2024-يىل 17-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش كىملىكنى قوغداشقا باغلىق

مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش كىملىكنى قوغداشقا باغلىق

كىملىك ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ياكى مىللىتىنى تونۇتۇش ئۇسۇلىدۇر. كىملىك ئامىللىرى: تىل، دىن، كۈلتۈر، تارىخ ۋە ۋەتەن ئامىللىرىدىن ئىبارەت.

ھەرقانداق مىللەتنىڭ كىملىكى ئەقىدىسى، تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، كۈلتۈرى ۋە تۇپرىقى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. بۇ ئاساستا تەۋەلىكى، مۇھەببەت-نەپرەت چۈشەنچىسى ھەم مەسئۇلىيەتلىرى بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئامىللارنىڭ ئىچىدە كىملىكنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل دىن ۋە تىلدىن ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.

كىملىك مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئېتىقادى ۋە ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلارنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ، ئىنساننىڭ ئىدىيەسىنى، كۈلتۈرىنى ۋە يۈرۈش تۇرۇشىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ/ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ كىملىكى مىللەت نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلۇق، ئىرق نۇقتىسىدىن تۈركلىك، ئېتىقاد نۇقتىسىدىن مۇسۇلمانلىقتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلدىن شەكللىنىدۇ. بۇ كىملىك ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى غايىسىنى ۋە ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مۇسۇلمانلىق ياكى ئىسلام كىملىكى مىللىي كىملىكنى، ئىرقى كىملىكنى ياكى تىل كىملىكىنى چەكلىمەيدۇ، بەلكى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە تەقدىرى دەپ قاراپ ھۆرمەتلەيدۇ.

بىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق ۋە مۇسۇلمانلىق كىملىكىمىز 1000 يىلدىن بىرى بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشماي داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن 1949- يىللاردىن كېيىن كوممۇنىستلارنىڭ كوممۇنىستچە ئىدىيە ۋە مائارىپ تەسىرى ئاستىدا كىملىكىمىز دىنىي كىملىك ۋە مىللىي كىملىك دەپ ئىككى تۈرگە پارچىلىنىشقا دۇچ كەلمەكتە. تاجاۋۇزچىلار كىملىكىمىزنى پارچىلاپ يوقىتىش ئۈچۈن 60- يىللاردىكى «ئىدىيە قىرغىنچىلىقى» زامانىدا دەسلەپتە دىنىمىزغا 20 يىل ئەتراپىدا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى، ئىسلامغا تەۋە ھەرقانداق نەرسىنى چەكلدى. ئاندىن مىللىي كىملىكىمىزنىڭ ئاساسىي بولغان ئانا تىلىمىزنى يوقىتىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.

 بۇ ئىدىيە ھۇجۇمنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتنىڭ كىملىكىنى پارچىلايدىغان، مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىغا پارتىيە ئەزاسى سۈپىتىدە كوممۇنىزمچى مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىدىن نومۇس قىلىدىغان، مۇسۇلمانلىقنى ئارقىدا قېلىشنىڭ سەۋەبى دەپ قارايدىغان ئىدىيەسى زەھەرلەنمىش بىر قىسىم ئاتالمىش زىيالىي سۈپەتلىك كىشىلەر يېتىشىپ چىقتى. تاجاۋۇزچىلار بۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئىدىيە ھۇجۇمىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرماقتا.

تاجاۋۇزچىلار كىملىكىمىزنىڭ بىر-بىردىن ئايرىلمايدىغان دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى بىراقلا يوقىتىپ، خىتتايچە قىممەت قاراش، خىتتايچە مۇسۇلمانچىلىق، خىتتايچە كۈلتۈر، خىتتايچە كىملىك ۋە خىتتايچە تارىخ يارىتىپ، مىللەتنى بىر پۈتۈن يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. باسقۇچلۇق پىلانلىرىدا دىنىمىز، قىممەت قاراشلىرىمىز، تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ساختىلاشتۇرۇپ، ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىدە خىزمىتىگە سېلىشقا ئۇرۇنماقتا.

مەسىلە، شۇنداق روشەن تۇرسىمۇ، ئۇيغۇر تىللىق بىر قىسىم ئىدىيەسى بۇزۇق زىيالىي سۈپەتلەر مىللەتنى دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرماقتا، بولۇپمۇ غەرب دۇنياسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى پەقەتلا دوپپىسىنى ساقلاپ قېلىپ ئەقىدىسى، ئەخلاقى، قىممەت قاراشلىرى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كىچىپ، غەرب دۇنياسىدا غەربلىشىپ ئېرىپ كېتىشكە تەشۋىق قىلماقتا. ئىسلامدا چىڭ تۇرۇشنى غەربتە ئېرىپ تۈگەپ كېتىشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى دەپ قارىماقتا. بۇ نەزەرىيە خىتتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇپ، خىتتايلاشتۇرۇپ يوقىتىش پىلانىغا ئوخشاپ قالىدۇ.

ئەلۋەتتە، غەربتە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ھىمايە قىلغان ئاساستا، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنى چۈشىنىشى، جەمئىيەتنىڭ قانۇن- تۈزۈملىرى ۋە كۈلتۈرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى، مەزكۇر جەمئىيەت بىلەن ئەقىدىسىگە ۋە ئەخلاقىغا زىت كەلمەيدىغان ئىشلاردا ماسلىشىشى ۋە پۇقرالىرى بىلەن چىقىشىپ ياشىشى ۋەتەنداشلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن، كىملىك ئامىللىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشىسا، بىر پۈتۈن كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئەمما كىملىكىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشىسا كىملىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ، كىملىك توقۇنىشىغا دۇچ كېلىدۇ، غەرب جەمئىيەتلىرىدە ئېرىپ تۈگەپ كېتىدۇ ۋە ئىدىيە توقۇنۇشى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۆز جەمئىيىتىنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى كىملىكنىڭ پەرقلىق بولۇشى كۆزقاراش، مەنپەئەت ۋە ئىستراتېگىيەنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. 

بۇ سەۋەبتىن، ئۆزىنىڭ كىملىك ئامىللىرىغا كۆڭۈل بۆلمەي باشقا جەمئىيەتلەردە ئېرىپ كەتكەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىغا، پىرىنسىپلىرىغا، تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە ۋە ئۆرپ- ئادەتلىرىگە پەرۋا قىلمايدىغان، كۆزگە ئىلمايدىغان ياكى قارشى چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىشنى ۋە تەرەققىي قىلىشنى ئىرادە قىلغان ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئالدى بىلەن كىملىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى ئەڭ مۇھىم شەرتتۇر.

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللار: دىنى، تىلى، ئەخلاقى، مەدەنىيەتى ۋە ئانا ۋەتىنىگە بولغان ساداقىتىدۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.