توي ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرايلى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىز- ئاياللارنىڭ تويلۇقى ۋە چىقىمى ئاز بولغان توي ئەڭ بەرىكەتلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تويدۇر» دەيدۇ (ئىمام ئەھمەد ۋە نەسەئى بايان قىلغان).
ھەزرىتى ئۆمەر: «قىز-ئاياللارنىڭ تويلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى تويلۇقنى چوڭ قىلىش تەقۋالىق بولىدىغان بولسا ياكى پەزىلەت بولىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ ياكى قىزلىرىنىڭ تويلۇقىنى چوڭ قىلغان بولاتتى. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تويلۇقنى ناھايىتى ئاددىي قىلغان» دېگەن (ئىمام ئەھمەد بايان قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن تويلۇقنى ئاددىيلاشتۇرۇش ياكى نورمال قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدۇر ۋە كۆرسەتمىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قىزلىرىنىڭ تويلىرىنى ئازغىنە تويلۇق بىلەن قىلىپ قويغان.
تويلۇق نورماللىقتىن ياكى جەمئىيەتنىڭ تەلىپىدىن ئېشىپ كەتسە، باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىدۇ. تۇرمۇشى ئاددىي بولغان ياكى ئاتا- ئانىسى بولمىغان قىز-ئوغۇللارنىڭ توي قىلىش ئىشلىرىنىڭ تەسلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بىر قىسىم ياشلارنى توي قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ھارام يولغا كىرىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
ئىسلامدا توي قىلىش ئىبادەت، تويلۇقنى ئاز قىلىش سۈننەت، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى تەسلەشتۈرمەي ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش دىندارلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر.
شۇڭا، قېرىنداشلار! باي بولساڭلارمۇ تويلۇقنى جەمئىيەتنىڭ تەلىپىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار. بايلىقىڭلارنى تويدىن كېيىن كۆرسىتىۋىلىڭلار. ھالال يولنى تەسلەشتۈرۈپ قويماڭلار، توي قىلىشنىڭ تەسلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ياشلارنىڭ گۇناھ يولغا كىرىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالماڭلار. مۇھاجىرەت جەمئىيىتىدىكى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ياشلارنىڭ توي قىلىش ئىشلىرىغا ماددىي جەھەتتىن ياردەمدە بولۇڭلار، تويلۇق ياكى توينىڭ چىقىملىرىغا ياردەملىشىڭلار.
شۇنىڭدەك، تويلۇقتىن باشقا ئۇنى قىلمىدى ياكى بۇنى قىلمىدى دېگەندەك پارچە – پارات ئىشلار بىلەن ياشلارنىڭ توي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماڭلار، بەخت- سائادەت يولىغا پۇتلىكاشاڭ بولماڭلار، توينى ئاددىي ئۆتكۈزۈپ، چىقىمنى كۆپەيتمەڭلار.
دېمەك، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئۆرپ – ئادىتى ۋە مۇھاجىرەت ھاياتىنىڭ مۇشەققەتلىرىنى ئېتىبارغا ئالغان ئاساستا تويلۇقنى ئاددىيلاشتۇرايلى، ئاسانلاشتۇرايلى.
توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپ تويلۇقنىڭ داۋامى سۈپىتىدە قىزغا ماشىنا ئېلىپ بېرەمدۇ ياكى ئۆي ئېلىپ بېرەمدۇ ياكى قوشۇمچە ئالتۇن ئېلىپ بېرەمدۇ. بۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
07.10. 2023 – كۈنى.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
بەخت ۋە كۆڭۈل راھىتىنىڭ يولى
فىلىم كۆرگەندە ياكى ئويۇن ئوينىغاندا دىققەت قىلىشقا ئىشلار
ئاتا-ئانىغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەدەپ- ئەخلاقلىرى