2024-يىل 2-نويابىر

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

بالىڭىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز؟

بالىڭىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسىڭىز؟

14 ياشتىن 18 ياكى 20 ياشقىچە بولغان ئوقۇش باسقۇچىدىكى بالىلارغا زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ئەقىللىق تېلېفون بېرىش توغرا كېلىپ قالسا، يەنىلا ئۇلارنىڭ ھەر زامان نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىش،

مەكتەپكە بارغان ياكى بارمىغانلىقىنى بىلىش،

بالىنىڭ قايسى مەھەللىدە، قايسى كوچىدا ۋە قايسى كېتىۋاتقانلىقىنى، ياكى قايسى تورخانىدا، ياكى بازاردا.. ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى بىلىش،

تېلېفوننىڭ ئېچىلىش ۋە تاقىلىش ۋاقتىنى بېكىتىش،

تېلېفونغا كۈندىلىك ئىشلىتىش ۋاقتى بەلگىلەپ قويۇش،

تېلېفونغا قانداق پىروگراممىلارنى قاچىلىغانلىقىنى بىلىش،

قايسى ئەپلەرنى ۋە قايسى ئويۇنلارنى قانچىلىك ۋاقىت ئىشلەتكەنلىكىنى بىلىش،

ئۇيغۇن بولمىغان پىروگراممىلارنى چەكلەپ كونترول قىلىش،

تېلېفونىغا قاچىلىغان قايسى بىر پىروگراممىغا 30 مىنۇت ياكى بىر سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت بەلگىلەپ قويۇش،

تېلېفونغا كۈنلۈك بىر سائەت ياكى ئىككى سائەت دېگەندەك قوللىنىش ۋاقىت بېكىتىپ بېرىش،

تېلېفونغا مۇئەييەن بىر پىروگرامما قاچىلىماقچى بولسا، رۇخسەت بىرىش ياكى بەرمەسلىك…

قاتارلىق ئىشلارنى بۇ پىروگرام ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرالايسىز.

بالىڭىزنىڭ تېلېفونى ئەقىللىق ئىلغار تېلېفون بولغان تەقدىردىمۇ ، خالىسىڭىز ئۇ تېلېفوننى كۇنۇپكىلىق ئاددىي نوكىيا تېلېفونغا ئوخشاش پەقەت تېلېفون ئۇرغىلى بولىدىغان ياكى تېلېفون قوبۇل قىلىشقىلا يارايدىغان، باشقا ئىشقا يارىمايدىغان ھەتتا ۋاتىساپقىمۇ كىرەلمەيدىغان ھالەتكىمۇ كەلتۈرەلەيسىز.

بالىلارنىڭ تېلېفون ئىشلىتىشىنى كونترول قىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ خىل تۈردىكى پىروگراممىلار ئارقىلىق بالىلارنى يوتۇب، تىك توك ۋە ئىنىستىگېرام…غا ئوخشاش قايسىبىر پىروگراممىلارنى چۈشۈرۈشنى ياكى قوللىنىشنى چەكلىگىلى بولىدۇ.

بالىنى ياخشى باشقۇرماقچى بولغانلار، بالىلارنىڭ دەرس ئوقۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى چەكلىمەكچى بولغانلار، بالىلارنىڭ قالايمىقان ياكى ئەخلاقسىز نەرسىلەرنى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغانلار بۇ تۈردىكى پىروگراممىلارغا موھتاج.

بۇ پىروگراممىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن دادا ياكى ئانا ئۆزىنىڭ تېلېفونىغا بىر ئېمىل، بالىنىڭ تېلېفونىغا بىر ئېمىل ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بالىغا ئېمىل ئالغاندا بالىنىڭ يېشىنى 13 ياشتىن كىچىكلىتىپ ئېلىش لازىم.

بالىنىڭ تېلېفونىنى -بۇ پىروگراممىنىڭ بىرسىنى قوللىنىپ- ئېمىل ئارقىلىق دادىنىڭ ياكى ئانىنىڭ تېلېفونىغا باغلىغاندا، تېلېفون ئارقىلىق ھەتتا چەتئەلدە تۇرۇپمۇ بالىنىڭ تېلېفوننى باشقۇرغىلى بولىدۇ.

تۆۋەندىكى پىروگراممىلارنىڭ بىرىنچىسى Familiy link ھەقسىز ئىشلەيدۇ.

قالغان ئىككىسى ھەقلىق، يەنى يىللىقى 1000 تىلى ئەتراپىدا. ئەمما پۇلىغا لايىق ياخشى ئىشلەيدۇ.

بۇ پىروگراممىنى ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغانلار تېلېفوننى ياخشى بىلىدىغانلاردىن ياردەم سورىسا، ياكى تېلېفونچىلارغا ئازراق ھەق بېرىپ قىلدۇرۇۋالسا بولىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي