بالىلاردا كەچۈرۈم سوراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش مۇھىم
بالىلاردا كەچۈرۈم سوراش ياكى ئۆزرە ئېيتىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش تەربىيەدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ. بالىلار خاتالاشقاندا خاتالىقىنى تونۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش، كەچۈرۈم سوراش، چىرايلىق شەكىلدە تۈزىتىپ قويۇش ۋە بۇندىن دىققەت قىلىش ھەققىدە چىرايلىق نەسىھەت قىلىش تەربىيە ئۇسۇلىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بالىلار خاتالىشىپ قالغاندا ئۆزرە سوراش ياكى كەچۈرۈم سوراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ:
1. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۈلگە بولۇش: ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئالدىدا بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، دەرھال كەچۈرۈم سوراپ، ئۆزرە ئېيتىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئۈلگە بولۇش مۇھىم.
2. ھېسداشلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش : سىلەر بالىلاردىن باشقىلارنىڭ تۇيغۇسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ بېقىشنى تەلەپ قىلىڭلار.
3. قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش: سىلەر بالىلار بىلەن بولغان قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بالىلار بىلەن تىنچ شەكىلدە پاراڭلىشىڭلار، بالىلارغا يۈز بەرگەن خاتالىقنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭلار ھەمدە بۇندىن كېيىن بۇ خاتالىقتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرىڭلار.
4. كۆڭلىدىكى گەپنى توغرا ئىپادىلەشنى ئۆگىتىش: بالىلارغا كۆڭلىدىكى گەپنى توغرا شەكىلدە توغرا سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەشنى ئۆگىتىڭلار، چۈنكى ئۆزرە ئېيتىش كېكەچلەپ تۇرۇشنى كۆرسەتمەيدۇ.
5. بالىلارغا ئۆزرە ئېيتىشنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى سۆيۈملۈك قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭلار.
دېمەك، بالىلاردا ئۆزرە ئېيتىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش بالىنىڭ شەخسىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ياشاشتا ۋە چۈشىنىش ھاسىل قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
20.06.2024