بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ ياخشى چارىسى ئۈلگە بولۇش
بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن دەسلەپتە ئاتا-ئانا ئۆزىنى ئەقىدە، ئەخلاق، ئىلىم – مەرىپەت، پىكىر ۋە ئاڭ سەۋىيە جەھەتتىن تەربىيىلىشى لازىم، چۈنكى بالىلار ئاتا-ئانىنىڭ سۆزلىرىدىن بەكرەك ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن تەسىرلىنىدۇ. نەسىھەتنى كۆپ قىلىش ئورنىغا ئەمەلىي ئۈلگە بولۇپ تەسىر كۆرسىتىش بەكرەك پايدىلىق بولىدۇ.
شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى كەچ تەرەپتە بولسىمۇ مەسچىتكە بىرگە ئېلىپ چىقىشى، نەپلە نامازنى بالىلار ئالدىدا ئۆلچەملىك ئادا قىلىشى، ھەركۈنى ئاز بولسىمۇ بالىلار ئالدىدا قۇرئان كەرىم ئوقۇشى، ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى غايىنى بىلدۈرۈشى، بالىلارغا پەيغەمبەر ھاياتىنى ئوقۇتۇپ ئۇنى ئۈلگە تۇتۇشنىڭ پەرزلىكىنى ئەسكەرتىشى، مەكتەپلەردە باشقىلارغا قارىغاندا ئىلغار ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسلىتىپ تۇرۇشى، دۇئا قىلىشقا سەل قارىماسلىقى، ئەدەپ – ئەخلاقتا ئۈلگە بولۇشى، ھەرقانداق يەردە ناچار ۋە ئەخلاقسىز گەپ – سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشى، يالغان گەپ قىلماسلىقى، تېلېفون ياكى تېلېۋىزوردا گۇناھ بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن ساقلىنىشى، كۆزىنى سىرتتىكى ۋە تېلېفوندىكى ھارام سۈرەتلەردىن ساقلىشى لازىم، شۇنىڭدەك سۆزى بىلەن ئىش-ھەرىكىتى بىر-بىرىگە زىت بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
دېمەك، بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارغا ئەقىدىدە، ئەخلاقتا، ئىدىيەدە، قۇرئان ئوقۇشتا، كىتاب ئوقۇشتا، تېلېفوننى ئاز ئىشلىتىشتە ۋە تېلېۋىزورنى ئاز كۆرۈشتە ئۈلگە بولۇشى، ئۇلار بىلەن دوستانە ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، بالىلارنى قاتناشتۇرۇپ ئائىلە تۈزۈمى تۈزۈپ چىقىشى تەربىيەلەشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.