2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قەلبنىڭ ماھىيىتى، سۈپەتلىرى، ئەھۋاللىرى ۋە ئىش -ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەر

قەلبنىڭ ماھىيىتى، سۈپەتلىرى، ئەھۋاللىرى ۋە ئىش -ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دەلىللەر

قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتتە قەلب ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى، ئەھۋاللىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى، بولۇشقا تېگىشلىك ۋە پاكلىنىشقا تېگىشلىك ھالەتلىرى ھەققىدە توختىلىدىغان نۇرغۇن دەلىل – پاكىتلار كەلگەن. بىز تۆۋەندە قەلبنى پاكلاشتب ۋە ئىسلاھ قىلىشقا ھەيدەكچى بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قەلبكە قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، قەلبكە قانداق ئەمەللەرنى باغلىغانلىقىنى، قەلبنى گۈزەل سۈپەتلەر بىلەن خاراكتېرلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇيرۇغان ئىشلارنى ۋە قەلبنىڭ سۈپەتلىنىپ قېلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان ناچار سۈپەتلەرنى بىلىش ئۈچۈن قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن بىرقانچە دەلىل – پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

قەلب ياكى دىل ئىماننىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ: «ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ دىللىرىدا ئىماننى مەھكەم قىلغان» دېگەن[1]. يەنە: «ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى» دېگەن[2].

قەلب ھىدايەتنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ: «كىمكى ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ» دېگەن[3].

قەلب ھەقىقەت، مايىلچانلىق، سۆيگۈ – مۇھەببەتكە قارىتا ھېسسىياتنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈردى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا چىرايلىق كۆرسەتتى» دېگەن[4].

قەلب يەنە ئازغۇنلۇق، ئەگرىلىك، بۇرۇلۇش ۋە باتىلغا مايىل بولۇشنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر…» دېگەن[5] (يەنى ھىدايەتتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن كىشىلەر). يەنە: «ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى» دېگەن[6] يەنى ئۇلارنىڭ بۇرىلىپ كېتىشىنى ئاشۇرىۋەتتى. يەنە ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ دۇئاسىنى ئەسلىتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ھىدايەت قىلغىنىڭدىن كېيىن دىللىرىمىزنى توغرا يولدىن بۇرىۋەتمىگىن، بىزگە دەرگاھىڭدىن رەھمەت بېغىشلىغىن، شۈبھىسىزكى، سەن بەكمۇ بېغىشلىغۇچىسەن» دېگەن[7].

قەلب پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە چۈشىنىش ئورنىدۇر. ئاللاھ: «شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چۈشىنىدىغان دىللارغا ئىگە بولمىدىمۇ؟» دېگەن[8]. يەنە: «ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ» دېگەن[9].

قەلب ساۋاق ئېلىش ۋە ئەسلەشنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ: «بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلبكە ئىگە ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز – نەسىھەت بار» دېگەن[10].

قەلب ئاللاھنىڭ نەزىرى چۈشىدىغان مۇھىم ئورۇندۇر. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭلارغا قارايدۇ» دېگەن[11].

قەلب ئوي – خىياللارنىڭ ئورنىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «پىتنىلەر قەلبكە بورىنىڭ تاللىرىدەك تەكرار-تەكرار تەڭلىنىپ تۇرىدۇ» دېگەن[12].

قەلب نەپسى خاھىش ۋە شەھۋەتلەرنىڭ ئورنىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «ھەر بىر كىشىنىڭ زىنا قىلىشتىن ئىبارەت نېسىۋىسى بەلگىلىنىپ كەتكەن… كۆڭۈل ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئىشتىھا قىلىدۇ» دېگەن [13]. يەنە بىر رىۋايەتتە: «قەلب ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئىشتىھا قىلىدۇ» دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە: «قەلبنىڭ زىناسى ئارزۇ قىلىشتۇر» دېگەن[14]. بىرىنچى رىۋايەتتىكى نەپس (كۆڭۈل) قەلب مەنىسىدە كەلگەن، چۈنكى ئۇ شەھۋەت، نەپس خاھىش ۋە ئارزۇنىڭ ئورنىدۇر.

قەلب ئىرادىنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» دېگەن[15] (يەنى قەلبىڭلار مەقسەت قىلغان ۋە ئىرادە قىلغان بولسا گۇناھكار بولىدۇ).

قەلب شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنىڭ ئورنىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «شەيتان ئىنساننىڭ قان تومۇرىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، مەن سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا يامانلىقنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېگەن[16].

قەلبتە شەيتاننىڭ نېسىۋىسى ئۈچۈن ئورۇن تېپىلىدۇ. سىيرە كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلىنىشىچە، رەسۇلۇللاھنىڭ كىچىك ۋاقتىدا قەلبى يېرىلغان، ئاندىن شەيتاننىڭ نېسىۋىسى رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىدىن ئېلىپ تاشلانغان[17].

قەلبنىڭ تەكلىپ قىلىنغان ۋە ھېسابقا تارتىلىدىغان ئىش – ھەرىكەتلىرى بار. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)» دېگەن[18].

ئىخلاس ياكى سەمىمىيلىك قەلبنىڭ ئىش – ھەرىكىتىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «قىيامەت كۈنى مېنىڭ شاپائىتىمگە ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشى، چىن قەلبىدىن «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دېگەن كىشىدۇر» دېگەن[19]. يەنە «كىم چىن قەلبىدىن، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن[20].

ئاللاھ تەرەپكە قايتىش ۋە تەۋبە قىلىش قەلبنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقسا ۋە تەۋبە قىلغۇچى قەلب بىلەن كەلسە…» دېگەن[21].

قەلب ھېسسىيات، ھېس – تۇيغۇ ۋە ئەخلاقنىڭ ئورنىدۇر

قەلب سۆيگۈ – مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ: «ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى» دېگەن[22]. بۇ ئايەتتىكى بىرلەشتۈردى دېگەن سۆز بىر قەلبنىڭ يەنە بىر تەرەپكە مايىل بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

قەلب مۇلايىملىق ۋە يۇمشاقلىقنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئاندىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى ئارام تاپىدۇ» دېگەن[23].

قەلب قايغۇرۇش ئورنىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ كۆزنىڭ ياش تۆكۈشى ۋە قەلبنىڭ قايغۇرۇشى سەۋەبلىك ئازابلىمايدۇ، لېكىن تىل سەۋەبلىك ئازابلايدۇ ياكى رەھىم قىلىدۇ» دېگەن[24].

قەلب قورقۇنچ ۋە ئەنسىرەشنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ: «كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز» دېگەن[25].

قەلب ئۈركۈش، يامان كۆرۈش ۋە سەسكىنىش ئورنىدۇر. ئاللاھ: «ئاللاھنىڭ يېگانە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنسا، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئىچى سىقىلىپ كېتىدۇ» دېگەن[26].

قەلب مېھرىبانلىق ۋە شەپقەتنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ دىللىرىغا شەپقەت ۋە مېھرىبانلىقنى سالدۇق» دېگەن[27].

قەلب باغرى تاشلىق، قوپاللىق ۋە توڭلۇقنىڭ ئورنىدۇر. ئاللاھ بۇ ھەقتە: «ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى» دېگەن[28]. رەسۇلۇللاھ: «قەلبى توڭلۇق ۋە قوپاللىق مەشرىقتە بولىدۇ، ئىمان ھىجازلىقلاردا بولىدۇ» دېگەن[29].

قەلب سېخىيلىق ۋە بېخىللىقنىڭ ئورنىدۇر. رەسۇلۇللاھ: «بىر بەندىنىڭ قەلبىدە بېخىللىق بىلەن ئىمان ھەرگىز بىرلىشىپ قالمايدۇ» دېگەن[30].

قەلبنىڭ ئەھۋالى تۈرلۈك بولىدۇ

قەلب ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. رەسۇلۇللاھ: «ئى ئاللاھ، ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى زات! مېنىڭ قەلبىمنى دىنلىرىدا مۇستەھكەم قىلسىلا» دەپ دۇئا قىلغان[31]، چۈنكى قەلب بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە، بىر ئوي – پىكىردىن يەنە بىر ئوي – پىكىرگە، بىر تۇيغۇدىن يەنە بىر تۇيغۇغا، بىر سۈپەتتىن يەنە بىر سۈپەتكە، بىر ئارزۇدىن يەنە بىر ئارزۇغا يۆتكىلىپ تۇرىدۇ.

يۇقارىدىكىلەردىن قەلبنىڭ ئىمانىي ئەقىلنىڭ ئورنى ئىكەنلىكى نامايەن بولىدۇ، ھەق بىلەن باتىلنى ئۇ ئايرىپ تۇرىدۇ. قەلب ئىمان ياكى كۇپۇرلۇق ۋە مۇناپىقلىنىڭ ئورنىدۇر، ئۇ ھېسسىيات ۋە ھېس – تۇيغۇنىڭ ئورنىدۇر؛ ئۇ ھەقىقەت ياكى يامانلىققا مايىل بولۇشنىڭ ئورنىدۇر؛ ئۇ ھەقىقىي مەنپەئەتكە ياكى نەپس خاھىشقا قىزىقىشنىڭ ئورنىدۇر؛ ئۇ قارار قىلىش ۋە ئىرادىلىك بولۇشنىڭ ئورنىدۇر.


[1] مۇجادىلە سۈرىسى، 22 – ئايەت.

[2] ھۇجۇرات سۈرىسى، 14 – ئايەت.

[3] تاغابۇن سۈرىسى، 11 – ئايەت.

[4] ھۇجۇرات سۈرىسى، 7 – ئايەت.

[5] ئال ئىمران سۈرىسى، 7 – ئايەت.

[6] سەپ سۈرىسى، 5 – ئايەت.

[7] ئال ئىمران سۈرىسى، 8 – ئايەت.

[8] ھەج سۈرىسى، 46 – ئايەت.

[9] ئەئراف سۈرىسى،  179- ئايەت.

[10] قاف سۈرىسى، 37 – ئايەت.

[11] مۇسلىم رىۋايىتى، 2564 – ھەدىس.

[12] مۇسلىم رىۋايىتى، 144 _ ھەدىس.

[13] بۇخارى رىۋايىتى، 6238 – ھەدىس.

[14] ئىبنى ھىببان رىۋايىتى، 3752 – ھەدىس.

[15] ئەھزاب سۈرىسى، 5 – ئايەت.

[16] بۇخارى رىۋايىتى، 3107 – ھەدىس.

[17] مۇسلىم رىۋايىتى. 162 – ھەدىس.

[18] بەقەر سۈرىسى، 225 – ئايەت.

[19] بۇخارى رىۋايىتى،  99 _ ھەدىس.

[20] ئىبنى ھىببان رىۋايىتى، سەھىھ ھەدىس، 200 – ھەدىس.

[21] قاف سۈرىسى، 33 – ئايەت.

[22] ئال ئىمران سۈرىسى، 103 – ئايەت.

[23] زۇمەر سۈرىسى، 23 – ئايەت.

[24] بۇخارى رىۋايىتى، 1242 – ھەدىس.

[25] ئال ئىمران سۈرىسى، 151 – ئايەت.

[26] زۇمەر سۈرىسى،  45 – ئايەت.

[27] ھەدىت سۈرىسى، 27 – ئايەت.

[28] ئال ئىمران سۈرىسى،  159 – ئايەت.

[29] مۇسلىم رىۋايىتى، 53 – ھەدىس.

[30] نەسەئى رىۋايىتى، 4318 – ھەدىس.

[31] ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، 12128 – ھەدىس.