بالىلار تەربىيەسى ئانىنىڭلا مەجبۇرىيىتىمۇ؟
1. ئەگەر دادا نامازغا ئەزان چىققان ھامان تېلېۋىزورنى تاقاپ، نامازغا بالىلىرىنى بىرگە ئېلىپ ماڭسا، بالىلار نامازنى مەسچىتتە ئوقۇشنى ئۆگىنىدۇ.
2. دادا ھەركۈنى نامازنىڭ ۋاقتىغا ۋە ئۆيدە قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشقا ئەھمىيەت بەرسە، ئۆيىنى قۇرئان كەرىم ئوقۇلۇپ تۇرىدىغان ھالەتكە ئەكىلەلەيدۇ.
3. ئەگەر دادا ئۆيگە كىرگەندە سالام بېرىپ كىرسە ۋە بالىلىرىغا كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلسا، بالىلىرىغا سالام بېرىشنى ۋە باشقىلارغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ گەپ قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.
4. دادا ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ قوللىرىغا سۆيۈپ تۇرسا، بالىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.
5. دادا ئۆي ئىشلىرىدا ئايالىغا ياردەملەشسە، بالىلار ئانىسىغا ياردەملىشىشنى ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆگىنىدۇ.
6. دادا بىلەن ئانىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا، بالىلار ئالدىدا بىر-بىرىگە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلسا، بالىلار ئالدىدا جېدەل ماجىرا قىلمىسا، ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋارقىراشمىسا، بالىلىرىنى ئۆيىنى ياخشى كۆرىدىغان، بىر-بىرى بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان ۋە بىر-بىرى بىلەن كېلىشەلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ.
7. دادا ئائىلىگە تەۋە بەزى ئىشلاردا ئايالىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ تۇرسا ۋە ئۇلارنىڭ پىكرىنى ھۆرمەتلىسە، بالىلىرىغا ھەمكارلىشىپ ئىش قىلىشنى ۋە ئىجابىي ئىش قىلىشنى ئۆگىتەلەيدۇ.
8. دادا بالىلىرىغا سادىق بولسا، راستچىللىقنى ئۆگىتەلەيدۇ، بالىلىرىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلالىسا، بالىلىرىغا ۋاپادارلىقنى ئۆگىتەلەيدۇ.
9. دادا بىلەن ئانا ئۆينىڭ تۈزۈمىگە رىئايە قىلسا، بالىلىرىنى ئائىلە تۈزۈمىگە رىئايە قىلىدىغان، ھاياتىدا رەتلىك ئىش قىلىدىغان، ياتاقلىرىنى رەتلەيدىغان ۋە نەرسە كېرەكلىرىنى رەتلىك قويىدىغان قىلالايدۇ.
***
دېمەك، ئاتا – ئانا بالىلار تەربىيەسىگە تەڭ كۈچ چىقارسا، بالىلار دادىنىڭ كەسكىنلىكى ۋە ئانىنىڭ مېھرىبانلىقىدىن ئىبارەت تەربىيە تەڭپۇڭلۇقىدىن ئۆگىنىدۇ. ئانا تەربىيەسى بىلەن دادا تەربىيەسىنى تەڭ ئالغان بالىلارنىڭ پىسخىكىسى ياخشى بولىدۇ ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى كۈچلۈك بولىدۇ.
بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىلار پىرىنسىپ ۋە قىممەت قاراش ئۆگىنىشتە ئاتا – ئانىنىڭ كۆرسەتمىسىگە تەڭ موھتاج بولىدۇ. ئەمما دادىنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتە رولى بولمىسا، بالىلارنىڭ ئاساسلىق تەربىيەسىدە كەمچىللىك يۈز بېرىدۇ.
چۈنكى، ئوغۇل بالىلار ھاياتىدا ئۆرنەك تۇتىدىغان ئۈلگىگە موھتاج بولىدۇ. شۇڭا، تەربىيەدە دادا ئوغۇللىرىنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتىنى ئايالىغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى تەربىيە ئىشلىرىغا قاتناشمىسا، بالىنىڭ ھاياتتا ئەگىشىپ ماڭىدىغان ئۆرنىكى بولماي قالىدۇ ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ كەسكىنلىشىشكە باشلايدۇ ۋە ئائىلىنىڭ تىنچ مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈنكى، ئانا ئوغۇل بالىلارنىڭ تەربىيەسىنى يالغۇز ئۈستىگە ئالغاندا، ھارغىنلىق ۋە چارچاش ھېس قىلىدۇ، مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىدىن تېز چېچىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئوغۇل بالىنىڭ كەپسىزلىكى، ياكى ئانىنىڭ تەربىيەنى جايىدا تولۇق بېرەلمەسلىكى سەۋەبلىك تەربىيە جايىدا بولماي قالسا، ئەر بىلەن ئايال ئارىسىدا بىر-بىرىگە قېيىداش ۋە جىددىيلىشىش ھالىتى يۈز بېرىدۇ.
دېمەك، دادا ئائىلىنىڭ مۇدىرى ۋە يېتەكچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئاساسلىق تەربىيەسى دادىنىڭ گەدىنىگە چۈشىدۇ. خۇلاسىلىغاندا، بالىلار تەربىيەسى ئاتا-ئانىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.