2024-يىل 29-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قەلبنى ساپ تۇتقاندا

قەلبنى ساپ تۇتقاندا

قەلبنى ساپ تۇتقاندا ياكى ئۆز ئارا سەمىمىي بولغاندا، ئوخشىمايدىغان نۇقتىلارنى توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇۋەتمەي، ئىيجابىي پايدىلىق تەرەپكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

قەلبنى ساپ تۇتقاندا، ئەقىل بىرلەشمىسىمۇ، قەلب بىرلىشىدۇ.

قەلبنى ساپ تۇتقاندا، مەرىپەت بىلەن بىرلىكتە ئەخلاق مۇكەممەل شەكىلدە جانلىنىدۇ. چۈنكى بىلىم مەرىپەت ۋە ئاڭ سەۋىيەنىڭ ھەر خىل بولۇشى تەسەۋۋۇر، پوزىتسىيە ۋە كۆزقاراش جەھەتتە تۈرلۈك بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ، لېكىن ئەخلاق بىلىم – مەرىپەت ۋە ئاڭ سەۋىيەنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۆزئارا بىر-بىرىگە قوپاللىق قىلىش، ھاكاۋۇرلۇق قىلىش، ھەسەت قىلىش، دۈشمەنلىك قىلىشتىن توساپ قالىدۇ.

قەلبنى ساپ تۇتقاندا، ئىمانىي، سىياسىي، پىكرى جەھەتتىن ئىتتىپاققا كەلگەن ياكى ئورتاقلاشقىلى بولىدىغان نۇقتىلاردا ھەمكارلاشقىلى بولىدۇ. چۈنكى، تەجرىبىلەر ئاساسلىق مەسىلىلەردە، شەرئى پىرىنسىپلاردا، ھايات- ماماتلىق مەسىلىلىرىدە بىرلىشىشنى ياكى ھەمكارلىشىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ھالقىلىق مەسىلىلەردىكى تالاش – تارتىشلارغا كۆز يۇمماي ھەل قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

لېكىن تارماق مەسىلىلەر ئەقلىمىز، قەلبىمىز ۋە ھېسسىياتىمىزغا تەسىر كۆرسەتسە ياكى كونترول قىلىۋالسا بولمايدۇ. تارماق مەسىلىلەر مۇناسىۋەت ئاچقۇچى بولۇپ قالسا، ئىچكى توقۇنۇش، ئۆزئارا دۈشمەنلىشىش، بىر- بىرىگە گۇمان بىلەن قاراش ۋە بىر -بىرىنىڭ يامان گېپىنى تارقىتىش دېگەندەك ئىللەتلەر شەكىللىنىپ قالىدۇ.

قەلبنى ساپ تۇتقاندا، ئىتتىپاق نۇقتىلاردا ھەمكارلاشقىلى، ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشلاردا بىر- بىرىگە يول بولغىلى بولىدۇ.

قەلبنى ساپ تۇتقاندا، گۈزەل ئەخلاقنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ.

قەلبنى ساپ تۇتقاندا، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئەخلاقى بىلەن ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنچىلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكتىن ئىبارەت پاسسىپ ئىللەتلەردىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

قەلبنى ساپ تۇتقاندا، مەنمەنچىلىك، ھەسەتخورلۇق، ئالدىنقى سەپنى تالىشىش، مىكروپۇن تالىشىش ۋە تار دائىرىدىكى يۇرتۋازلىق كېسىلىنى بازارغا سېلىپ مىللەتنى بۆلۈش قاتارلىق ئىللەتلەردىن قۇتۇلغىلى بولاتتى.

قەلبنى ساپ تۇتقاندا، ياخشى ئىشنى كىم قىلسا خۇرسەن بولۇش، قېرىندىشىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەش، قولىدىن كەلسە كەمتەرلىك بىلەن ياردەم قىلىش…تەك گۈزەل ئىشلار مەيدانغا كەلگەن بولاتتى.

قەلبنى ساپ تۇتقاندا، كۆڭۈلنىڭ خاھىشى، ۋەسۋەسىلىرى ۋە يوشۇرۇن يامانلىقلىرىدىن غالىب كەلگىلى بولىدۇ. كۆڭۈلنىڭ يامانلىقى بەزىدە ياخشىلىق، ئىمان ۋە ساپلىق كۆرۈنۈشىدە كۆرۈنىدۇ. بۇ چاغدا ئىگىسىنىڭ ئۆزىدىكى ياخشىلىق قىياپىتىگە كىرىۋالغان بۇ يوشۇرۇن ئىللەتلەرنى تېپىپ چىقىشى ۋە ئۆزىنى تەكشۈرەلىشى قىىيىنغا توختايدۇ.

قەلبنى ساپ تۇتقاندا، نەپسىنىڭ ئىللەتلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ ھەمدە نەپسىنىڭ كېسەللىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

قەلبنى ساپ تۇتقاندا، ئۆزىنىڭ ئەيىب نۇقسانلىرىنى تېپىپ چىققىلى، باشقىلار ھەققىدە كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى بولسا ياراتقۇچىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىلى، باشقىلارغا ياخشى ئويدا بولغىلى، ئۇلارنىڭ پارچە پارات خاتالىقلىرىدىن كۆز يۇمغىلى بولىدۇ.

قەلبنى ساپ تۇتقاندا، گەپ قىلماقنىڭ ئاسانلىقى، ئىش-ھەرىكەت قىلماقنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

ئابدۇراھمان كاشىغەرىي