ئاۋام خەلق مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئوزۇق مەنبەسى
مۇتەپەككۇر ئابدۇراھمان كاۋاكىبى مۇنداق دەيدۇ:
«ئاۋام خەلق مۇستەبىتنىڭ ئوزۇقى ۋە كۈچ-قۇۋۋەت مەنبەسىدۇر. مۇستەبىت ئۇلار ئارقىلىق كۈچلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ باشقىلارغا بېسىم قىلىدۇ.
مۇستەبىت ئاۋام خەلقنى ئەسىر ئالسا، ئۇلار مۇستەبىتنىڭ شان-شۆھرىتى ئۈچۈن تەكبىر توۋلايدۇ؛
مۇستەبىت ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلسا، جانلىرىنى ئامان قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن ھەمدۇسانا ئېيتىشىدۇ.
ئۇلارنى خارلاپ تۇرسىمۇ، ئۇنى ئۇلۇغلاپ كۆككە كۆتۈرىدۇ؛
بىر-بىرىگە ئۇرۇشقا سالسا، ئۇنىڭ ›دانا سىياسىتى’دىن پەخىرلىنىدۇ.
ئەگەر مۇستەبىت مىللەتنىڭ مال-مۈلكىنى ئىسراپ قىلىۋەتسە، ئۇنى ›سېخى‹ دەپ ئاتايدۇ.
ئەگەر ئادەم ئۆلتۈرۈپ، بەك قىيناپ ئۆلتۈرمىگەن بولسا ›رەھىمدىل‹ دەيدۇ. ئۇلارنى ئۆلۈم خەۋپىگە ھەيدەپ ماڭسا، جازالىنىشتىن ئەنسىرەپلا بويسۇنىدۇ.
ئەگەر بەزى ۋىجدانلىق كىشىلەر مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى چىقسا، ئۇلار ئەكسىچە ئاۋام خەلق تەرىپىدىن زۇلۇمنىڭ سەۋەبچىسى قاتارىدا كۆرۈلۈپ، قارشىلىققا ئۇچرايدۇ.
خۇلاسە شۇكى، ئاۋام خەلق ئاڭسىزلىقى ۋە نادانلىقىدىن كېلىپ چىققان قورقۇنچ سەۋەبىدىن، ئۆزلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن بوغۇزلايدۇ»