نامازنى كېچىكتۈرۈشكە قانداق كۆڭلىڭىز ئۇنايدۇ؟
د.مۇستاپا مەھمۇد نامازنى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدىكى ئوي خاتىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
نامازنىڭ بەش ۋاقىت ۋاقتىنى پۈتۈن دۇنيانى ياراتقۇچى ئاللاھ بېكىتكەنلىك ئۈچۈن نامازنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈش توغرا ئەمەس.
ياراتقۇچى ئاللاھ ناماز ئارقىلىق ئىنساننى ئالدىدا ئەدەپ ئەخلاق بىلەن قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشىنى، پاراڭلىشىشىنى ۋە مەخپىي سۆھبەتلىشىشنى ئىرادە قىلماقتا.
ياراتقۇچى ئاللاھ ئىنساننى ھۆرمەتلەپ، پەقەت ماڭىلا تازىم قىلغىن، پەقەت ماڭىلا بويسۇنغىن، پەقەت ماڭىلا قۇلچىلىق قىلغىن، مەندىن باشقىسىغا قۇلچىلىق قىلىپ ئۆزۈڭنى خورلىمىغىن . نامازدا مەن بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئارزۇ ئارمانلىرىڭىزنى تىلىگىن دەۋاتسا، پارچە پارات ئىشلار سەۋەبلىك نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي، ئاللاھنىڭ ئالدىغا كېچىكىپ كېلىش نېمە دېگەن ئەقىلسىزلىق – ھە!
ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەت تۇرۇپ، مېنى ئۆزى بىلەن ئايرىم خۇسۇسىي ئۇچرىشىدىغان يىغىلىشقا چاقىرىۋاتسا، مەن ئۇ خۇسۇسىي ئۇچرىشىشتا پۈتۈن دىققىتىمنى بەرمەي، زېھنىمنى تولۇق يىغىپ ياراتقۇچى بىلەن سۆھبەتلەشمەي، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە تەسىرىگە ئۇچراپ ھەرتۈرلۈك خىيال دۇنياسىدا ئايلىنىپ ئۇ ئايرىم ئۇچرىشىشنى ئوچۇق ئۇچرىشىشقا ئايلاندۇرۇۋەتسەم قانداق بولغىنى؟ بۇ ئايرىم خۇسۇسىي ئۇچرىشىشقا بەدىنىم بىلەن قاتنىشىپ ئەقلىم بىلەن قاتناشمىسام قانداق بولىدۇ؟ مەن بەدىنىم بىلەن قاتنىشىپ، روھىم، ئەقلىم ۋە ھېسسىياتىم قاتناشمىسام، ئاللاھقا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولمامدۇ!
ئاللاھ مەندىن بىرقانچە مىنۇت بەدىنىمنى ۋە ئەقلىمنى دۇنيا ئىشلىرىدىن ئارام ئالدۇرۇشۇمنى، بىر ئاز دۇنيانىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭلىرىدىن ئايرىلىشىمنى، شۇ جەرياندا دەردلىرىمنى ئۇنىڭغا تۆكۈشۈمنى ۋە تىلەكلىرىمنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىزھار قىلىشىمنى ئىرادە قىلىدۇ.
ياراتقۇچى ئاللاھ ھەممىدىن ئۇلۇغ زاتتۇر، ھەممىدىن بىھاجەت زاتتۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى زاتتۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى زاتتۇر، ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى زاتتۇر ۋە ھەممىگە قادىر زاتتۇر. ئۇ زات مېنىڭ ئىبادىتىمدىن بىھاجەت تۇرۇقلۇق ئاۋازىمنى ئاڭلاشنى ئىرادە قىلىۋاتسا، مەن بىلەن مۇڭدىشىشنى ئىرادە قىلىۋاتسا، مەن نامازغا ۋاقتىدا كەلمەي ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئارقىغا سوزۇۋاتىمەن.
خۇددى مەن نامازغا ئۆز ئىختىيارىم بىلەن ئەمەس مەجبۇرىي كېلىۋاتقاندەك، نامازغا ھارغىنلىق، ھۇرۇنلۇق، ئېغىرلىق ۋە ئالدىراش ئىچىدە كېلىپ، نامازنى ئالۋاڭغا ئوقۇغاندەك تېز سۈرئەتتە ئوقۇپ، نامازنىڭ روھىدىن قۇرۇق قېلىۋاتىمەن.
مەن نامازدا بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتىمەن، بەدىنىم نامازدا بار، لېكىن روھىم ۋە ئەقلىم ھەرخىل تۈرلۈك خىياللار بىلەن غايىب بولماقتا.
جانابى ئاللاھ مەن بىلەن خۇسۇسىي يىغىلىشنى ئىرادە قىلىۋاتسا، مەن ئەقلىمنى يىغالماي، نامازنى قۇرۇق شوئارغا ۋە روھسىز شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىمەن.
بۇ نېمە دېگەن بىچارلىق ھە!
نامازغا پاكىز بەدىنى، ساپ ئەقلىي ۋە ساغلام روھىي تەييارلىق بىلەن كەلمەسلىك، نامازغا ئالدىراپ كېلىپ تېز ئوقۇپلا قوبۇل بولۇشىغا دۇئامۇ قىلماي قايتىش، نامازنىڭ ۋاقتىغا سەل قاراش، ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ روھىي ۋە مەنىۋى ئوزۇق سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن بەش ۋاقىت ئوزۇقىدىن ئوزۇقلانماسلىق ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالالماسلىق ھەقىقەتەن بىچارلىقتۇر ۋە دىننىڭ ماھىيىتىدىن يىراقلاشقان شەكلىي دىندارلىقتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.