ئەر نوچىمۇ ياكى ئايال نوچىمۇ؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نوچى دېگەن يىقىتقان، يېڭىۋالغان ۋە باش ئەگدۈرگەن كىشى ئەمەس، ھەقىقىي نوچى دېگەن ئاچچىقى كەلگەندە ئاچچىقىنى باسالايدىغان ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان كىشىدۇر» دەيدۇ (ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان).
ئاچچىقلىنىش، بىر قىسىم ئىشلارغا ئاچچىقى كەلگەننى ئىپادىلەش ھەربىر ئىنسان تەبىئىتىدىكى تەبىئىي ئىش. ئىسلام ئىنساندىكى بۇ تەبىئىي خاراكتېرنى تۈزەتكەن، پاكلىغان، ئۇنىڭغا تەسىرىگە قاراپ ساۋاب ۋە جازا بەلگىلىگەن.
كىم ئەقىدىسى، قىممەت قاراشلىرى، ۋەتىنى ۋە ھۆرلۈكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئوخشاش ھەق ئىشلار ئۈچۈن ئاچچىقلانغان بولسا، بۇ ئاچچىقلىنىش ماختاشقا سازاۋەر بولىدۇ ۋە ساۋابقا ئېرىشتۈرىدۇ.
كىم ناھەق ئىشلار ۋە خاتا ئىشلار ئۈچۈن ئاچچىقلانغان بولسا، بۇ ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ناچار ئاچچىقلىنىش بولىدۇ ۋە گۇناھقا ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭدەك كىم ئاچچىقى كەلگەندە ئاچچىقىنى باسالمىسا، ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولسا، ياكى دىنىنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇنمىغان بولسا، ياكى ئائىلە ۋە بالا – چاقىلىرىدىن ئىبارەت دۇنيالىق ئىشلىرىغا زىيان سالغان بولسا، گۇناھكار بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، كۈچلۈك بولۇش بىلەن ئاچچىقلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى يوق. كۈچلۈك بولۇش ئايرىم گەپ، ئاچچىقلىنىش ئايرىم گەپ. كۈچ قۇۋۋەت پەقەت بەدەننىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا قارىتىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ئىمانى كۈچ قۇۋۋەت، ئەخلاقى كۈچ قۇۋۋەت، پىكرى كۈچ قۇۋۋەت، ئىلمىي كۈچ قۇۋۋەت، ئىرادە كۈچ قۇۋۋىتى، ئاڭ- سەۋىيە كۈچ قۇۋۋىتى…قاتارلىق كۈچ قۇۋۋەتلەرمۇ تېپىلىدۇ.
ھەقىقىي كۈچلۈك كىشى دېگەن بەدىنى كۈچلۈك بولغان كىشى ئەمەس، بەلكى ئىرادىسى كۈچلۈك بولغان كىشىدۇر. ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا ئۆزىنى بېسىۋالالايدىغان، تىلىنى باشقۇرالايدىغان، قولىغا ئىگە چىقالايدىغان، ئائىلىسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاچچىقىنى يۈتۈۋىتەلەيدىغان، ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېرىنى ياكى ئايالىنى كەچۈرۈۋېتەلەيدىغان، بىر ئېغىز گەپتىن قېلىپ ئاچچىقىنى يۈتۈپ ئىشنى ئىسلاھ قىلىشقا تېرىشىدىغان، ئاچچىقى كەلسە دەرھال شەيتاندىن پاناھ تىلەپ بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە ئاچچىقلىنىشنىڭ تەسىرىنى چىرايىدىن چىقىرىۋېتەلەيدىغان كىشىدۇر.
ھەقىقىي نوچى كىشى دېگەن ئاچچىقى كەلگەندە، شەيتاننىڭ ئارقىغا كىرمەيدىغان، ئايالىنى ياكى ئېرىنى ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىمايدىغان، ياكى ئايالىنى ئۇرمايدىغان، خورلىمايدىغان، ئازار بەرمەيدىغان ياكى بىگۇناھ كىشىلەرگە زىيان سالمايدىغان كىشىدۇر.
ھەقىقىي نوچى كىشى دېگەن ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن گۈزەل ئەخلاقىنى قوغداپ، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە باش ئەگمەيدىغان، نەپسى بىلەن جىھاد قىلىپ نەپسىنى باشقۇرالايدىغان، تىلىغا ۋە قولىغا ھاكىم بولالايدىغان كىشىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.