ئاياللار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ماھارىتى
ئاياللار نازۇك، ھېسسىياتچان، مېھرىبان ۋە سەزگۈر كېلىدۇ. بىر قىسىم تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ تەپەككۇرى ۋە پائالىيىتىدە ھېسسىيات بىلەن تۇيغۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. بۇ ئەھۋال پەيغەمبەرىمىزنىڭ ئاياللار توغرىسىدىكى سۆزلىرىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇئامىلە ۋە تەپەككۇرىدا ئەقىلدىن بەكرەك ھېسسىيات ۋە تۇيغۇغا تايىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاياللار ئەقىل ۋە زېرەكلىك جەھەتتىن ئەرلەردىن تۆۋەن ئەمەس، لېكىن ئۇلارنىڭ نازۇكلۇقى، ھېسسىياتچانلىقى ۋە تۇيغۇسى مۇئامىلە ئىشلىرىدا بەزىدە ئەقلىي تەپەككۇرىدىن غالىب كېلىدۇ.
پەيغەمبەرىمىز ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى سۈزۈكلۈك ۋە نازۇكلىقتا ئەينەككە ئوخشاتقان ھەمدە ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ سۇندۇرۇپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.
شۇڭلاشقا، ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىش ئۆگىنىشكە تېگىشلىك مۇھىم ماھارەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئاياللار ئىنچىكە تۇيغۇ، نازۇك ھېسسىيات ۋە چەكسىز مېھرىبانلىققا ئىگە بولغاچقا، ئۇلارغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، گەپ-سۆز قىلغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىش زۆرۈر. چۈنكى ئاياللارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ئەردىن سويۇپ كەتسە، سۇنۇپ كەتكەن ئەينەكتەك ئەسلىگە كەلمىكى تەسكە توختايدۇ.
ئاياللارنىڭ خاراكتېرى ئالغاندىن بەكرەك مېھىر ۋە سۆيگۈ تەقدىم قىلىشقا مايىل بولۇپ، ھېرىپ قالماي ياكى زېرىكمەي مېھىر-مۇھەببەت بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئازغىنە نەرسە بىلەن قايىل بولۇپ، ئاددىي بىر ئېتىباردىنلا خۇرسەن بولالايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنى مەنىۋى جەھەتتىن خۇرسەن قىلىش ماددىي جەھەتتىن خۇرسەن قىلىشتىن كۆپ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئاياللار مۇرەككەپ مۇئامىلىگە ئەمەس، بەلكى سىلىق ۋە مۇلايىم مۇئامىلىگە موھتاج. ئۇلار قەدىرلەشكە، ھۆرمەتلىنىشكە ۋە چىرايلىق سۆزلەرنى ئاڭلاشقا تەشنا كېلىدۇ.
ئۇلار ئەرلىرىدىن ئاساسلىقى قەدىر-قىممەت ۋە ھۆرمەت تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تەقدىم قىلىۋاتقان مېھرىبانلىقى ۋە سۆيگۈ-مۇھەببىتى ئالدىدىكى تەبىئىي ھەم ئاددىي بىر تەلەپتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي