2024-يىل 28-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى

بەزىلەر: «ئىسلامدا ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئورنىدا پەرق بارمۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن.

كەسكىن جاۋاب: ياق.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا شۇنداقلا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ ئىش ئايدىڭلىشىدۇ.

قۇرئان كەرىم ئەر بىلەن ئايالنىڭ بىر نەپستىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

− ئاياللار مەيلى ئانا، ھەمشىرە، ئايال، قىز، ھامما ياكى ھەدىلەر بولسۇن، پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان.

− ئاللاھ تائالا كۆپلىگەن ئايەتلەردە ئانىنىڭ ئورنىنىڭ نەقەدەر يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىگەن.

− قۇرئان كەرىم ماختاشقا لايىق ئاياللارنى ماختايدۇ ۋە ئۇلارنى پۈتۈن مۇئمىنلەرگە ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىدۇ: ﴿ئاللاھ مۇئمىنلەرگە پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: ئى پەرۋەردىگاردىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن، دېدى﴾ .

− قۇرئان كەرىم كىشىلىك جەمئىيەتتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك روللارنى ئوينىغان ئاياللارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ئېنىق خاتىرىلىگەن. جۈملىدىن، قۇرئان كەرىم «سۈرە نەمل»دىكى سەبە مەلىكىسىنىڭ ۋەقەلىكى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر: ﴿ئۇ (يەنى سەبە مەلىكىسى بىلقىس) ئېيتتى: ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى)، ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار. ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: ئى ئۇلۇغلار! مېنىڭ بۇ ئىشىمدا مەسلىھەت بېرىڭلار. سىلەرنى شاھىت قىلماي تۇرۇپ ھېچقانداق قارار چىقارغىنىم يوق﴾ .

− ئىسلامدا بەزى ئىشلاردا ئاياللارغا مەسلىھەت سېلىنىدۇ ۋە ئورۇنلۇق گەپلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ. مەسىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھۇدەيبىيە كۈنىدىكى ۋەقەلىكى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرىدۇر .

− ئاياللارمۇ دەۋەتچىلىك رولى ئۆتەيدۇ؛ دەۋەت ئىشلىرىدا دەۋەتنىڭ يۈكلىرىنى كۆتۈرۈپ، ياراتقۇچى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشتا ئەرلەرگە ھەمدەمدە بولىدۇ. مەسىلەن، خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىز بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ گېپىنى كۆپ قىلاتتى .

− ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئوخشاشلا شەرئىي ئەھكاملارغا تولۇق ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلغان: ﴿مۇسۇلمان ئەرلەرگە ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۇئمىن ئەرلەرگە ۋە مۇئمىن ئاياللارغا، تائەت – ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەرگە ۋە تائەت – ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەرگە ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەرگە ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەرگە ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەرگە ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەرگە ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەرگە ۋە نەپسلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكۈچى ئەرلەرگە ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكۈچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى﴾ .

− بەزىدە ئاياللار سالىھلىق ۋە تەقۋادارلىقتا خېلى ئەرلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ. جۈملىدىن، قۇرئان كەرىم بىزگە ئىمراننىڭ ئايالىنىڭ قىسسىسىنى ۋە سىددىق مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغان.

− پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «… شەكسىزكى، ئاياللار ئەرلەرنىڭ پارچىسىدۇر» دەيدۇ . بۇ ھەدىس مۇشۇ قائىدىگە زىت كەلگەن ھەرقانداق دەۋانى رەت قىلىدۇ.

− خۇددى ئەرلەرنىڭ ئايالىنى تاللاش ھوقۇقى بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ ئەرنى تاللاش ھوقۇقى بار.

− خۇددى ئەرلەرنىڭ ئۆز مېلىنى تولۇق تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى بولغاندەك، ئاياللارنىڭمۇ ئۆز مېلىنى تولۇق تەسەررۇپ قىلىش ھوقۇقى بار.

دۇرۇس، بۇ نۇقتىدا ئەرلەرگە خاس بىر قىسىم ئەھكاملار بولغىنىدەك، ئاياللارنىڭ تەن قۇرۇلمىسىنىڭ تەبىئىتىگە خاس بىر قىسىم ئەھكاملارمۇ بار. ئايال كىشى قورساق كۆتۈرىدۇ، تۇغىدۇ، بالا ئېمىتىدۇ، ھەيز كۆرىدۇ، ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ھېسسىياتچانراق كېلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بىر قىسىم ئەھكاملاردا ئاياللارنىڭ مۇشۇ تەرەپلىرىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى زۆرۈردۇر.

قۇرئاننىڭ نەزىرىدە ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ئوخشاش. پەقەت بەزىلەر ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئىنچىكە تەكشۈرمەيلا، مەزكۇر تېكىستلەرنى چۈشىنىشتە بەزى مۈشكۈلچىلىكلەرنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بۇنداقلار يا ئايەت – ھەدىسلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ كۆزلىگەن نىشانىدىن، يا كىشىلەرنىڭ ئادەتلىرىدىن بىخەۋەر كىشىلەردۇر.

داۋامى ئۈچۈن كىتابقا قاراڭ…