كىشىلىك تۇرمۇشتىكى مۇھىم ئەخلاق مىزانلىرى
ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ: باشقىلارنىڭ ئەخلاقىنى تەنقىد قىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى كۆزدىن كەچۈرۈڭ.
ئۆزىڭىزنى مۇھاكىمە قىلىڭ: باشقىلارغا يامان كۆزدە قاراشنىڭ ئورنىغا، ئۆز قىلمىشلىرىڭىزنى مۇھاكىمە قىلىڭ.
گۇماندىن نېرى بولۇڭ: ئۆزىڭىزنى ھەممىدىن تۈزۈك چاغلاپ، باشقىلارغا يامان گۇماندا بولماڭ.
كەمتەر بولۇڭ: ئۆزىڭىزنى ئاقلاشقا ئالدىرىماڭ؛ باشقىلار سىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن.
تەنقىدنىڭمۇ ئەخلاقى بار: كىشىلەرنى تەنقىد قىلغاندا ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە زەربە بەرمەي، بەلكى ئىدىيە-قاراشلىرىغا يۈزلىنىڭ ھەمدە تەنقىد ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ.
ئەينەك قائىدىسى: باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سىزمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ.
ھېسداشلىق قىلىڭ: ئۆزىڭىزگە نېمىنى راۋا كۆرسىڭىز، باشقىلارغىمۇ شۇنى لايىق كۆرۈڭ. ئۆزىڭىزگە خالىمىغاننى باشقىلارغىمۇ تاڭماڭ.
مەنپەئەت يەتكۈزۈڭ: كىشىلەرگە ھەسەل ھەرىسىدەك مەنپەئەتلىك بولۇڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ، ۋابا تارقىتىدىغان چىۋىندەك بولۇپ قالماڭ.
ئادالەتنى ياقىلاڭ: ھەرقانداق كۆزقاراش ۋە تەنقىدلىرىڭىزدە ئادالەت، ھەقىقەت ۋە ئىنساب تەرەپتە تۇرۇڭ.
تىلىڭىزغا ئىگە چىقىڭ: كىمكى ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ، ئەقلىنى كونترول قىلالىسا، تىلىنى قاملاشمىغان سۆزلەردىن شۇنچە تارتالايدۇ.
مەغرۇرلانماڭ: دائىم ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆزىڭىزنى ھەممىدىن ئەۋزەل، ھەممىدىن ياخشى، ھەممىدىن ئەقىللىق ۋە ھەممىدىن بىلىملىك چاغلاپ ئۆزىڭىزگە تەمەننا قويماڭ.
كەڭ قورساق بولۇڭ: ئىمكانقەدەر كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ، ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزرە ئىزدەڭ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي