Screenshot
نېمىشقا پەقەت ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ؟
د. ئابدۇلكەرىم بەككار
بۇ سوئال بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن سەل غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى بىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىنساننىڭ ياخشى بولۇشىنىڭ بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ كەلدۇق، بۇ ئەلۋەتتە توغرا.
لېكىن، بىز «ياخشى ئادەم بولۇش»نىڭ ئۆزىلا بىر ئورگاننى باشقۇرۇشقا، بىر تۈرنى قۇرۇپ چىقىشقا ياكى بىر مىللەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا يارايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان چاغدا مەسىلە چىقىشقا باشلايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ياخشى ئادەم تەجرىبە ۋە قابىلىيەتتىن مەھرۇم بولسا، بىر مەكتەپنى باشقۇرۇشتا مەغلۇپ بولىدۇ، بىر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا ئاجىزلىق قىلىدۇ ۋە ئۆزى بىلىپ-بىلمەي پايدىلىق بىر تۈرنىڭ توختاپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
ياخشى نىيەت بىلىمنىڭ ئاجىزلىقىنى تولدۇرالمايدۇ.
گۈزەل ئەخلاق ماھارەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.
سەمىمىيلىك پىلانلاش، تەشكىللەش ۋە پۇختا ئىشلەش ئېھتىياجىنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ.
شۇڭا، نۇرغۇن مەسئۇلىيەتلىك ئورۇنلاردا سوئال ھەرگىزمۇ «پەقەت كىم ئەڭ ياخشى ئادەم؟» دەپ سورالماسلىقى كېرەك، بەلكى «كىم ئەڭ مۇۋاپىق (لاياقەتلىك)؟» دەپ سورىلىشى كېرەك. بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بار.
ئەڭ لاياقەتلىك ئادەم ئىشەنچلىك بىلەن قابىلىيەتنى، گۈزەل ئەخلاق بىلەن نەتىجە يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە جەم قىلغان كىشىدۇر.
نۇرغۇن جەمئىيەتلەر كىشىلەرنىڭ پەقەتلا «ياخشى ئادەم» بولۇشىغا تايىنىپ، ئۇلارنى قابىلىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن چوڭ پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدى. شۇنداقلا، يەنە نۇرغۇن جەمئىيەتلەر قىممەت قاراش ۋە ئىشەنچلىك بولۇشتىن يىراق، پەقەت قابىلىيەت ئىگىلىرىنىلا ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىپ قويغانلىقى ئۈچۈن زىيان تارتتى.
توغرا يول ئۇمۇ ئەمەس، بۇمۇ ئەمەس. چۈنكى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى پەقەت ياخشى ئادەملەرلا ياكى پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا يارىتالمايدۇ. بەلكى ئۇنى توغرىلىق بىلەن پۇختىلىقنى، قىممەت قاراش بىلەن ماھارەتنى، سەمىمىيلىك بىلەن كەسىپچانلىقنى ئۆزىدە جەم قىلغان ئەر-ئاياللار يارىتىدۇ.
بىز بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەندە، ھەقىقىي تەربىيەلەشنىڭ پەقەتلا بىر «ياخشى ئادەم» يېتىشتۈرۈش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭ جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايدىغان، بىر ئىشنى قۇرۇپ چىقىدىغان ۋە بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان «لاياقەتلىك ياخشى ئادەم» يېتىشتۈرۈشكىچە كېڭىيىدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.
دېمەك، ياخشىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ، قابىلىيەت بولسا ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىلا كەم بولسا، مەغلۇپ بولۇش ناھايىتى يېقىندۇر.