2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

تۇرمۇشنى ياخشىلاش ھەققىدىكى بەزى ئويلار

تۇرمۇشنى ياخشىلاش ھەققىدىكى بەزى ئويلار

1.ئۆزىنى ياخشى چۈشىنىش

 ئۆزىنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى، تولۇقلاشقا تېگشىلىك ئاجىزلىق نۇقتىلىرىنى بىلىش ھەمدە ھەر زامان ۋە ھەر ئورۇندا ئاڭ سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم.

2. بىر ئىشتىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەسلىك

 بىر تىل، بىر-كەسىپ ياكى بىر ھۈنەر ئۆگەنمەكچى بولسا، چىداملىق بولۇش لازىم. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كەسپىگە قوشۇمچە تۈرك تىلى،  ئىنگلىز تىلى، گىرافىك كەسىپلىرى ۋە كومبىيوتىر بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى زاماننىڭ تەقەززاسىدۇر.

3. ئاددىي ساددا ياشاشنى ئۆگىنىش

بار ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىش ۋە زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرگە ئىنتىلمەسلىك ئارقىلىق ئاددىي ساددا ياشاش ماھارىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.  ئاددىي ساددا ياشاش ماھارىتى ئۆزىنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىقتىسادچان بولۇشنى ھەمدە مۇھىم بولمىغان نەرسىلەرگە ياكى ئىشلارغا پۇل ئىسراپ قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

4. تۇرمۇشىنى تەرتىپكە سېلىش

ۋاقىتنى سائەتمۇ – سائەت رەتكە سېلىش، ئوقۇشنى رەتكە سېلىش، ئىشنى رەتكە سېلىش، ئۆينى تەرتىپلىك تۇتۇش، نەرسە – كېرەكلەرنى ئۆز ئورنىدا رەتلىك قويۇش، ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان بولۇش روھىنى يېتىلدۈرۈش لازىم.

5. سۆرەلمىلىك قىلماسلىق

بىر مەكتەپتە ئوقۇماقچى، بىر تىل ئۆگەنمەكچى، بىر كەسىپ ئۆگەنمەكچى، بىر ئىش قىلماقچى بولسا… سۆرەلمىلىك قىلماي دەرھال باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى ئەنسىرەش ياكى ئىككىلىنىش ئۈنۈم قازىنىش يولىغا توسالغا پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇمچە، قىلماقچى ياكى ئۆگەنمەكچى بولغان ئىشقا پۈتۈن زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، شۇنداق قىلغاندا نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ.

6. ئۆزىگە ئەھمىيەت بېرىش

بىر ئىشتا نەتىجە قازانماقچى بولغان كىشى دەسلەپتە ئۆزىگە ئەھمىيەت بېرىشى، سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، كەڭ قورساق بولۇشى، باشقىلاردىن ياخشى مۇئامىلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىمۇ باشقىلارغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندا قىيىن شارائىتلاردا ئەسقاتىدىغان ۋە ئۈنۈم قازىنىش يولىدا ياردەمچى بولىدىغان ياخشى دوستلارغا ئېرىشەلەيدۇ.

7. ئىش-ھەرىكەت قىلىش روھىغا ئىگە بولۇش

ئىش-ھەرىكەت قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. مۇناسىپ ئىش چىققاندا ئۇ ئىشنى قىلىش ئىش-ھەرىكەت قىلىش روھىنىڭ يېتىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر ئىش-ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا كۆپ شىكايەت قىلىدىغان بولۇپ قالسا، ئىش-ھەرىكەت قىلىش روھىغا تېخى ئىگە بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ھالال ياكى توغرا ئىش-ھەرىكەت بولسا، ئۇ ئىشقا ئۆزىنى كۆندۈرۈشكە ۋە بۇ يولدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

8. تەپەككۇر قىلىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش

قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدا ئۈنۈم قازىنىش ئۈچۈن ئاقىلانىلىك بىلەن ئىش-ھەرىكەت قىلىشقا ۋە تەپەككۇر قىلىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

9. ھەممە كىشىلەرنى رازى قىلىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى چارچىتىۋالماڭ

سىزنى ھەقىقىي قەدىرلىمەيدىغان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئېسىل كۆرۈنىمەن دەپ، ئۆزىڭىزنى كۆپ چۈشۈرمەڭ، شۇنداقتىمۇ ياخشىلىق قىلىڭ، قىلغان ياخشىلىقىڭىزدا بىرسىنىڭ مەدھىيلىنىشى كۈتمەڭ.

سىزنىڭ ياخشىلىقىڭىز ۋە قۇربان بېرىشىڭىزنى ھۆرمەتلىمەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ياخشىلىق قىلىش ۋە قۇربانلىق بېرىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى چارچاتماڭ، چۈنكى سىز ئۇلارنى رازى قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلىق بەرسىڭىز، يەنىلا رازى قىلالمايسىز. چۈنكى، سىزنىڭ تۇتقان بىرەر پوزىتىيسىڭىز ئۇلارغا ياقماي قالسا، ھەممە ياخشىلىقىڭىزنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ. شۇنداقتىمۇ ياخشىلىق قىلىشتىن ۋاز كەچمەڭ، قىلغان ياخشىلىقىڭىزدا بىرسىنىڭ مەدھىيلىنىشى كۈتمەڭ، چۈنكى سىز تىنىقىڭىزغا قارىغاندا ياخشىلىققا بەكرەك موھتاج.

ئاللاھ سىزگە ئاتا قىلغان نەرسىلەردىن كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ تۇرۇڭ، ئۆزىڭىزنى بەك چارچاتمىغان ئاساستا قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىڭ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەدھىيلىشىنى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى قايتۇرۇشىنى كۈتمەڭ ھەمدە ئۇلاردىن سىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىنى كۈتمەڭ.

سىزگە دەيدىغىنىم شۇكى، كۆڭۈل راھىتىڭىزنى قۇربان قىلماڭ، قىممىتىڭىزنى چۈشۈرۋېتىشكە يوق قويماڭ، كىشىلەردىن ياخشىلىقىڭىزنىڭ جاۋابىنى قايتۇرۇشنى كۈتۈپ ھەسرەت چەكمەڭ، قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭىزغا ھەرگىز پۇشايمان قىلماڭ، ھەرقانداق ياخشىلىقنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆزىدە ياخشى ۋە ئېسىل بولسىڭىز يېتىدۇ، چۈنكى ھەممە كىشىلەرنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس.

10. كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۇسۇللىرى

كىشىلەرنى ئۆزىڭىزگە ئوخشاش نۇسخىدا قىلىشقا ئۇرۇنماڭ، ئۇلارنىڭ سىزگە ئوخىشىمايدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ھۆرمەتلەڭ ھەمدە كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ ياشاشقا تېرىشىڭ.

بىرسىگە نەسىھەت قىلىشقا ۋە يول كۆرسىتىشكە ئالدىرىماڭ، ئىيجابىي بولۇڭ، باشقىلارنىڭ سىزنى چۈشىنىشىگە پۇرسەت بىرىڭ. مەجبۇر بولمىسىڭىز بىرسىنى تەنقىد قىلماڭ، چۈنكى ھەممىسى سىزگە ئوخشاش شارائىت، مۇھىتنىڭ قۇربانلىقىغا ئۇچرىغان.

ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلاپ بىرىڭ، گەپنى ھەممىدىن بۇرۇن قىلىشقا ئالدىرىماڭ، باشقىلارنىڭ گەپ قىلىشىغا پۇرسەت بىرىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز باشقىلارنى چۈشىنەلەيسىز. مۇناسىپ ۋاقىت كەلمىگىچە پىكىرنى بايان قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ.

سىز ئۆزىڭىز بىلەن سۆھبەتتە ئولتۇرغان كىشىلەرگە ئولتۇرۇش شەكلى، ئاۋاز تاۋۇشى ۋە بەدەننىڭ ھەرىكەتلىرىدە ماسلىشىشقا تېرىشىڭ. سۆھبەتتە ماسلىشىپ بەرگەنلىك ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى ئۇ سۆھبەتنى توغرا يۆلىنىشكە يۈزلەندۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.

كىشىلەرگە سەمىمىي تەبەسسۇم بىلەن قاراڭ، بۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە كىرىشىنىڭ ئەڭ تېز ئۇسۇلىدۇر. كىشىلەرنى چىرايلىق ئىسىم بىلەن چاقىرىڭ، ئۆزىڭىزنى ئاددىي تونۇشتۇرۇڭ. ئەگەر باشقىلار ئۆزىنى ئۇنۋانى ۋە لەقەملىرى بىلەن تونۇشتۇرغان بولسا، ئۇ كىشىگە ئۇنۋانى بىلەن گەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىڭ. چۈنكى، بەزى كىشىلەر ئۇنۋانغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

كەمتەرلىك دېگەن ئۆزىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۆۋەن كۆرسىتىشنى ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىنى ۋە ھۆرمىتىڭىزنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى ۋە قەدىرلەشنى ئىپادىلەيدۇ.

ھاياتقا قارائەينەك بىلەن قارىماڭ، دائىم كىشىلەرنى ئۈمىدۋار قىلىشقا تىرىشىڭ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرمەڭ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي