
داداڭلارغا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن
قەدىرلىك بالىلار: داداڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار، داداڭلارنىڭ قەدرىگە يېتىڭلار، داداڭلاردىن پۇل تەلەپ قىلىشتا ئىقتىسادچان ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇڭلار. داداڭلارنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلماڭلار، داداڭلار پۇلنى يولدىن سۈپۈرۈپ كىرمەيدۇ، بەلكى سائەتلەپ جاپالىق ئىشلەپ پۇل تاپىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار كېرەك.
قەدىردان ئوغۇل -قىزلار: داداڭلار ئىشتىن قايتىپ ئۆيگە كىرگەندە تەبەسسۇم بىلەن قارشى ئېلىڭلار، مەيلى سىلەر چوڭ ياكى كىچىك بولۇڭلار، داداڭلارنى ئۆيگە كىرىپ بولغۇچە ئىككى مېڭىزىگە سۆيۈپ قويۇڭلار، قولىغا سۆيۈپ قويۇڭلار، ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى ئىپادىلەڭلار، 5 ياكى 10 مىنۇت مۇزاكىرىنى ياكى ئويۇننى دەرھال تاشلاپ داداڭلارنىڭ پۇت- قولىنى تۇتۇپ قويۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار داداڭلارنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ. سىلەرنىڭ تەبەسسۇم قىلغان چىرايىڭلارنى كۆرۈپ ھاردۇقنى ئۇنىتىدۇ .
مۆھتەرەم ئانىلار: سىلەر بالىلارغا بۇ خىل تەربىيەنى كىچىكىدىن تارتىپ ئۆگىتىشىڭلار ئىنتايىن مۇھىم.
بالىلار دادىسىنى ھۆرمەتلەشنى، ھەركۈنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويۇشنى، دادىسىغا گەپ قىلغاندا تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىلىشنى، ئەدەپ بىلەن گەپ قىلىشنى، دادىسىغا قول شىلتىپ گەپ قىلماسلىقنى، دادىسىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىغا رىئايە قىلىپ بىر نەرسە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنى، پۇلنى ئورۇنسىز ۋە ئېھتىياجلىق بولمىغان ئىشلارغا خەجلەپ ئىسراپ قىلماسلىقنى، مودا قوغلاشماسلىقنى، دادىسىنى ئاياشنى، دادىسىغا ئىچ ئاغرىتىشنى… ئۆگىتىشىڭلار لازىم.
بۈگۈنكى زاماندا كۆپلىگەن ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ئائىلىنى بېقىش قىيىنلىشىپ كەتتى، بالىلارنىڭ مەكتەپ ۋە باشقا ھەرتۈرلۈك چىقىملىرى ۋە تەلەپلىرى كۆپىيىپ كەتتى، ئىنسانلار شەخسىيەتچى بولۇپ كەتتى، دادىلارنىڭ جاپاسى ۋە غەملىرى ئېغىرلىشىپ كەتتى…
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
بالىلار ئۈچۈن ئەقىدە ۋە ئەخلاق دەرسلىرى ۋاتىساپ توپى:
https://chat.whatsapp.com/FhfyTKwDQDnI7Ie6gPoyWV