2024-يىل 16-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

جېدەل- ماجىرا قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە سەلبىي تەسىرلىرى

جېدەل- ماجىرا قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە سەلبىي تەسىرلىرى

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

خىزمەت قىلىۋاتقان كۆپلىگەن كىشىلەر مۇبتىلا بولۇۋاتقان ئاپەتلەرنىڭ بىرى پايدىسىز جىدەل -ماجىرا قىلىشتۇر. جىدەل -ماجىرا دېگەن باشقىلارنىڭ سۆزىدىن، ياكى مەنىسىدىن ياكى مەقسەت قىلمىغان سۆز ئىپادىلىرىدىن قۇسۇر ئىزدەشنى مەقسەت قىلىشتۇر. بۇ خىل مەقسەتتە جېدەل – ماجىرا قىلىش دىنىمىزدا ئەيىبلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن، گېپىدە ھەقلىق بولسىمۇ، جېدەل -ماجىرانى تاشلىغان كىشىگە جەننەتتىن بىر ئۆيگە ئېرىشىغانلىقى بىلەن كېپىل بولىمەن، يالغانچىلىقنى (چاقچاق بولسىمۇ) تاشلىغان كىشىگە ئوتتۇرھال جەننەتتىن بىر ئۆيگە ئېرىشىغانلىقى بىلەن كېپىل بولىمەن، ئەخلاقي گۈزەل كىشىگە ئۈستۈن جەننەتتىن بىر ئۆيگە ئېرىشىغانلىقى بىلەن كېپىل بولىمەن» دېگەن (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

پەيغەمبەرىىمىز يەنە: «بىر مىللەت ھىدايەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئېزىپ كېتىپ قالسا، جىدەل- ماجىراغا چۈشۈپ قالغان بولىدۇ» دېگەن (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).  

ئەلۋەتتە، جېدەل -ماجىرانى ئەيىبلىگەنلىك ھەرگىزمۇ ھەقىقەتكە چاقىرىش، ھەقىقەتنى پاكىتلار ئارقىلىق مۇداپىئە قىلىش ۋە ھەقىقەتنى ئىزاھلاشقا ئوخشاش ياخشى تۈردىكى تالاش – تارتىشلارنى ياكى مۇنازىرىلەرنى چەكلىمەيدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەقىقەتنى پاكىت بىلەن ئىپادىلەيدىغان مۇنازىرىگە چاقىرىپ: «باشقا پىكىردىكى كىشىلەر بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرلەشكىن» دېگەن (نەھل سۈرىسى، 125 – ئايەت).

يەنە: «ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دېگەن (ئەنكەبۇت سۈرىسى، 46 – ئايەت).

دېمەك، ھەقىقەتنى مەقسەت قىلىدىغان تالاش- تارتىش راستچىل بولۇشنى، دىن ۋە ۋەتەن- مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشنى، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ھەمدە ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق قانائەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىشنى، گەپ -سۆز قىلغاندا پاكىت كۆرسىتىپ گەپ قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك كۆزقارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئەدەبلىك بولۇشنى، تىلىنى پاكىز تۇتۇشنى، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە چېقىلماسلىقنى، ياكى ئۇلارنى مەسخىرە قىلماسلىقنى تەقەززا قىلىدۇ.

جېدەل – ماجىرانىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى

1. نەسىھەت قىلىشنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىرىغا رىئايە قىلماسلىق

ئىسلامدا نەسىھەت قىلىشنىڭ ئەدەب ئەخلاقى بولىدۇ. بۇ ئەخلاقلارنىڭ مۇھىملىرى: قارشى تەرەپ ئاشكارا قىلمىغان ئىش بولسا نەسىھەتنى مەخپى قىلىش، نەسىھەتنى مۇناسىپ ئۇسۇل ۋە مۇناسىپ پەيتتە قىلىش، نەسىھەتنى ئىسلاھات ۋە ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتىش نىيىتىدە قىلىش، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىش ۋە نەسىھەت قىلغۇچى سەمىمىي بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

2. باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەسلىك

ئىنسان بەزىدە باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ياكى ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەي قالسا، ئۆزىنىڭ كاتتا ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ۋە باشقىلارنى ئۆزىنى ھۆرمەتلەشكە قىستاش ئۈچۈن جىدەل- ماجىرا قىلىش يولىغا كىرىپ قالىدۇ.

3.غەلىبە قىلىش ھەۋىسى ۋە مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلماسلىق خاھىشى

جېدەل- ماجىرا قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى غەلىبە قىلىش ھەۋىسى، ھەمدە مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلماسلىق خاھىشى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئىنسان بەزىدە غەلىبە قىلىشقا، ھەمدە مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلماسلىققا ھەۋەس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇ ھەۋىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بارلىق ۋاسىتە- چارىلەرنى ئىشلىتىپ قېلىشى مۇمكىن.

بۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىنى ھەربىر ئىنساننى ئۆزلۈكىدىن ئىنساپلىق بولۇشقا چاقىرىپ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى ) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، ئادىل بولۇڭلار، بۇ (يەنى ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بولۇشۇڭلار) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر» دېگەن (مائىدە سۈرىسى، 8 – ئايەت).

ئەممار ئىبنى ياسىر: «ئۆزلۈكىدىن ئىنساپلىق بولۇش، ھەممە كىشىگە سالام قىلىش ۋە تۇرمۇشى قىيىن بولسىمۇ سېخىلىق قىلىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك سۈپەتنى بىرلەشتۈرەلىگەن كىشى ئىماننى ئۆزىدە نامايان قىلغان بولىدۇ» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

4. ئىجتىمائىي مۇھىت

بەزىدە ئىجتىمائىي مۇھىت جېدەل -ماجىرا قىلىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئىسلام تەربىيەسىنى كۆپرەك ئالمىغان بولسا، ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن كۆپ تەسىرلىنىپ قالىدۇ.

5. ھەقىقەت ۋە توغرا ئىشلارنى بۇرمىلاش

بەزىدە (دىن، ۋەتەن- مىللەت ۋە كىملىككە مۇناسىۋەتلىك) ھەقىقەتلەر ۋە توغرا ئىشلارنىڭ بۇرمىلىنىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك جېدەل- ماجىرا يۈز بېرىدۇ، چۈنكى ئىنسان خاتا يولنى تاللىغان بولسا، ھەقىقەتنىڭ قۇياشى ۋە توغرىلىقنىڭ نۇرىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا جېدەل -ماجىرا قىلىش ھەقىقەت ۋە توغرىلىقنى بۇرمىلاش ياكى خۇنۇكلەشتۇرۇشنىڭ يولى بولۇپ قالىدۇ.

6. ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىش

بەزىدە ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىش ياكى كىبىرلىك قىلىش جېدەل -ماجىرا قىلىشنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئۆزى بىلەن مەغرۇرلانغان ئىنسان ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى قوغداش ئۈچۈن جېدەل- ماجىرا قىلىشقا ۋە ھەر تۈرلۈك ئۇسۇل-چارىلەرنى ئىشلىتىشكە تايىنىدۇ.

7. ئاللاھنى تونۇشنىڭ ئاجىزلىقى ۋە تەقۋاسىزلىق

ئىنساننىڭ قەلبى ئاللاھنى تونۇش ۋە قورقۇشتىن ئاجىز بولسا، ئۇنىڭ قەلبىنى دۇنيا ئىگىلەپ كېتىدۇ، شەيتان ۋەسۋەسە قىلىشقا باشلايدۇ، نەپسى يامانلىققا بۇيرۇيدۇ. مۇشۇنداق ھالەت شەكىللەنگەندە، جېدەل – ماجىرالار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ.

  دېمەك، ئىنسان قەلبىنى تۈرلۈك ئىبادەتلەر بىلەن پاكلاپ تۇرمىسا، پايدىسىز جېدەل- ماجىرا قىلىش قاينىمىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن.

8. قىلىدىغان ئىش يوق بىكارچىلىق

بەزىدە بىر ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ياكى كۈندىلىك قىلىدىغان پروگراممىلىرى بولمىسا، جېدەل- ماجىراغا كىرىپ قالىدۇ، چۈنكى ئىنسان پايدىلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمىسا، زىيانلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ قالىدۇ.

9. جېدەل- ماجىرانىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەسلىك

بەزىدە پايدىسىز جېدەل – ماجىرا قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەسلىك جېدەل- ماجىرا قىلىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، شەرىئەتنىڭ كۆپلىگەن كۆرسەتمىلىرى ھېكمىتى بىلەن بىرگە تىلغا ئېلىنىدۇ، ھەمدە تۈرلۈك شەكىلدە تەكرارلىنىدۇ.

جېدەل -ماجىرانىڭ تەسىرى

جېدەل -ماجىرانىڭ زىيانلىق تەسىرى ۋە يامان ئاقىۋەتلىرى بار:

1. يۈرىكى قېتىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

چۈنكى جېدەل -ماجىرا پايدىسىز كۆپ گەپلەرنى قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ. زىكىرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان كۆپ گەپ-سۆزلەر يۈرەكنىڭ قېتىپ كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «ئاللاھنى ئەسلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان گەپ- سۆزلەرنى كۆپ قىلماڭلار، چۈنكى ئاللاھنى ئەسلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان گەپ -سۆزلەرنى كۆپ قىلىش يۈرەكنىڭ قېتىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ» دېگەن (تىرمىزى رىۋايىتى).

2. باشقىلارنى رەنجىتىش ۋە مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

جېدەل -ماجىرا بىلەن شۇغۇللانغان كىشى قىلىدىغان ئەمەلىي ئىشىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، گەپ -سۆزلەرنى كۆپ قىلىدۇ. ئەمەلىيىتى بولمىغان گەپ- سۆزنىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ، باشقىلار تەرىپىدىن ئالقىشلانمايدۇ ھەمدە باشقىلارنى رەنجىتىشكە سەۋەب بولىدۇ.

3. ئىناۋىتى يوقىلىدۇ ۋە ئادىمىگەرچىلىكى تۆۋەنلەيدۇ

جېدەل – ماجىرا قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى ئاشكارىلايدۇ، خۇسۇمەتچىسىنى قارىلاشقا ياكى يەرگە قارىتىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىنساننىڭ ئىناۋىتى يوقىلىدۇ، ئادىمىگەرچىلىكى تۆۋەنلەيدۇ.

4. بۆلۈنۈش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

جېدەل -ماجىرا يۈرىكى قېتىپ كېتىش، باشقىلارنى ئورۇنسىز خاپا قىلىپ قويۇش، ئىناۋىتى يوقۇلۇش، ئادىمىگەرچىلىكنىڭ چۈشۈپ كېتىشى قاتارلىق نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولسا، بۇ خىل سۈپەتلەرگە دۇچ كەلگەن كىشىنىڭ ئەمەلىي خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىلەن چىقىشىپ ياكى ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى قىيىنغا توختايدۇ.

5. دۈشمەن پايدىلىنىپ كېتىدۇ

بىر مىللەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا مۇناسىۋەت بۇزۇلغان ۋە بۆلۈنۈش پەيدا بولغاندا، دۈشمەننىڭ پايدىلىنىپ كېتىدىغانلىقى، مەقسەت- نىشان يولىنىڭ ئۇزىراپ كېتىدىغانلىقى، تۆلەيدىغان بەدەلنىڭ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدۇر. چۈنكى خىزمەت ئۇسۇلىي ھەققىدە جېدەل -ماجىرا قىلغۇدەك دەرىجىدە تالاش- تارتىش قىلىش بۆلۈنۈش، مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشى، دۈشمەننىڭ پايدىلىنىپ كېتىشى، يولنىڭ ئۇزىراپ كىېتىشى ۋە تۆلەيدىغان بەدەلنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

جېدەل -ماجىرادىن ساقلىنىش ئۇسۇلى

1. ئاللاھتىن قورقۇش، نەسىھەت قىلىشتا ئىسلامنىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرىغا رىئايە قىلىش، نەسىھەتنى مۇناسىپ ئۇسۇل ۋە مۇناسىپ پەيتتە قىلىش، نەسىھەتنى ئىسلاھ قىلىش نىيىتى بىلەن قىلىش، ھەمدە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىشتىن ئىبارەت.

2. باشقا پىكىردىكى كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، چۈنكى باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىنى ھۆرمەتلەش جېدەل -ماجىرادىكى تەرسالىقنى تۈگىتىدۇ.

3. جېدەل -ماجىرادىن يىراق تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، بۇ ئىللەتتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

4. نەپسىنى مەغرۇرلۇق ۋە كىبىرلىكتىن پاكلاش، چۈنكى ئىنسان ئۆزىنى بۇ ئاپەتلەردىن پاكلىيالىسا، جېدەل -ماجىرانىڭ يامان تەسىرىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

5. مۇنازىرە قىلىش توغرا كەلسە، بىلىم- مەرىپەت ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھەمدە ئۇنىڭ ئەدەب- ئەخلاقلىرى بىلەن قوراللانغاندىن كېيىن بولسۇن. شۇنداق بولغاندا پىتنە- پاسات ۋە يامانلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

6. ھەر كىشى نەپسى بىلەن جىھاد قىلىشى، خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشتا جۈرئەتلىك بولۇشى، ھەقىقەتنى كىمدىن بولسۇن قوبۇل قىلىشقا ئادەتلىنىشى لازىم.

7. پايدىسىز جېدەل -ماجىرانىڭ يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.

8. باشقا پىكىردىكىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندا، ئۆزىنىڭ پىكرىنى خاتا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان توغرا پىكىر، باشقىلارنىڭ پىكرىنى توغرا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان خاتا پىكىر دەپ مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.