
تايىنى يوقلارنىڭ زامانى
(1)
بۇ كۈنلەردە ساپاسىز ۋە ئاڭسىز تايىنى يوق كىشىلەرنىڭ بازىرى چىققىلى تۇردى. بۇ كۈنلەردە ھەقىقەت ۋە قىممەت قاراشلاردا چىڭ تۇرۇش ئەھۋالى ئاجىزلاپ كەتكىلى تۇردى. چۈنكى تايىنى يوق ساپاسىز ئىنسانلار ھەممە ئىشقا ئارىلىشىپ بۇزغىلى تۇردى. تايىنى يوق كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى ئاساسى يوق گەپلىرى ۋە بۇزغۇنچىلىقى مىللەتنى ئاۋارە قىلغىلى تۇردى.
پىرىنسىپ ۋە قىممەت قاراش يوقالغاندا، سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىقلار ۋە ئازدۇرۇشلار بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە زەۋقىگە، ئەخلاقىغا ۋە قىممەت قارىشىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مىللەتنىڭ ئاڭسىزلىقى ۋە ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن بۈگۈن گادايلارنىڭ زامانىغا ئايلانماقتا.
ئىنسان پەسكەشلىكتە، رەزىللىكتە ۋە ئەبگارلىقتا چوڭقۇرلىغانسېرى، ئەگىشىدىغان ئادەملىرى ۋە شۆھرىتى شۇنچە ئاشىدىكەن.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى تايىنى يوق ئەبگارلارغا سورۇن ھازىرلاپ بەردى. بۇ سەۋەبتىن، ھەرقانداق ئەبگار ياكى ساپاسىز قاراقورساق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئۆزىنى كۆرۈرمەنلەرگە تاڭالايدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئەخلەتنىڭمۇ ئالغۇچىسى بولىدىكەن، ھەرقانداق بىر چۈپرەندىلىكنىڭمۇ قوبۇل قىلغۇچىسى تېپىلىپ تۇرىدىكەن.
تايىنى يوق كىشىلەر ئۆز ساھەسىگە ئادەم توپلاشقا ئۇرۇنىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كېسىپ چاپلاش ئۇسۇلى، ھەقىقەتتىن خالىي بولغان گەپلەرنى يورغۇلۇتۇش ئۇسۇلى، ئۆزىنىڭ پىكرىگە قوشۇلمىغانلارغا تۆھمەت قىلىش ئۇسۇلى، ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىش ئۇسۇلى، ئۆزىنى مەشھۇر قىلىش ئۈچۈن بىلىم ئىگىلىرىگە مۇنازىرە ئېلان ئۇسۇلى، ئۆزى تەۋە بولغان تەشكىلاتنىڭ پىكرىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئەخلاقسىزلىق قىلىپ تور چىۋىننىڭ رولىنى ئويناش ئۇسۇلى…لىرىغا تايىنىدۇ. ئەپسۇسكى خىيالى تور دۇنياسى بىر قىسىم تايىنى يوق ئەبگارلارنىڭ بازىرىنى چىقىرىپ بەردى.
(كانادالىق پەيلاسوپ ئالان دونو (Alain Deneault) نىڭ «چۈپرەندىلىك تۈزۈمى» ناملىق كىتابىدىن ئۈزۈندە).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
01.01.2024- ئىستانبۇل .