ئەخلاق سىياسىي پائالىيەتتىن ئايرىلغاندا
ئىسلامدا ئەخلاق ئىماننىڭ مېۋىسىدۇر، ئىبادەتنىڭ نەتىجىسىدۇر، مۇسۇلمانلىقنىڭ زىننىتىدۇر، ئادىمىيلىكنىڭ تەقەززاسىدۇر.
شۇڭا، ئىسلامدا ئەخلاق سىياسىي ھەرىكەتتىن ئايرىلمايدۇ، ئىلىم- مەرىپەتتىن ئايرىلمايدۇ، جەڭ ۋە ئۇرۇشلاردىن… ئايرىلمايدۇ.
ئىش-ھەرىكەتلەر، گەپ- سۆزلەر، سىياسىي پائالىيەتلەر…دە ئەدەپ -ئەخلاققا رىئايە قىلىنسا، ئىشلار ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ، ھەمكارلىق كۈچىيىدۇ، ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئەگەر سىياسىي ئىش-ھەرىكەتلەر ئەدەپ – ئەخلاقتىن ئايرىلىپ قالسا، ئۆزىنى مىللەتنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى دەپ خىيال قىلىش، ئۆزىنىلا بىردىنبىر توغرا يولدا باشقىلارنى خاتا يولدا دەپ مەنمەنچىلىك قىلىش، بىر-بىرىگە چوڭچىلىق قىلىش، بىر-بىرىدىن قېيىداش، بىر-بىرىنى يىقىتىشقا ئۇرۇنۇش، ئىچكى جېدەل ماجىرا، ئۆزئارا ئۆچمەنلىك ۋە بىر-بىرىنى ئورۇنسىز قارىلاش..قا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەر ئاۋۇپ كېتىدۇ، ئەخلاق كىرىزىسى يۈز بېرىدۇ، نەتىجىدە دۈشمەن بىر تەرەپتە قېلىپ، ئۆزئارا ئىچكى تالاش- تارتىشلار بازار تېپىپ كېتىدۇ.
شۇڭا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرى سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى مىللەتنىڭ ئەقىدىسى، قىممەت قارىشى ۋە بىر پۈتۈن كىملىكى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىشى، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇشى، بىر-بىرىگە ئىنساب بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئىجتىھاد خاراكتېرلىك سىياسىي تەسەۋۋۇرلاردا ئۆزۈمنىڭلا توغرا دەپ تۇرۇۋالماي كەڭ يول تۇتۇشى، بىر-بىرىگە- خائىنلىقنىڭ كەسكىن ئىسپاتى بولمىسا -ياخشى ئويدا بولۇشى، بىر-بىرىنى ئۆزىنى تولۇقلايدىغان ياردەمچى قارىشى، ھالقىلىق ئىشلاردا ھەمكارلىشىشى، توغرا ئىشلاردا بىر-بىرىنى قوللىشى، ئاساسلىق كۈچنى دۈشمەنگە مەركەزلەشتۈرۈشى… ئىسلام ئەخلاقىغا، قىممەت قارىشىمىزغا ۋە كىملىكىمىزگە ئۇيغۇن سىياسىي پائالىيەت قىلغانلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
23.04.2024- كۈنى
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
ۋەتەن سۆيگۈسى
ھەربىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس ياخشى ئىشلىرى بولىدۇ
مىللەت ۋەكىللىرى سايلىمى