2024-يىل 28-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

مۇستەبىتلىكنىڭ خاراكتېرى ۋە قۇللۇقنىڭ ئاقىۋىتى

بېغىشلىما

جانابى ئاللاھقا ھەمدۇسانا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇئا ۋە سالاملار بولسۇن…

جەمئىيەتشۇناس، مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇراھمان كاۋاكىبىي 30 يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىشىپ، چۈشكۈنلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان نېگىزلىك مەسىلىلەرنى ۋە ئۇ مەسىلىلەرنىڭ چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇسۇلمانلاردىكى ئاجىزلىشىش، ئارقىدا قېلىش ۋە چۈشكۈنلىشىشنىڭ سەۋەبلىرىنى دىنىي، سىياسىي، ئەخلاقىي ۋە مۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى قاتارلىق بىرقانچە خىل سەۋەبلەرگە يىغىنچاقلىغان.

ئالىم كاۋاكىبىي مۇسۇلمانلارنى ئويغىتىش ۋە ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن دىنىي ئىسلاھات، سىياسىي ئىسلاھات، ئەخلاقىي ئىسلاھات ۋە مۇستەبىتلىككە قارشى ئىنقىلاب قىلىش قاتارلىق بىرقانچە ساھەدە بىر بۆلەك چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان دىنىي ۋە سىياسىي ئىسلاھاتچى.

ئۇ مۇستەبىتلىكنىڭ خاراكتېرىنى تەسۋىرلەپ، «مۇستەبىتلىك بىلەن دىنىي بۇرۇلۇش ۋە مۇستەبىتلىك بىلەن نادانلىق بىر – بىرىنى قوللايدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ سىياسىي مۇستەبىتلىك بىلەن ئىلىم – مەرىپەت ۋە تەلىم – تەربىيەنىڭ ئۆزئارا چىقىشالمايدىغانلىقىنى روشەنلەشتۈرگەن؛ شۇنىڭدەك، سىياسىي مۇستەبىتلىكنىڭ ئەخلاققا، ئىززەتكە، تەرەققىياتقا ۋە ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئابدۇراھمان كاۋاكىبىينىڭ «مۇستەبىتلىكنىڭ خاراكتېرى ۋە قۇللۇقنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق بۇ كىتابى مۇستەبىتلىك ۋە مۇستەملىكىگە دۇچ كەلگەن مىللەتلەرگە نىسبەتەن سىياسىي مۇستەبىتلىكنىڭ نېگىزلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ سىياسىي ئەركىنلىك ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ چارىنى قانداق قوللىنىش يولىنى كۆرسىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان كىتابتۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

2023 – يىلى، 3 – ئاي، رامىزان.