كىملىك دېگەن نېمە؟
كىملىك دېگەن بىر نەرسىنىڭ ھەقىقىتى ۋە باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ماھىيەت خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئىبارەت. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ كىملىكى تىلى، دىنى، ئېتنىكى (ئىرقى)، مەدەنىيىتى، جۇغراپىيەسى ، تارىخى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭ كىملىكى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىش نىشانسىزلىققا باشلاپ بارىدۇ، كۈچىنى زايە قىلىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ئېنىق بەلگىلەش لازىم، بۇ مەسىلىدە تالاش-تارتىش قىلىشقا بولمايدۇ.
كىملىك ئىنسان ۋە جەمئىيەتنىڭ شەخسىيىتىنى قوغداپ تۇرىدۇ، كىملىك بولمىسا خۇسۇسىيەت ۋە باشقىلاردىن پەرقلىنىش بولمايدۇ، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتتە تۈرلۈك بولۇش بولمايدۇ، كىملىك بولمىسا شەخسىيەت ۋە ئوبراز يوقاپ كېتىدۇ. كىملىكىنى يىتتۈرۈپ قويغان ئىنسان قىممىتى يوق ئىنسانغا ئايلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى كىملىكنىڭ ئەقىدە ۋە ئىدىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇنىڭ شەخسىيىتىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. شەخس بىلەن جەمئىيەتنىڭ كىملىكى بىرلەشسە خاتىرجەملىك ۋە بىرلىك تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ، شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي كىملىك سوقۇشۇپ قالسا كىرىزىس پەيدا بولىدۇ.
تىل، دىن، تارىخ، قىممەت قاراش ۋە مەدەنىيەتنى ياتلاشتۇرۇش ياكى خىتتايلاشتۇرۇش مىللەتنى يوقىتىش، تىنچ ئۆزگەرتىۋېتىش ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك مۇستەملىكە قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر.
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ئۇيغۇر تۈرك مىللىتى ۋە ئىسلام ئەقىدىسىدە نامايان بولىدۇ. بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز بىلەن مۇسۇلمانلىقىمىز بىر بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئۇيغۇرلىقىمىز تۈرك مىللىتى ياكى تۈرك ئۈممىتىگە تەۋە بولغانلىقىمىزنى كۆرسەتسە، مۇسۇلمانلىقىمىز ئېتىقادىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزدە ئۇيغۇر دېمەك مۇسۇلمان دېمەكتۇر، مۇسۇلمان دېمەك ئۇيغۇر دېمەكتۇر. ئىسلام ئېتىقادىمىز، ئۇيغۇر تىلىمىز ۋە تۈرك ئىرقىمىز بىرلىشىپ كىملىكىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. بىزنىڭ تىلىمىز، تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ئىسلام بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. بۇ كىملىكىمىزنى قوغداش مىللىي، دىنى ۋە ئەخلاقى مەجبۇرىيەتتۇر.
دېمەك، بىزنىڭ كىملىكىمىز تىل جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلى، ئېتنىك جەھەتتىن تۈرك مىللىتى، دىن جەھەتتىن ئىسلام دىنى، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئىسلام ۋە ئۇيغۇر تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بىرلەشمىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي