2024-يىل 24-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قەلب قاچان يول باشچى بولالايدۇ؟

قەلب قاچان يول باشچى بولالايدۇ؟

قەلب ئاللاھ نەزەر تاشلايدىغان ئورۇندۇر. شۇڭا، قەلبنى دۇنيادا ئىسلاھ قىلالىغان كىشى ئاخىرەتتە نەتىجە قازىنالايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن بارلىق كۆرسەتمىلەر قەلب ئۈچۈن غىزادۇر ۋە دورىدۇر. ئەمما، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە سەل قاراش قەلبنىڭ كېسەللىك ئالامىتىدۇر.

قەلب ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى ساغلام تونىغاندا، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنغاندا، ئەمەل قىلغاندا ۋە پۈتۈك كۈچى بىلەن تۇتۇپ ماڭغاندا، ئاندىن ساغلام قەلب باسقۇچىغا يېتەلەيدۇ.

ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە رازىلىق بىلەن بويسۇنىدىغان ۋە ئۇ كۆرسەتمىلەرنى جانلىق شەكىلدە قوبۇل قىلىدىغان قەلب ساغلام قەلب ھېسابلىنىدۇ.

ساغلام قەلب ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئاللاھتىن قورقىدۇ. ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىبادەت دەپ ئادا قىلىدۇ. لېكىن بەزى كىشىلەر ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئىبادەت دەپ ئادا قىلماي، ئادەتلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ياكى قاتاردىن چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئادا قىلىدۇ.

قەلب ساغلام بولغاندا، قۇرئان توغرىسىدا، ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرى ۋە پىرىنسىپلىرى ھەققىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن زېرىكمەيدۇ، ئىبادەت قىلسا ھوزۇرلىنىدۇ، ئىتائەت ئىشلارنى قىلالىسا خۇرسەنلىك ھېس قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە بولغان سۆيگۈسى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ.

ساغلام قەلب دائىم تەۋبىگە ئالدىرايدۇ، ئاللاھنى ئەسلەشتىن يالتايمايدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن ھېرىپ قالمايدۇ، ناۋادا بىرەر ئىبادەت قولدىن كېتىپ قالسا، قاتتىق ھەسرەت چېكىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىبادەتلەردە يېمەك- ئىچمەكتىكى لەززەتتىنمۇ بەكرەك لەززەت ھېس قىلىدۇ. نامازغا كىرسە دۇنيا غېىمى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.

ساغلام قەلب ئىگىسىنىڭ تىلىدىن ۋە ئەزالىرىدىن ياخشىلىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەمما كېسەل قەلب ئىگىسىنىڭ تىلىدىن ۋە ئەزالىرىدىن يامانلىق چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ تۈردىكى قەلب ئىگىسىگە يول باشچى بولالايدۇ.

ئەمما قەلب ساغلام بولمىسا، ياخشى ئىش قايسى، يامان ئىش قايسى ئۇنى بىلمەيدىغان ۋە دىققەت قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ساغلام بولمىغان قەلب ئىبادەت قىلسا لەززەت ئالالمايدۇ، ئاللاھ بىلەن سىردىشالمايدۇ، ناماز ياكى قۇرئان ئوقۇغاندا لەززەت ھېس قىلالمايدۇ، زاكات بېرىشنى ۋە خەيرى ئېھسان قىلىشنى ئېغىر كۆرىدۇ. قېرىنداشلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ھەسەتخورلۇق، چوڭچىلىق، مەنمەنچىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك، يالغان سۆزلەش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئۆچمەنلىك قىلىش، خاتا ئىدىيەلەرنى بازارغا سېلىش قاتارلىق چەكلەنگەن ھارام ئىشلاردىن ساقلانمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئابدۇراھمان كاشىغەرىي