بۈيۈك مۇتەپەككۇر مالىك بىن نەبىنىڭ «ئويغىنىش شەرتلىرى» ناملىق بۇ نادىر ئەسىرى پەقەت ئالجىرىيە ياكى ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇستەملىكە زەنجىرىنى چېقىپ تاشلاش تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان نوقۇل سىياسىي خىتابنامە ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ، بىر خەلقنىڭ قانداق قىلىپ زاۋاللىق گىردابىغا پېتىپ قالىدىغانلىقىنى ۋە قانداق شەرتلەر ھازىرلانغاندا قايتىدىن ھاياتلىق بۇلىقىغا ۋە ھۆرلۈك ئارزۇسىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان چوڭقۇر پەلسەپەۋى، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىق ئانالىزىدۇر.
گەرچە بۇ ئەسەر يېرىم ئەسىر مۇقەددەم ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسىمى مۇستەملىكە ئاستىدا تۇرۇۋاتقان زامانلاردا پۈتۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قۇرلىرى ئارىسىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن ئاچچىق ھەقىقەتلەر خۇددى بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ قانلىق مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئېغىر پاجىئەلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە چىقىش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس يېزىلغاندەكلا بىزنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزغا ئەينەن ماس كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ نادىر ئەسەرنى ئانا تىلىمىزغا ئۆرۈش ۋە ئۇنىڭدىكى ئويغىنىش روھىنى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىگە سىڭدۈرۈش — بىزنىڭ مۇقەددەس كۈرەش مۇساپىمىزدە يېڭى بىر ئىدىيەۋى بۇرۇلۇش شەكىللەندۈرۈشتىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
كىتابتىكى بىزنى ئەڭ قاتتىق چۆچۈتىدىغان ۋە ئويغىتىدىغان ئۇقۇملارنىڭ بىرى، «مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش خاراكتېرى»دۇر. مۇتەپەككۇرنىڭ نەزىرىدە، مۇستەملىكىچىلىك پەقەتلا تاشقى بىر كۈچنىڭ ۋەھشىيلەرچە بېسىپ كىرىشى بىلەنلا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ؛ بەلكى بىر مىللەت ئۆز كىملىكى بىلەن قىممەت قارىشىنى ئۇنتۇپ، ئىدىيەسىنى ۋە ئىچكى روھىنى مۇستەملىكىچىنىڭ خارلىقىنى قوبۇل قىلىشتىن ۋە ئۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىشتىن قۇتۇلدۇرمىغۇچە، مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمىدىن ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قەتئىي قۇتۇلالمايدۇ.
بۇ شۇنى دېمەكچىكى، بىز ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن: «بىز قانداق بولۇپ خىتاينىڭ مۇستەملىكە تورىغا چۈشۈپ قالدۇق؟ قايسى ئىچكى ئاجىزلىقلىرىمىز، نادانلىقلىرىمىز ۋە مەنىۋى چېكىنىشلىرىمىز خىتاينىڭ قۇتلۇق زېمىنىمىزدا يىلتىز تارتىشىغا دەرۋازا ئېچىپ بەردى؟» دەپ سورىشىمىز ۋە بۇ ئاچچىق ھەقىقەت بىلەن يۈزلەشمىكىمىز شەرت. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىمىز تاجاۋۇزچى ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتلا ئەمەس، بەلكى ئۆز قەلبىمىزدىكى ئاشۇ زۇلۇمغا كۆنۈپ قالغان، خارلىققا ماسلىشىپ قالغان ۋە تاجاۋۇزچى زالىمنى دۈشمەن كۆرۈپ قارشىلىق بىلدۈرمەيدىغان ئاجىز روھىي ھالىتىمىزدۇر.
ئاپتور ئالجىرىيەنىڭ فىرانسىيەگە قارشى كۈرىشىدە مەيدانغا چىققان قەھرىمانلىق داستانلىرىنى تىلغا ئېلىپ، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشتا پەقەت «قەھرىمانلىق»نىڭلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئالجىرىيە خەلقى ئەمىر ئابدۇلقادىرغا ئوخشاش قورقۇمسىز باتۇرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، بۇ قەھرىمانلىق مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمۇ باتۇرلارنىڭ، شېھىتلەرنىڭ قانغا مىلەنگەن داستانلىرى بىلەن تولغان بولسىمۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن قوزغىلاڭلىرىمىز مەغلۇبىيەت تارىخىغا ئايلىنىپ قالدى؟ نېمە ئۈچۈن مىللەت خاراكتېرلىك قايتىدىن باش كۆتۈرەلمىدۇق؟ كىتاب بىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇكى، قەھرىمانلىق بىر خەلقنىڭ ئىززىتىنى قوغدايدۇ؛ ئەمما بىر مىللەتنىڭ كىرىزىسى ماھىيەتتە ئۇنىڭ ئىدىيە كىرىزىسى ۋە مەدەنىيەت مەسىلىسىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. جەمئىيەتنى قۇتقۇزۇش پەقەت يەككە شەكىلدە شەرەپ ئۈچۈنلا جانپىدالىق قىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى كوللېكتىپ شەكىلدە تارىخىي ۋەزىپىنى، يەنى كىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قوغداشنى، قىممەت قاراشتا چىڭ تۇرۇشنى، مەدەنىيەت ئېڭى يارىتىشنى، يېڭى بىر ئىنسان يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ.