زۇلۇمنى ئاڭلىتىش مەجبۇرىيەت ۋە مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش ئىدىيەسىدىن قۇتۇلۇش شەرت
ئاللاھ ئەنئام سۈرىسى، 55-ئايەتتە :«جىنايەتچىلەرنىڭ يولى ئاشكارا بولسۇن» دەيدۇ.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن مۇسۇلمانلار تاجاۋۇزچى، جىنايەتچى، مۇستەملىكىچى ۋە زالىملارنىڭ پىسخىكىسى ۋە ئۇسۇللىرىنى دەسلەپتە ئۆزلىرى ئېنىق چۈشىنىشى، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئادىمىلىكتىن چەتنىگەن جىنايەت قىلمىشلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ خەلقى ئالەم ئالدىدا ئۇلارنى رەسۋا قىلىشى، ئۇلارنىڭ زالىم يولىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىپ ئىقتىسادى ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك زەربە بېرىشى، ھەممىدىن بۇرۇن ئۆزلىرى ئۇنىڭغا قارىتا كۈچىنىڭ يېتىشىچە قارشىلىق بىلدۈرۈشى مەزكۇر ئايەتنىڭ تەقەززاسىدۇر.
ئىمان ۋە ياخشىلىقنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن ئەسكىلىك، رەزىللىك ۋە جىنايەتنىڭ ئېنىق بولۇشى ۋە روشەن ھالدا تونۇلۇشى مۇھىم، جىنايەتچىلەرنىڭ يولىنى ئاشكارىلاش بۇ ئايەتنىڭ نىشانىدۇر.
بۇنىڭغا كۆرە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تاجاۋۇزچى ۋە مۇستەملىكىچى خىتاي جىنايەتچىلىرىنى ياخشى بىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ساختىپەز رەزىل سىياسەتلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى يوقاتمىغان دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىشى بۈگۈنكى كۈندە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ۋەتىنىمىزدىكى بولۇۋاتقان زۇلۇمنى مۇسۇلمانلارغا ۋە باشقىلارغا ئاڭلىتىش، ئىمزا توپلاش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈش…كە ئوخشاش تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن مۇستەملىكىچىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق خەلقئارا كۈچلەردىن پايدىلىنىش مىللىي كۈرىشىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ۋاسىتە سانىلىدۇ.
بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللاردا ھەر بىر ئادەم باشقىلارنىڭ باشلاپ بېرىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماستىن يېڭى ۋاسىتىلەرنى تېپىپ چىقىشى، ۋە بۇ ۋاسىتىلەرنى جانلىق تەشكىلاتلار بىلەن ئورتاقلىشىپ قەدەم بېسىشى، كۈچى يەتكەن مىقداردا ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئاڭلىتىپ، مۇستەملىكىچى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئەپتى بەشىرىنى ئېچىپ تاشلىشى تەبىئىي ھالدا بىر زۇلۇمدا ياشاۋاتقان كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھېسابلىنىدۇ.
رەسۇلۇللاھ ھەدىس شەرىپتە: «ئۈممىتىم زالىمغا، ھەي زالىم نېمانداق قىلىسەن؟ دېيىشتىن قورقىدىغان باسقۇچقا كەلگەندە، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بەرمەي تاشلىۋېتىدۇ» دېگەن (ھاكىم رىۋايىتى). ئەگەر مۇسۇلمانلار زالىمغا قارىشى قورال-ياراققا ئىگە بولالمىسىمۇ، بىراق ئۇلار زۇلۇمنى رەت قىلىش، مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە بۇزغۇنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاۋازى ۋە بەدەنلىرىگە ئىگە. تىل، قەلب ۋە قەلەم بىلەن ئېتىراز بىلدۈرۈش قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ئاددىي مەجبۇرىيەت.
زالىمغا ھەي زالىم دېيەلمەسلىك، زالىمنى زالىم دەپ تونۇماسلىق، مۇستەملىكىچىنى مۇستەملىكىچى دېيەلمەسلىك، ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان دەپ جاكارلىيالماسلىق، خىتاينى تاجاۋۇزچى دەپ ئىپادىلەشتىن قورقۇش مەنىۋى مەغلۇبىيەتتۇر ۋە ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدۇر.
زۇلۇمغا قارىشى تۇرۇش ۋە بىرلىك سەپنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن زالىمنى زالىم، بۇزغۇنچىنى بۇزغۇنچى، مۇستەملىكىچىنى تاجاۋۇزچى ۋە خائىننى خائىن دېيىش تەبىئىي مەسئۇلىيەت مەسىلىسىدۇر.
كىم مۇستەملىكىچى، تاجاۋۇزچى ۋە جىنايەتچىلەرگە ھەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق توختا دېيەلمىسە ياكى ئۇلارنىڭ زۇلۇمىنى ۋە جىنايەت قىلمىشلىرىنى ئېچىپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلالمىسا، ئۇ ئەركىنلىكىنى ۋە ئىرادىسىنى يوقاتقان ياكى ۋاز كەچكەن ئىنساندۇر. ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن تىلى تۇتۇلۇپ قالغان ئىنسان گەرچە كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرسىمۇ ھەقىقىي مەھكۇم ۋە يېرىم ئۆلۈك ئىنساندۇر، ھەقىقەتنى سۆزلىيەلىگەن ئىنسان گەرچە تۈرمىدە قامىلىپ قالسىمۇ ھەقىقىي ئەركىن ئىنساندۇر.
چەتئەلدە ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئارزۇسى ۋە مۇستەقىللىق ئىدىيەسى يېتەرلىك ھالدا شەكىللەنمەيۋاتىدۇ. چەتئەلدە ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلاردا خىتاي مۇستەملىكچىلىرى ھەققىدە: بىرقانچە يىل ئىلگىرى ئەسكى ئەمەس ئىدى، بەك زۇلۇم قىلىپ كەتمىسە بولىتى، ئۇنچىۋالا قىلىپ كەتمىسە بولىتى، مەن ۋە ئائىلەم ساق بولسىلا باشقا پىكىرىم يوق ئىدى، شۇنداق تۇرمۇشقا مەن رازى ئىدىم، دېگەن تۇيغۇ ۋە شۇ خىل ئىدىيە بىلەن ياشاۋاتىدۇ.
ئورتاق پىرىنسىپ ۋە ئورتاق غايە ئاساسىدا ئورتاق دۈشمەنگە بىرلىشەلمەسلىك، ئىمكانىيىتى يەتكەن مىقداردا كۈچ چىقارماسلىق، نىشانىنى ئېنىق بەلگىلىمەسلىك ۋە خىتاي مۇستەملىكىسىنىڭ ئىنسابلىق بولۇشىنى تىلەپ ئولتۇرۇش بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر.
چەتئەلدە تۇرۇپمۇ مۇستەملىكىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرەلمەسلىك بىز ئۇزۇندىن بىرى قۇتۇلالمايۋاتقان ئەڭ چوڭ تىراگېدىيەدىن ئىبارەت. مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئىدىيەسى ھەر بىر ئۇيغۇر مۇسۇلماندا ئېنىق ھالدا شەكىللەنمىسە بىزنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلىشىمىز ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي