
دەۋەت بىلەن سىياسىي پائالىيەت ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق
ئىسلام خىزمىتىنى پەقەتلا سىياسىي پائالىيەتكە چەكلەپ قويۇش ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن تەپەككۇر قىلىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى سىياسەتنىڭ ئىسلام بىلەن بولغان ئالاقىسى قىسمەن ئالاقە، يەنى سىياسەت ئىسلامنىڭ بىر قىسمى. شۇڭا ئىسلام خىزمىتىگە پەقەتلا سىياسىي قىسىمى بىلەنلا مۇئامىلە قىلىش دەۋەت خىزمىتىنى تارلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
1. ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى دەۋەت قىلىش:
ئىسلام ھەرىكىتى ياكى ئىسلام دەۋىتىنىڭ خاراكتېرى ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشىنى، ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى، ۋەزىپىسىنى ۋە ئاقىۋىتىنى بايان قىلىش، ئەقىدىنىڭ ھاياتتىكى رولىنى بايان قىلىش، ئىستىلىدىكى تەسىرىنى چۈشەندۈرۈش، ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىش غايىلىرىنى ئەسلىتىش ۋە ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە دەۋەت قىلىشتۇر.
ئىسلامنىڭ خاراكتېرى ھەرىكەتچان ۋە پائالىيەتچان دىن بولغانلىقى ئۈچۈن سۈكۈت قىلىش، جىمىپ كېتىشنى قوبۇل قىلمايدۇ، چۈنكى ئىسلام ھەربىر مۇسۇلماننى قەلبىنى پاكلاشقا، ئىدىيەنى ئىسلا قىلىشقا، ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا، كىملىك ۋە قىممەت قاراشلارنى قوغداشقا، شەرىئەتنىڭ جان، ئەقىدە، ئەقىل، ئىززەت- شەرەپ، مال دۇنيا، ئادالەت، ھۆرلۈك…تىن ئىبارەت مەقسەتلىرىنى ھىمايە قىلىشقا ياكى ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەتنى قوغداشقا، ئىنسانلار ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشقا، ياخشى ئىشلارغا يول كۆرسىتىشكە ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇشقا چاقىرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىسلام ھەرىكىتى ياكى ئىسلام دەۋىتى ئىسلام دىنىنىڭ ئىبادەتكە ۋە دىندارلىققا چاقىرىش خاراكتېرىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر.
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشىلىقىنى دەۋەت قىلىشقا، ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەش ۋە يامان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا باغلىغان.
2. سىياسىي ئەھكاملارنىڭ شەرىئەتتىكى دەرىجىسى:
ئىسلام دۆلەتنىڭ ئومۇمىي رامكىسى ياكى ئاساسلىق سىياسىي پىرىنسىپلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن. لېكىن خەلىپە / ھاكىمنىڭ مەنسىپى، دۆلەتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ھاكىمىيەت شەكلى ھەققىدە توختالمىغان. بۇ دائىرە ئىجتىھادىي مەسىلە بولۇپ قانۇنى بوشلۇق دائىرىسى ياكى «مەسكۇت ئەنھۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىجتىھاد دائىرىسى دىننىڭ ئاساسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ.
ئەلۋەتتە، ئىسلام دۆلىتىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى شەرئى ئەھكاملارنى تەتبىقلاش ئۈچۈن زۆرۈر شەرئى تەلەپ ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇنىڭغا ئاساسەن دىننى دۆلەتتىن ياكى سىياسەتتىن ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس.
لېكىن دەۋەت خىزمىتىنىڭ نەتىجە قازىنىشى سىياسىي فىقھىنىڭ ئاساسلىرىنى چۈشىنىشكە ۋە سىياسىي فىقھىنىڭ قائىدىلىرىنى ئىسلام دەۋىتىنى يەتكۈزۈشكە، شەخس ۋە جەمئىيەتتە تەتبىقلاشقا باغلىق بولىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، سىياسىي پىروگرامما بىلەن سىياسىي فىقھىنىڭ ئاساسلىرىنى ئايرىش مۇھىم. چۈنكى سىياسىي پىروگرام ئەمەلىي جۇزئى فىقھىدۇر. ئەمما سىياسىي فىقھىنىڭ ئاساسلىرى پىرىنسىپال قائىدىلەردۇر. يەنى سىياسىي پىروگرام سىياسىي فىقھىنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىر تارمىقىدىن ئىبارەت.
بەزىلەر دۆلەت قۇرۇشنى دىننىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىۋالغان، بەزىلەر دۆلەت قۇرۇشنى دىننى تەتبىقلاش ئۈچۈن ۋاسىتە دەپ قارىغان. دۆلەت قۇرۇشنى غايە دەپ قارىغانلار ئىنقىلاب ۋە قوزغىلاڭ ئۇسۇلىغا تايانغان. بەزىلىرى سىياسىي جەمئىيەت يەنى سايلام ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇش ئۇسۇلىغا تايانغان. بۇلارنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە بولغاندا، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش شەرىئەتنىڭ زېمىندا ئىزباسار بولۇشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىدۇر.
ئەمما دۆلەت قۇرۇشنى ۋاسىتە دەپ قارىغانلار دىنىي ئەركىنلىك مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن سىياسىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۇسۇلىغا قاتنىشىش لازىم دەپ قارىغان. بۇلار كىشىلەرنىڭ دىندارلىقىنى ئىسلاھ قىلىش ئۇسۇلىغا تايانغان.
ھالبۇكى، ئىسلام دەۋىتىنىڭ ياكى ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى كىشىلەرنى ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىش، گۈزەل ئەخلاققا چاقىرىش، ساغلام ئىسلام پىكرىنى قانات يايدۇرۇش، ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى تەشەببۇس قىلىش، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى يەككە -كوللېكتىپ شەكىلدە قوغداشقا تەشەببۇس قىلىش، يېڭى قىيىنچىلىقلارغا ئىجتىھاد قىلىپ چارە تېپىپ چىقىش، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىش، يامان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دىننىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتتىكى رولىنى جانلاندۇرۇش ۋە دىنىي چۈشەنچىسىنى يېڭىلاشتۇر.
3. ئىسلامنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي فىقھىسى
مۇسۇلمانلار ھاكىمىيەت ياكى سىياسىي فىقھى مەسىلىسىدە بىر قانچىلىغان ئېقىملارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. بەزىلەر ھاكىمىيەت شەكلىدە دېموكراتىيە ئۇسۇلىنى مۇسۇلمانغا نىسبەتەن كۇپۇرلۇق دەپ قارىغان. بەزىلەر قانۇنى مەنبەدە ئىلاھىي ۋەھىي ئاساس قىلىنسا، ئۇنى كېڭەشنىڭ بىر ۋاسىتىسىدىن ئىبارەت دەپ قارىغان، بەزىلەر ئۇنى دەۋرنىڭ زورلىشى دەپ قارىغان.
مەسىلەن، ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى دېموكراتىيەنى جاھىلىيەت دەپ قارىغان ۋە بىر پۈتۈن رەت قىلغان، چۈنكى ئۇ ھاكىمىيەت ئۇقۇمىغا زىت كېلىدۇ دەپ قارىغان.
بەزىلەر بەزى ئېقىملارنىڭ ئاشقۇنلىقىنى كۆرۈپ ئىلاھىي ھاكىمىيەت ئۇقۇمىنى رەت قىلغان.
بەزىلەر، سىياسەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئىلاھىي ۋەھىي ئاساس بولسا، دېموكراتىيەنىڭ ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلانسا بولىدۇ، دەپ قارىغان…
4. سىياسىي پائالىيەتنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىن غالىب كېلىشى:
ئىسلام دەۋىتى / ئىسلام ھەرىكىتى قۇرئان كەرىمنىڭ چاقىرىقى بويىچە ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش، ساغلام ئىسلام پىكرىگە دەۋەت قىلىش ۋە يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا ساغلام پىكىر ئىشلەپچىقىرىش…تىن ئىبارەت دەۋەت ۋەزىپىسىگە قايتىشى لازىم، چۈنكى ئىسلام دەۋىتىنىڭ ياكى ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي مەيدانى جەمئىيەتنىڭ دىندارلىقىنى قوغداشتۇر ۋە ساغلام دىندارلىققا چاقىرىشتۇر.
بۇ نۇقتىدىن ئىسلام دەۋىتى ياكى ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتقا دەۋەت قىلىشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئاللاھقا دەۋەت قىلىشى لازىم. ئەلۋەتتە، جەمئىيەتتە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان ھەرىكەت ئۈچۈن تەشكىللىك ھەرىكەت قىلىش زۆرۈر، لېكىن ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش تەشكىلاتقا دەۋەت قىلىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. دەۋەت ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ دىندارلىقى ئاشقانسېرى ۋە ئەخلاقى تۈزىتىلگەنسېرى ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تەسىرى كېڭىيىشكە باشلايدۇ. ئەكسىچە تەشكىلاتقا دەۋەت قىلىش ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈۋالسا، ئىسلام دەۋىتى ئارقىغا چېكىنىدۇ ياكى تار دائىرىدە چەكلىنىپ قالىدۇ.
دېمەك، ئىسلام ھەرىكىتى ياكى ئىسلام دەۋىتى خىتابلىرى ۋە ئىستىلىدا دەۋەت بىلەن سىياسەتكە ئوتتۇرھاللىق خۇسۇسىيىتى بويىچە تەڭپۇڭ مۇئامىلە قىلمىغاندا، سىياسىي ئەقىدىسى ئوتتۇرھاللىق چېكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئاساسلىق نىشانى بولغان دەۋەت، تەربىيە، ساغلام پىكىر ئىشلەپچىقىرىش، خەلقنىڭ ئېڭىنى ئېچىش ۋە جەمئىيەتنى ھەر تەرەپتىن ئىسلاھ قىلىش ۋەزىپىلىرىدە ئارقىغا چېكىنىدۇ.
سىياسىي ھەرىكەت تار دائىرىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن چەكلىنىپ قالغاندا، تەشكىلاتنىڭ سىياسىي تەسەۋۋۇرىنىلا قوغدايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ھالبۇكى ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەسلىي ۋەزىپىسى تەربىيە خاراكتېرلىك دەۋەت ئېلىپ بېرىش، دىنىي پىرىنسىپلاردا ۋە قىممەت قاراشلاردا مۇستەھكەم تۇرۇشقا چاقىرىش، ئىنسانلارنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىنى يېڭىلاش، قەلبىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇش، ئەخلاقىنى تۈزىتىش، ئىدىيەسىنى توغرىلاش، ياراملىق ئىنسان يېتىشتۈرۈش ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتۇر.
ئىسلام ھەرىكىتى ياكى ئىسلام دەۋىتى شۇمۇلى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ پىلانىمۇ شۇمۇلى بولۇشى كېرەك. ئىسلام ھەرىكىتى پەقەتلا سىياسىي تەرەپكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتسە، ئىسلامنىڭ ئاساسلىق تەرەپلىرىنىڭ ھەققىنى كەمسىتىپ قويغان بولىدۇ.
ئىسلام دەۋىتى سىياسىي ئېقىم بولۇشتىن بۇرۇن دەۋەتچى ئېقىم بولغانلىقى، ياكى دەۋەتچى سىياسىي بولۇشتىن بۇرۇن دەۋەتچى بولغانلىقى ئۈچۈن، سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن دەۋەت پائالىيەتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلغىنى – ھەممە كۈچنى بىر سېۋەتكە سولاپ زىيان تارتقىنىدىن- ياخشى. رېئال ھاياتقا ۋە ھەر تۈرلۈك ئۆزگىرىش قاينىمىغا كىرىپ كەتكەن سىياسىي تەرەپ زىيان تارتىپ كەتكەندە، ياكى ماركىسىنى ئۆزگەرتكەندە، دەۋەت تەرەپ ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىياسىي ھەرىكەت سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي چىرىكلىككە دۇچ كەلسە، دەۋەت ھەرىكىتى تەڭ زەربىگە دۇچ كېلىدۇ.
سىياسەتتە ئىجتىھادىي دائىرە كەڭرى ۋە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن تالاش – تارتىش كۆپ بولىدۇ، سىياسىي تەسەۋۋۇر ۋە كۆزقاراش ھەر خىل بولىدۇ. دەۋەتنىڭ ئاساسلىرى ۋە پىرىنسىپلىرىدا تالاش – تارتىش بولمايدۇ، كۆزقاراشنىڭ ھەرخىللىقى تارماق ۋاسىتىلىرىدە بولىدۇ.
سىياسىي ھەرىكەت رېئاللىقنى ئاساس قىلىپ ماڭسا، دەۋەت ھەرىكىتى رېئاللىقنى ۋە ئېھساننى (نەمۇنىلىكنى) ئاساس قىلىپ ماڭىدۇ. مانا بۇ كىشىلەر ۋە جەمئىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا سىياسەتچى بىلەن دەۋەتچى ئارىسىدىكى ھالقىلىق پەرقلەرنىڭ بىرى.
شۇڭا، ئىسلام ھەرىكىتىگە ياكى سىياسىي ھەرىكەتكە مەنسۇپ بولغان دەۋەتچىلەر ياكى ئۆلىمالار ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتچى بولۇشتىن ئىلگىرى دەۋەتچى ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئەسلەپ تۇرۇشى، ھەر دائىم دەۋەتچىلىك ئوبرازىنى قوغدىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دەۋەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى قانائەتلەنمىگەن ۋە توغرا تاپمىغان مەسىلىلەردە، مەيدانىنى ۋە پىكرى مۇستەقىللىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
ئۆلىما/ دەۋەتچى دېگەن ھەرقانداق مەسىلىگە قۇرئان-سۈننەت مىزانى ۋە پايدا- زىيان سېلىشتۇرما تارازىسى بويىچە قاراپ، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ۋە قانائەتلەنگەن مەسىلىدە قوللىسا بولىدۇ. ئەمما توغرا دەپ قارىمىغان ياكى شەخسىي قانائىتى بولمىغان مەسىلىلەردە مۇستەقىل مەيدانىنى ۋە پىكرى مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ ھەرقانداق بېسىمغا باش ئەگمەسلىكى ۋە ئىنتايىن سەزگۈر بولۇشى لازىم بولىدۇ.
خۇلاسە
1. سىياسىي پائالىيەت دەۋەت خىزمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە سىياسىي ئەركىنلىك مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ۋاسىتىدۇر.
2. ئىسلام ھەرىكىتى ئىلاھىي ۋەھىينى چۈشىنىشتە تارىخىي، سىياسىي ۋە دەۋرنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا توغرا بولمايدۇ.
3. ئىسلام ھەرىكىتى ئىجابىي تەنقىدنى قوبۇل قىلىشتا ۋە ئۆز ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشتا جۈرئەتلىك بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
4. دەۋەتچى ئەسلىي ۋەزىپىسى بولغان دەۋەت ھەرىكىتى بىلەن سىياسىي پائالىيەتنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشى، لېكىن دەۋەت ھەرىكىتى بىلەن سىياسىي ھەرىكەتنى تامامەن ئايرىۋەتمەسلىكى ياكى سىياسىي ھاياتتىن چېكىنمەسلىكى لازىم. چۈنكى، ئىسلامنى سىياسەتتىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ.
5. ئىسلام شۇمۇلى دىن بولسىمۇ ياكى ئىسلام دىن، دۆلەت ۋە مەدەنىيەت دىنى بولسىمۇ، ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرى، مەقسەتلىرى، قىممەت قاراشلىرى، دۇنيا قاراشلىرى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتتىكى كۆرسەتمىلىرىنى بىلمەيدىغان، شۇنىڭدەك ئىسلامدا مۇستەملىكىگە قارشى تۇرۇشنىڭ پەرزلىكى، ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىققا چاقىرىق قىلىپ مىللەتنى ئويغىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلمايدىغان، ھەرخىل سەۋەبتىن بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ، پارچە – پارات تارماق مەسىلىلەردىن ھالقىيالماي، ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەت كۈرىشىگە كۈچ چىقارماي تۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆلىما دەپ قارايدىغان دەۋەتچىلەرمۇ خېلى بار. مانا بۇ تۈردىكى دەۋەتچىلەر بىلەن سىياسىي فىقھىنىڭ ئارىسىدىمۇ تەڭپۇڭسىزلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
6. ھەرقانداق ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ نىشانى بىرىنچى بولۇپ ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش، تەۋھىدنى توغرا يەتكۈزۈش ۋە كۈندىلىك ھاياتنى تەۋھىدنىڭ تەقەززاسىغا باغلاش، ئىككىنچى بولۇپ ئىسلامنىڭ بارلىق ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن كەلگەن ئىلاھىي خىتاب ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش، ئۈچىنچى بولۇپ دەۋەت قىلىشتا ئەۋزەللىك ئۇقۇمىغا ئەھمىيەت بېرىش، دۆلەتتىن ئىلگىرى دىنغا خىزمەت قىلىش، ۋاسىتىنى دەپ غايىدىن غاپىل قالماسلىقتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
2021- يىلى، يانۋار.
ئىستانبۇل .