2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

سىياسىي ھەرىكەت ۋە دەۋەت تەربىيەدىن ئايرىلغاندا

سىياسىي ھەرىكەت ۋە دەۋەت تەربىيەدىن ئايرىلغاندا

ئىسلام كۆرسەتمىسى ئاساسىدا سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەرىكەت ياكى تەشكىلات بىرىنچى بولۇپ روھىي، ئەقلىي، پىكرىي ۋە بەدىنى تەربىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئىككىنچى بولۇپ، دىنىي ۋە دۇنيالىق نىشانلارنى تەڭ بىرگە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، سىياسىي پائالىيەت ئەخلاقىي قممەت قاراشلاردىن ئايرىلمايدۇ.

چۈنكى سىياسىي ھەرىكەتتە قەلبىنى پاكلاش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغاندا، سەمىمىيلىك، راستچىللىق، قېرىنداشلىق، ھەمكارلىق، ئۆتۈنۈش، ئۆزئارا بىر بىرىگە ياردەم بېرىش، بىر بىرىگە قەلبىنى پاك تۇتۇش، بىر- بىرىنى دۈشمەن تۇتماسلىق… قاتارلىق گۈزەل سۈپەتلەر شەكىللىنىشكە باشلايدۇ.

ئەگەر سىياسىي پائالىيەتچىلەر روھىي، ئەخلاقى ۋە ئەقلىي تەربىيەگە ئەھمىيەت بەرمىگەندە، ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئاجىزلاپ كېتىدۇ، جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەت شەخسىيەتچىلىك ۋە پۇرسەتپەرەسلىككە ئايلىنىپ قالىدۇ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ.

ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن سىياسىي پائالىيەت قىلىمىز دەيدىغان ھەرىكەت ياكى تەشكىلات ئەزالىرىغا دائىم  ئىمان، ساغلام ئىدىيە ۋە ئەخلاق تەربىيەسىي ئېلىپ بارمىسا، سىياسىي ھەرىكەت يولى توغرا يولدىن بۇرۇلۇشقا باشلايدۇ، غايە ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاسىتىنى ئىشلىتىشتىن گۇناھ ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەخلاقىي بۇزۇلۇپ غەيۋەت، ھەسەت، سۈخەنچىلىك، زەھەرخەندىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك، مەنمەنچىلىك ۋە كىبىرلىك پاتقىقىغا كىرىپ قېلىشتىن ساقىلىنالمايدۇ. ئەخلاقىي بۇزۇلغانلىقتىن يالغان سۆزلەشتىن، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىشتىن،  ماددىي ۋە مەنىۋى ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتىن، ئىمزا ئېتىپ بولۇپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن، خاپۇلىشىپ قالسا ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاش…تىن ئىبارەت مۇناپىقلىقنىڭ سۈپەتلىرىنى سىڭدۈرۈۋالىدۇ.

سىياسىي ھەرىكەتتە ۋە دەۋەتتە ھەر دائىم قەلبىنى پاكلاش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلمىغاندا، ھەر تۈرلۈك كېسەللەر باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلايدۇ، ئەخلاق بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ، شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك، مەنمەنچىلىك، ھاكاۋۇرلۇر ۋە بىشەملىك ئەۋج ئالىدۇ، ئۆزىنى  بىردىن بىر توغرا دەپ دەۋا قىلىش ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىش بازار تاپىدۇ. بۇ ئىللەتلەر قېرىنداشلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، ئىشەنچىنى ئۆرۈپ تاشلايدۇ، ھەمكارلىقنى ئۆلتۈرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، دەۋەت قىلغۇچىلار ۋە سىياسىي پائالىيەت قىلغۇچىلار مەنسەپ، شۆھرەت، ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىش، ئۆزىنى بىردىن بىر توغرا ئىش قىلىۋاتقان قىلىپ كۆرسىتىشتەك خاتا قىلمىشلاردىن يېنىپ، ئىمان دەرىجىسىنى ۋە ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشتا رىقابەتلىشىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھقا ئىمان، ئىبادەت بىلەن يېقىنلاشقىلى بولغاندەك، كۆيۈنۈش، ئۆتۈنۈش، كەڭ قورساق بولۇش، كەمتەر بولۇش، ئەپۇ قىلىۋېتىش، چوڭچىلىق قىلماسلىق، خىزمەت ئورنى قەيەرنى تەقەززا قىلسا، شۇ يەردە تۇرۇپ خىزمەت قىلىش، مەنسەپ ۋە شۆھرەتپەرەسلىككە كۆز قىرىنى سالماسلىق… تەك گۈزەل ئەخلاقلار بىلەنمۇ يېقىنلاشقىلى بولىدۇ. بەلكى بۇ گۈزەل ئەخلاقلار  سىياسىي مەيداندىكى پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن ئىماننىڭ ساغلام ۋە ئاكتىپ ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسىسدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۆمىنلەرنىڭ ئەخلاقىنىڭ گۈزەل بولغىنى ئىمانىنىڭ مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر» دېگەن (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

دېمەك، ئىمان تەربىيەسى، قەلبنى پاكلاش تەربىيەسى، ئەخلاق تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسىي پائالىيەتچىلەر شەخس ياكى تەشكىلات بولسۇن پارچىلىمايدۇ، بەلكى بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ، ئىسلاھ قىلىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ. بىرەرسى بىلەن بىرەر كۆزقاراشتا كېلىشەلمىسە، ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە چېقىلمايدۇ. توغرا دەپ قارىمىغان پىكىرنى تەنقىد قىلىدۇ، لېكىن تۆھمەت قىلمايدۇ ياكى ئامانەت قىلىنغان سىرنى يېيىپ خىيانەت قىلمايدۇ. ناۋادا تارماق بىر ئىش سەۋەبىدىن خاپۇلىشىپ قالسا، بازارغا سېلىپ جاكارلىماستىن ئۆز ئىچىدە تېز پۇرسەتتە مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تېرىشىدۇ.

مانا بۇلار توغرا يولدا مېڭىۋاتقان ياخشى كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

2021. 12. 24 كۈنى