2024-يىل 3-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ تەسىرى

سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ تەسىرى

ئىخلاس ياكى سەمىمىيلىكىنىڭ يوقۇلۇشى ياكى ئاجىزلىقى ئىنساننىڭ ئاڭ تەسەۋۋۇرىغا، ھەرىكىتىگە، يۈرۈش- تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئىخلاس يوقالغاندا ئىنسان ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ۋە نەپسى خاھىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

مەسىلەن، ئىخلاسنى يوقاتقان دەۋەتچى دەۋەتنى شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنىدۇ، ياكى مىللەتنى مۇستەقىللىق، ھۆرلۈك، سىياسىي پائالىيەت، ۋەتەن-مىللەت دېگەندەك ھالىقىلىق پىرىنسىپال مەسىلىلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئاۋارە قىلىدۇ، ياكى ئۆزىنىڭ ۋائىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماستىن بىلەرمەنلىك قىلىپ يېڭىدىن پەيدا بولغان چوڭ مەسىلىلەرگە ئارىلىشىۋېلىپ مىللەتنى بۆلۈۋېتىش ۋە مىللەت ئارىسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدۇ.

سەمىمىيلىكنى يوقاتقان سىياسىي پائالىيەتچى سىياسىي ھەرىكىتىنى شەخسىي شەرىپى ئۈچۈن قوللىنىدۇ، ياكى ئۆزىنى بىردىنبىر توغرا ئىش قىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىدۇ، ياكى تەشكىلاتنى ئىچكى تالاش- تارتىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىشقا سالىدۇ ھەمدە مىللەتنى ھەقىقىي كۈرەش مەيدانىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، پارچە- پارات ئىشلار بىلەن ئاۋارە قىلىدۇ.

سەمىمىيلىكنى يوقاتقان مۇجاھىد مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا چوڭچىلىق قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا ۋە مال – مۈلكىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى كاپىرغا چىقىرىۋېتىدۇ، ئۆزىنى مىللەتنىڭ يېتەكچىسى ساناپ باشقىلارغا ھاكاۋۇرلۇق قىلىدۇ، قارا قورساق بولسىمۇ بىلەرمەنلىك قىلىدۇ.

دېمەك، ئىنسان سەمىمىيلىكىنى يوقاتقاندا، ئۆزىنى بىلمىگەندە ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتقاندا، ئۆزى بىلەن بىر سەپتە تۇرمىغانلارغا قارا كۆزئەينەك بىلەن قارايدىغان ۋە دۈشمەن نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ساھەدە سەمىمىيلىك ۋە ئاڭ يوقالغاندا، ھەرقانداق ئىشتا نەتىجە قازانغىلى ياكى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

2022 – ئاپرېل.