خىتتايلارنىڭ زۇلۇم قىلىش سەۋەبى مۇستەملىكىدۇر
خىتتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىۋاتقان ھالىقلىق مەسىلە مۇستەملىكە ياكى تاجاۋۇزچىلىق مەسىلسىدۇر. چۈنكى بۇ يەردە خىتتايدىن ئىبارەت مۇستەملىكىچى، ئۇيغۇردىن ئىبارەت مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مەھكۇم مىللەت مەۋجۇدتۇر.
خىتتايپەرەسلەدىن باشقا ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان بۇ ھەقىقەت بېشىمىزغا كېلىۋاتقان بارلىق مۇسىبەت، خاپىلىق، زۇلۇم، خورلۇق…نىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسىدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىقنى دىنىمىزغا، مۇسۇلمانلىقىمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە، قىممەت قاراشلىرىمىزغا ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىمىزگە باغلاش سىياسىي دۆتلۈكتۇر، ئىدىيە بۇزۇقلىقىدۇر، دۈشمەنگە خىزمەت قىلغانلىقتۇر، مىللەتنىڭ ئىرادىسى ۋە كىملىكىگە ھاقارەت قىلغانلىقتۇر، مىللەتنى تاجاۋۇزچى بىلەن چىقىشىپ ياشاش ئىدىيەسىگە باشلايدىغان ساتقۇنلۇقتۇر.
بېشىمىزغا كەلگەن زۇلۇمنىڭ ئەسلىي سەۋەبى دىنىمىز ئەمەس، بەلكى ئەقىدىمىزگە سادىق بولمىغانلىقتۇر، دىنىمىزنى قۇرئان- سۈننەتتىن ئىبارەت ئەسلىي مەنبەسىدىن ساغلام چۈشەنمىگەنلىكتۇر، ساختا دىندارلىقتۇر، ساختا ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر. بۇ سەۋەبتىن ۋەتەننى تارتقۇزۇپ قويدۇق.
21- ئەسىردىمۇ داۋاملىشىۋاتقان دەھشەتلىك ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ۋەتەنسىزلىكتۇر ۋە دۆلەتسىزلىكتۇر ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ ساغلام يولى قۇللۇق ئېڭىدىن قۇتۇلۇشتۇر، دۈشمەننى دۈشمەن دەپ بىلىشتۇر ۋە شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىشتۇر. ۋەتەننى قايتۇرۇپ ئېلىش بىرىنچى قىلىپ شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ ئەقىدە مەجبۇرىيىتىدۇر، ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىدۇر، ئىنسانىي تۇيغۇسىدۇر ۋە ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر.
شۇڭا، ئاقمايدىغان سەۋەبنى باھانە قىلىپ، ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىش، كىملىكىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، قىممەت قاراشلىرىمىزنى كەمسىتىش دىنىمزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ۋە كۆرسەتمىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر، سىياسىي كۈرەشنى دىنسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقتۇر. بۇ قىلمىش سىياسىي دۆتلۈك بولغاندىن سىرت، مىللەتنىڭ تۇيغۇسىغا ئازار بەرگەنلىكتۇر، مىللەتنى پارچىلاشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر ۋە مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىگە قىلىنىۋاتقان دۈشمەنلىكتۇر.
شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، بۇ مىللەتنىڭ سىياسىي كۈرەش يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان روھ ئىسلام روھىدۇر، تاجاۋۇزچىغا باش ئەگمەسلىك ئىرادىسىنى ئاتا قىلىدىغان روھ ئىسلام ئەقىدسىدۇر، بۇ مىللەتنى يەنە ئورنىدىن دەس تۇرغۇزىدىغان روھ ئاشقۇنلۇق ۋە پاسسىپلىقتىن خالىي بولغان ساغلام ئىسلام ئېتىقادىدۇر ۋە مىللەتنىڭ كىملىكىگە رىئايە قىلىدىغان مىللىي روھتۇر.
شۇڭا، تاجاۋۇزچى دۈشمەننىڭ زۇلۇم قىلىش سەۋەبىنى دىنىمىزغا، مۇسۇلمانلىقىمىزغا ۋە دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئارتىپ قويۇش مىللەتنى قايمۇقتۇرغانلىقتۇر، دۈشمەننى چىرايلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقتۇر. بۇنىڭ ئىسپاتى شۇكى، تىبەت مىللىتى كاپىر بولسىمۇ، ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلمىسىمۇ، قىز ئاياللىرىنىڭ بېشى ئوچۇق بولسىمۇ، يەنىلا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ…
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.