ئەقىدە سىياسەتنىڭ يول خەرىتىسى
ئىسلام ئەقىدە، شەرىئەت، ئەخلاق، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھايات ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل بىر پۈتۈن دىندۇر. بۇ دىندىكى ئەقىدە مۇسۇلماننىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىش -ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن قانغا، يېتەكلىگۈچى موتورغا ۋە يول كۆرسەتكۈچى خەرىتىگە ئوخشاش ئەھمىيەتكە ئىگە.
شۇڭا، مۇسۇلماننىڭ پىكىرلىرى، تەسەۋۋۇرلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى ئەقىدىنىڭ كۆرسەتمىسى، روھى ۋە تەقەززاسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. چۈنكى، مۇسۇلماننىڭ گەپ – سۆزلىرى، يازمىلىرى، قىلمىشلىرى ۋە ھەرتۈرلۈك پائالىيەتلىرى ئەقىدىنىڭ كونتروللۇقى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. مۇسۇلماندىكى دوست- دۈشمەن ئۇقۇمى، ھالال- ھارام چۈشەنچىسى، توغرا- خاتا، ياخشى- يامان…. قاتارلىق قائىدە- ئۆلچەملەر ئەقىدە روھىي ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.
ئىسلامدا ئەقىدىنى قوغداش بىرىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يولدا جان ۋە مال- مۈلۈك قۇربان قىلىنىدۇ. چۈنكى، ساغلام ۋە جانلىق ئەقىدە شەكىللەنگەندە ئاندىن جاننى، ئىززەت- شەرەپنى، مال- دۇنيانى، ۋەتەن- مىللەتنى، ئادالەتنى ۋە ھۆرلۈكنى قوغدىغىلى بولىدىغان ئىدىيە ۋە روھ ھاسىل بولىدۇ.
دېمەك، مۇسۇلماننىڭ تەسەۋۋۇرى، ئىش- پائالىيەتلىرى، سۆيگۈسى، نەپرىتى، ئاۋازلىرى، قوللاشلىرى ئەقىدىسىنىڭ خەرىتىسى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ ۋە ئۇ بەلگىلىنىدۇ.
ئەمما سىياسىي جەھەتتىن پايدا- زىياننى مۆلچەرلەش، ئەۋزەللىك ئۇسۇلى بويىچە ھەرىكەت قىلىش، مۇمكىنقەدەر پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىش، ئۆز نۆۋىتىدە ھەر ئېقىمدىن پايدىلىنىش، زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىي ماھارەتتۇر…
لېكىن، كەسكىن بولمىغان پايدا- زىياننى مۆلچەرلەش تەسەۋۋۇرىنى ئەقىدىنىڭ ئالدىغا قويۇش، ياكى ئىككىدىن بىرنى تاللاشقا تەشەببۇس قىلىش ئەقىدە ۋە ئىدىيە ئازغۇنلۇقىدۇر، سىياسىي ساۋاتسىزلىقتۇر، مىللەتنىڭ كىملىكى ۋە قىممەت قارىشىغا سىياسىي جەھەتتىكى بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتۇر.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.
2023 – يىلى، ماي، 24 – كۈنى.