2024-يىل 23-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

بالىلار تەربىيەسى ھەققىدە ئاتا- ئانىلارغا تەۋسىيە

بالىلار تەربىيەسى ھەققىدە ئاتا- ئانىلارغا تەۋسىيە

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

بالىلاردا ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۆز ئۆزىگە ئىشىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە بولۇپ، بالىلارنىڭ شەخسىيىتى، قىلمىشلىرى، كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىسى، تىرىشچانلىقى، جىددىيلىكى ۋە خىلمۇخىل ساھەلەردە يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆرلىشىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بالىلاردىكى ئۆزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىش ياكى ھېس قىلالماسلىق مەسىلىسى ئۇلارنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن ھادىسىلەر ۋە تەلىم تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسىدۇر. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ياش باسقۇچىغا قارىتا پىكىرلىرى ۋە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان نەتىجىدۇر.

بۇ مەسىلىدە ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچىلار، دوستلار ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەر بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا، ئىشلارغا قانداق قارايدىغانلىقىغا، ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىغا ۋە ئۆزىنى قانداق ھۆرمەتلەيدىغانلىقىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك بالىلارنىڭ ئۆزىگە قارىتا ئىشەنچىسى، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئىشەنچىسى ۋە نىشانغا يېتىشكە بولغان ئىشەنچىسىگىمۇ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ.  

ئەلۋەتتە، ئۆزىنى قەدىرلەش بىلەن ئۆز ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىش ئارىسىدا پەرق بار. چۈنكى ئۆزىنى قەدىرلەش دېگەن ئىنساننىڭ ئۆزىنى، ئىقتىدارىنى ۋە بۇ ھاياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ھۆرمەتلىشى دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمما ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىش دېگەن ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا، ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىگە، نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىغا ۋە كۆزلىگەن نىشانلىرىغا يېتەلەيدىغانلىقىغا قارىتا تۇيغۇسىنىڭ مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ.

دېمەك، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىش ۋە ئۆزىنى قەدىرلەش بىر تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزىگە ئوخشايدۇ. ھەرئىككىسى نەتىجە قازىنىش، ئارزۇ ئارمانلىرىغا يېتىش، نىشانلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ئوخشاش ياخشى نەتىجىلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىگە ۋە ئىقتىدارىغا ئىشەنچ قىلىش ھەرقايسى ساھەلەردە ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن ماسلىشىپ ياشاشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئەمما ئۆز ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالماسلىق ۋە ئۈمىدۋارلىق روھىنى يوقىتىپ قويۇش مەغلۇبىيەتكە باشلاپ بارىدۇ.

ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، ئۈمىدۋارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسى ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىن تارتىپلا  ئائىلە تەربىيەسى ئارقىلىق پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. بەزى بالىلارنىڭ شەخسىيىتى ئاجىز بولۇپ قالسا، بۇنىڭ سەۋەبى ئاتا-ئانىنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى جەمئىيەتكە ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئۆزىنى قەدىرلىمەيدىغان ئاجىز كىشىلەرنى يېتۈشتۈرگەنىلىكىدۇر. شۇڭا، ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغانلار باشقىلار ئىگە بولغان ئىقتىدارغا ئىگە بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدۇ.

بۇ سەۋەبتىن، ئاتا-ئانىلارغا دەيمەنكى، سىلەر بالىلارنىڭ كىچىكلىكىگە رىئايە قىلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار سىلەرنىڭ چوڭلۇقىڭلارغا رىئايە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، ئۇلارغا تېگىشلىك ھۆرمەت بىرىڭلار. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن پىسخىكىسى، تۇيغۇسى، ئىجتىمائىي ۋە ماددىي ھالىتىنى كۈچلەندۈرۈڭلار.

بالىلارغا، ئۇلارنىڭ بىر ئىش قىلالايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ باشقا ياراملىق بالىلارغا ئوخشاش زېرەك ئىكەنلىكىنى، تېرىشىپ قالسىلا ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىشكە قادىر ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى، ئۇلار بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقىڭلارنى، ئۇلارنىڭ بەخت سائادەت مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇلار ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۆزلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان بولىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىگە قارىتا ئىشەنچىسى ئاشىدۇ، ھاياتىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئاتا- ئانىسىنى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى قەدىرلەيدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ.

ئامال بار، سىلەر باللىرىڭلارنى باشقىلارغا سېلىشتۇرماڭلار، ئۇلارغا: پالانىغا قاراپ باق، قانداق ئىش قىلىدىكەن، قانداق ئوقۇيدىكەن، سەن نېمىشقا قىلالمايسەن دېمەڭلار. بالىلىلارنىڭ ئۆزىدىن خىجىللىق ھېس قىلىدىغان قىلىپ قويماڭلار، بولمىسا ئۇلار ئۆمۈر بويى كەمچىلىك ھېس قىلىش تۇيغۇسىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

ئەكسىچە، بالىلارنىڭ ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۆزىگە ئىشەنچ تىكلىشىگە ياردەم بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ قانچىلىك جاپالىق بولسىمۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتەلەيدىغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇڭلار.

ئاتا- ئانىلار، بالىلارغا مېھرىبان بولۇڭلار، كەچۈرۈمچان بولۇڭلار، بالا بىر ئىشتا خاتالىشىپ قالسا، ئۇنىڭ روھىنى سۇندۇرۇۋەتمەڭلار. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەرنىڭمۇ سىلەرنى ئەپۇ قىلىۋىتىدىغان، كەڭ قورساق بولىدىغان ئىسسىق قۇچاققا ۋە كۆيۈمچان يۈرەككە تەشنا بولغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.

سىلەر بالىلارغا قوپال تېگىش، دائىم ئەيىبلەش ۋە دائىم تەنقىدلەش ئارقىلىق تېز مەغلۇب بولۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالماڭلار. چۈنكى مۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

شۇڭا، ئائىلە ھاياتى ھۆرمەتلەش ۋە قەدىرلەش ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇشى كېرەك، ئاتا- ئانا بىر-بىرىنى بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ھۆرمەتلىسە، ئائىلە ئەزالىرى ياكى ئاكا-ئۇكىلار بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىنىدۇ ۋە بالىلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇناسىۋىتىگە ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شۇنىڭدەك، بالىلارنى چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ كەمسىتمەسلىك كېرەك. چۈنكى بەزى سۆزلەر ئاددىي بولسىمۇ بالىلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى يىقىتىپ تاشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغانلىقى ياكى ئارزۇ ئارمانلىرىغا يىتىش ئۈمىدى ئاجىز بولغانلىقى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئۆزىدىن ئەۋزەل كۆرگەنلىكى ئۈچۈن باشقىلارغا ئارىلىشىنى خالىمايدىغان پىسخىكىسى مۇرەككەب ياكى ئىچ مىجەز ئىنسان قىلىپ قويىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ نۇقتىدا ئىجتىمائىي رول ئوينايدىغان مەكتەپنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارنىڭ شەخسىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك.

ئوقۇتقۇچىلار، سىلەرمۇ سۆزنىڭ ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشتىكى تەسىرىنى ۋە كۈچىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، بىر سۆز ئارقىلىق بالىلارغا ئىشەنچ تۇرغۇزالايسىلەر ياكى ئىرادىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايسىلەر. شۇڭا، بالىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. سىلەر ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا ۋە نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان كەلگۈسى پارلاق ئەۋلادلارنى يېتۈشتۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈڭلار.