ئىسلام ئەقىدىسى پەخىرلىنىش مەنبەسى
ئىسلامدىكى ساغلام ئەقىدە ۋە ياخشى ئىش – ھەرىكەت توغرا يولنىڭ ئۆلچىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەقىقىي پەرقلىنىش ۋە پەخىرلىنىش ئۆلچىمىدۇر.
ئاللاھ بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئى ئىنسانلار! شەكسىزكى، بىز سىلەرنى بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆزئارا تونۇشۇشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە قەبىلىلەر قىلدۇق. شەكسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىدىغىنىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلاردۇر» دەيدۇ (ھوجۇرات سۈرىسى، 13 – ئايەت).
بۇ ئايەت بارلىق ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىش ئەسلىدە باراۋەر ئىكەنلىكىنى روشەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئارتۇقچىلىقنى ئىمان، تەقۋادارلىق ۋە ياخشى ئەمەلگە باغلايدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن ئىززەت شەرەپ ھېس قىلىش، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش – ھەرىكەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ روھىي بويىچە ياشاش ھايات پىرىنسىپىدۇر ۋە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ تەسەۋۋۇر ئاللاھنىڭ: «(دۈشمىنىڭلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، قايغۇرماڭلار. ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، سىلەر چوقۇم ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىسىلەر»(ئال ئىمران، 139 – ئايەت) دېگەن سۆزىنىڭ تەقەززاسىدۇر.
شۇنىڭدەك، «ئىززەت-شەرەپ ئاللاھقا، ئۇنىڭ رەسۇلىغا ۋە مۆمىنلەرگە مەنسۇپتۇر» (مۇنافىقۇن سۈرىسى، 8-ئايەت) دېگەن ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ ئىززىتى بولسا ئۇنىڭ باشقىلاردىن غالىب ۋە ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى؛ رەسۇلىنىڭ ئىززىتى بولسا ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ بارلىق دىنلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغانلىقىنى؛ مۆمىنلەرنىڭ ئىززىتى بولسا ئاللاھنىڭ ئۇلارنى -مۆمىنلىك شەرتىنى ھازىرلىغاندا- دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇڭا، مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ رازى بولغان ۋە تاللاپ بەرگەن ئىسلام دىنى بىلەن ئىززەت ھېس قىلىدۇ، شەرەپ ھېس قىلىدۇ، ھىدايەت ۋە ھۆرلۈك ھېس قىلىدۇ ھەمدە توغرا يولدا ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ، چۈنكى بۇ دىن ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ھايات مېتودىدۇر ۋە مۇسۇلماننىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساغلام يول خەرىتىسىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي