ناماز نېمە ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم؟
چۈنكى ناماز ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكىدۇر،
ناماز ئىسلامنىڭ روھىدۇر،
ناماز پەقەت ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ ۋە روھىي ھۆرلۈكنىڭ ئىپادىسىدۇر،
ناماز مۇسۇلمانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر،
ناماز ھەربىر ئەركەكلەر ۋە قىزلارغا پەرزدۇر،
ناماز ئىنسان قىيامەت كۈنىدە ھېساب بېرىدىغان بىرىنچى پەرزدۇر،
نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشتۇر،
ناماز ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىبادەتتۇر،
ناماز نۇردۇر، ھىدايەتتۇر ۋە مۇۋەپپەقىيەتتۇر،
ناماز ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدىكى سۆھبەتتۇر،
ناماز كۆڭۈلنىڭ راھىتىدۇر ۋە ئىچى سىقىلىشتىن ھىمايە قىلغۇچىدۇر،
ناماز دۇنيانىڭ غەملىرىدىن راھەت بېغىشلىغۇچىدۇر،
ناماز ئىمانى ۋە روھىي جەھەتتىن كۈچ ئاتا قىلغۇچى مەنبەدۇر،
ناماز قەلبنى پاكلىغۇچى ۋە ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلغۇچىدۇر،
ناماز ئىنساننى يامان ئىش-ھەرىكەتلەردىن ۋە ناچار گەپ -سۆزلەردىن ھىمايە قىلغۇچىدۇر،
ناماز ئىنساننى ھارام ۋە يامان ئىشلاردىن قوغدىغۇچى قالقاندۇر.
ناماز ئۆلچەملىك ئادا قىلىنسا، باشقا ئىشلار جايىدا بولىدۇ، ناماز ئۆلچەمسىز بولۇپ قالسا ياكى ئادا قىلىنماي كەم قالسا، باشقا ئىشلار ئۆلچەمسىز بولۇپ قالىدۇ.
شۇڭا، قەدىرلىك ئوغۇللار ۋە قىزلار: ناماز ئۇيقۇدىن ياخشى،
ناماز ئويۇندىن ياخشى،
ناماز دوستلاردىن ياخشى،
ناماز گەپ قىلىشتىن ياخشى،
ناماز دەرستىن ياخشى،
ناماز فىلىم كۆرۈشتىن ياخشى،
ناماز تېلېفون ئويناشتىن ياخشى،
ناماز مال دۇنيادىن ياخشى،
ناماز يەپ ئىچىشتىن ياخشى،
ناماز دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسىدۇر.
بۇ سەۋەبتىن، قەدىرلىك ئوغۇللار ۋە قىزلار، نامازغا ئەھمىيەت بېرىڭلار، ناماز ۋاقتى كەلگەندە ئويۇننى ۋە تېلېفوننى تاشلاپ ناماز ئوقۇۋېلىڭلار، نامازنىڭ ۋاقتىنى قاچۇرۇپ قويماڭلار، ناماز ھەممە نەرسىدىن ۋە ھەرقانداق ئىشتىن مۇھىمدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي