
ئۆلىمانىڭ ۋەزىپىسى
ئۆلىمانىڭ ۋەزىپىسى دىننىڭ پىرىنسىپلىرى، مەقسەتلىرى ۋە ھەقىقەتلىرىنى توغرا يەتكۈزۈش، ئىنسانلارغا ئاشقۇنلۇق ۋە پاسسىپلىقتىن خالىي بولغان توغرا يولنى كۆرسىتىش، دىننىڭ پىرىنسىپلىرىنى قوغداش، ئازغۇن پىكىرلەرگە رەددىيە بىرىش، ھەق يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش، مىللەتنىڭ ھۆرلۈك يولىدا ساغلام ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن يېتەكچى پىكىرلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، مىللەتنىڭ ھەمكارلىقىنى ساقلاش، مىللەتنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ساغلام ۋە ئەخلاقىنىڭ گۈزەل بولۇشىغا دەۋەت قىلىش… تىن ئىبارەت.
ئۆلىما شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبىنىڭ ئىسلام ئەمەسلىكىنى، بىزنىڭ مۇستەملىكىگە دۇچ كېلىش سەۋەبىمىزنىڭ ئىسلام پىرىنسىپلىرى ئەمەسلىكىنى، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ئەسىر مابەينىدە ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا بىر پۈتۈن ئەمەل قىلماسلىقى، ئىسلامنى بىر پۈتۈن توغرا چۈشەنمەسلىكى، ئىدىيە ۋە چۈشەنچە كىرىزىسىگە دۇچ كېلىشى، دىندارلىقتىكى شەكىلۋازلىقى، ئىلىم- مەرىپەتكە ئىنتىلمەسلىكى، ئىلىم- مەرىپەتنى دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك دەپ ئايرىپ قارىشى، دۆلەتچىلىك ئېڭىنىڭ ۋە سىياسىي ئەركىنلىك روھىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشى، تەپەككۇر قىلماسلىقى ۋە كرىزىسىنىڭ ئەسلىي سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزدەنمەسلىكى… قاتارلىقلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بايان قىلىشى لازىم.
دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسى مىللەتنى -خاتا يولغا باشلاش ئۈچۈن- ئالىملاردىن ئايرىۋىتىش، ئالىملارنىڭ شان-شەرىپىنى چۈشۈرۈش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبىنى دىنىغا ئارتىپ قويۇپ ئەقىدە روھىدىن يىراقلاشتۇرۇشى، دىنىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ سەت كۆرسىتىشى، قىممەت قاراشلىرى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي ھەققىدە شەك گۇمان پەيدا قىلىشى، مىللەتنى يېتەكلەش ۋەزىپىسىنى ئىدىيەسى بۇزۇق بىلىمسىزلەرگە تۇتقۇزۇش، شۇنىڭدەك مىللەتنى بۆلۈپ پارچىلاش ۋە پايدىسىز ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئاۋارە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئازغۇنلارنى ۋە تايىنى يوق ساپاسىزلارنى مەشھۇر قىلىپ ئالدىغا چىقىرىش… تىن ئىبارەت.
كاشىغەرىي