ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى بۈيۈك مەقسەتلەر
قۇرئان كەرىم ئاساسلىق قىلىپ ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى غايىلەرنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان:
1. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقان،
2. ئاللاھ ئىنسانلارنى بۇ دۇنيادا سىناش ئۈچۈن ياراتقان،
3. ئاللاھ ئىنسانلارنى بۇ دۇنيانى ئىلاھىي كۆرسەتمە ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مەدەنىيەت يارىتىش ئۈچۈن ياراتقان.
ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشىدىكى بۇ مەقسەتلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرىنچى قىلىپ ئىسلام ئەقىدىسى، ئىسلام ئىبادەتلىرى، ئىسلام ئەخلاقلىرى ۋە ئىسلامنىڭ باشقا ئاساسلىرىنى بىلىش ۋە بالىلارغا ئۆگىتىش لازىم.
ئىككىنچى قىلىپ بۇ دۇنيادىكى سىناقتىن نەتىجىلىك ئۆتۈش ئۈچۈن قۇرئان- سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە توغرا يولدا مېڭىش، ئازغۇن يوللاردىن ساقلىنىش، ھالال- ھارامغا دىققەت قىلىش ۋە توغرا- خاتانى بىلىپ مېڭىش لازىم.
ئۈچىنچى قىلىپ دۇنيانى تەرەققىي قىلدۇرۇش (ۋەتەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش) ۋە مەدەنىيەت يارىتىش ئۈچۈن مەكتەپلەردە مىللەت موھتاج بولۇۋاتقان ھەرخىل كەسىپلەردە يۇقىرى سەۋىيەدە ئوقۇپ، ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى، ھۆرلۈكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش لازىم.
شۇنىڭدەك ۋەتەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مىللەتنىڭ ھۆرلۈك يولىنى ئېچىش ئۈچۈن سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيەتلىرىنى چۈشىنىش، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ۋەيران بولۇشى ھەققىدىكى قانۇنىيەتلىرىنى بىلىش، تاجاۋۇزچىنىڭ خاراكتېرىنى ۋە مەھكۇم مىللەتنىڭ پىسىخىكىسىنى چۈشىنىش لازىم.
مۇشۇ ئۈچ تۈرلۈك مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ ماڭغاندا، ئاندىن دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.