئايەتلەرنى قوشساق، بىز مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ كامالەت سۈپەتلىرىدىن بىزگە قولايلىق بولغىنىچە سۈپەتلىنىشتىن تەلەپ قىلىنغانلىقىمىزنى بىلسەك، دىن، ئۈممەت، دۆلەت ۋە ھەزارەت قۇرغان قۇرئان كەرىمىدىكى ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنىڭ  ئورنىنى ھېس قىلالايمىز.

يەنە ھەدىس شەرىفلەردە قۇرئان كەرىمىدىكى ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنى تەكىتلەپ ئەقىلنىڭ پەزىلىتى ۋە ئورنى توغرىلىق يۈزلىگەن ھەدىسلەر كەلگەن.

قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ئەقىل ۋە ئاقلانىلىقنىڭ ئورنى  توغرىسىدا كەلگەن بۇ ھۆججەتلەر ئارقىلىق ئىسلام دىنى، ئىسلام پەلسەپىسى ۋە ھەزارىتىدە ئەقىل ۋە ئاقىلانىلىقنىڭ ئورنىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ۋە مىسلىسىز دەرىجىدە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

ئابدۇراھمان كاشىغەرى