2025-يىل 13-فېۋرال

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

تايىنى يوقلارنىڭ زامانى

تايىنى يوقلارنىڭ زامانى

(3)

كانادالىق پەيلاسوپ ئالان دەنۇلىت (Alain Deneault) «تايىنى يوقلارنىڭ تۈزۈمى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق يازىدۇ: «سەن مۇرەككەپ كىتاب يازىدىغان ئىشنى تاشلا، چۈنكى ھېساب دەپتىرى بولسا مەقسەتكە يېتىدۇ، ئۆزۈڭ بەك ئەقىللىق بولۇۋالما ھەم چوڭ سۈپەتمۇ بولۇۋالما، بولمىسا چوڭچى كۆرۈنۈپ قالىسەن. يېڭى گۈزەل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلىما. ئۆزۈڭنى ھېچكىم پىسەنت قىلمايدىغان دەرىجىدە بەك ئاددىي كۆرسەت. باشقىلار سېنى ئاسانلا تۈرگە ئايرىيالىسۇن. كەمچىلىك تەرەپلىرىڭنى يوشۇرۇشتا راھەت بولغىن، چۈنكى تايىنى يوقلۇق دېگەن ئىقتىداردا ۋە سالاھىيەتتە كەمچىلىككە دۇچ كەلمەيدۇ. شارائىت ئۆزگەردى، قەلئە قولدىن كەتمىدى ياكى تاڭ سەھەردە بىر پاي ئوق ئېتىلمىدى ، شۇنداق تۇرۇقلۇق تايىنى يوقلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋالدى».

تايىنى يوقلارنىڭ كۈچى ئۆزىگە ئوخشاش تايىنى يوقلار بىلەن تونۇشۇش ۋە بىر-بىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشتىن كەلمەكتە. ئۇلار: «ماڭا يورۇقلۇق بەر، ساڭا چاقماق بولۇپ بېرەي» دېگەن پىرىنسىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ.

تايىنى يوقلۇق ئېڭى كۈنىمىزدە كۈندىلىك ھاياتنى كونترول قىلىۋالدى، ئىنسانلارنىڭ كۆپلىگەن ئەقلىي كۈچىنى ئۇپراتتى. قارايدىغان بولسىڭىز، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چىرايلىق كۆينەك، ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەت ئايىغى، ئەڭ چىرايلىق ئايال، ئەر- ئاياللار ۋە ياشلار كىيىملىرىنىڭ ئاخىرقى مودىسى، دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئىنەك، ئەڭ چىرايلىق ئىت، ئىلغار كالا، ئۆچكىنىڭ جەلپ قىلارلىق قارىشى… دېگەندەك تايىنى يوق ئىشلار ھەققىدە سائەتلەپ تالاش تارتىش قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بۇنىڭغا ئوخشاش تايىنى يوق ئىشلار ھەققىدە تېلېۋىزورلاردا ئۇزۇن ئۇزۇن تالاش – تارتىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئۆچكىنىڭ كۆزى ھەققىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئەڭ چىرايلىق قاراشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن توپلىنىدۇ، ئاۋام خەلق چىرايلىق كۆزلەرنى تاللاش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۆچكە دۇنيانى كەزدۈرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىرى بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدىن مىليونلاپ پۇل تاپىدۇ. تايىنى يوقلار بۈگۈن كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۈلگە بولۇپ قالماقتا.

تايىنى يوقلۇق تۈزۈمى تايىنى يوق ئىنسانلارغا ھەرخىل يوللارنى ئېچىپ بېرىدۇ، ھەتتا زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى قىلىپ، پۇلىنى يۇيۇپ قانۇنلاشتۇرۇشقىمۇ يول قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تايىنى يوق بۇزغۇنچىلار زەھەرلىك چېكىملىك ۋە باشقا ئەتكەسچىلىكتىن تاپقان پۇل بىلەن دوختۇرخانا سېلىپ دوختۇرلارنى ئىشلىتىدۇ، ياكى مەكتەپ سېلىپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇستازلارنى ئىشلىتىدۇ، ياكى قۇرۇلۇش قىلىپ ئىنژېنېرلارنى ئىشلىتىدۇ.

دېمەك، جەمئىيەتتە ھېچكىم تونۇمايدىغان تايىنى يوق ئىنسانلار مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن جەمئىيەتتە ئۈلگە ۋە ئۆرنەك بولىدۇ، بەلكى تېخى دۆلەتتە مەسلىھەتچى ۋە ھاكىم بولۇپ تايىنى يوق تەشۋىقاتچىلار بىلەن بىرلىشىپ جەمئىيەتنىڭ ئىدىيەسىنى ۋە كۈلتۈرىنى باشقا تەرەپكە يۈزلەندۈرىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلمىشنى قانۇنلۇق ئىشقا، پەزىلەتنى جازاغا ئۇچرايدىغان خاتا قىلمىشقا، خاتا ئىشنى پەزىلەتلىك ئىشقا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە ياخشى كىشىلەر ئەخمەق، نىجىسلار زېرەك سانىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ.

بۈگۈنكى زاماندا ئىنسانلار ئويلانمايدىغان، تەپەككۇر قىلمايدىغان بولۇپ قالدى، ئويلىنىشقىمۇ ۋاقتى يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى، چۈنكى تايىنى يوقلار ئىنسانلارنى ھەرتەرەپتىن ھەرتۈرلۈك تېلېۋىزور قاناللىرى ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تارقىتىۋاتقان سۈرەتلەر ئارقىلىق قورشاپ بولدى. ئېكرانلاردىكى سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەر ئويلىنىدىغان بىردىنبىر ۋاسىتە بولۇپ قالدى، يېزىقچىلىق يات بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى، سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەر ھەممە ئورۇنلارنى ئىگىلەپ كەتتى.

تېلېۋىزوردىكى قايسىبىر قانالغا قارايدىغان بولسىڭىز تايىنى يوق ئىنسانلارنىڭ بىرىسىنىڭ ئۆز كەسپى بولمىغان ساھەلەردە تەھلىلچى، ياكى پائالىيەتچى بولۇۋالغانلىقىنى كۆرەلەيسىز. ئېكران تايىنى يوقلارنى دەۋرنىڭ ئېينىشتىيىنغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. ئۇنىڭ سۆزىنى مۇقەددەس سۆزدەك كۆرسەتمەكتە ھەمدە بۇلارنى ھەرقانداق سورۇندا ھوقۇقنىڭ بېشىغا چىقارماقتا ھەمدە ئۇلارنى سىياسىي ساھەنىڭ چولپانلىرى قىلىپ كۆرسەتمەكتە. كۈنىمىزدە سىياسىي مەيدان تايىنى يوقلار پېتىقلايدىغان سېرك مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار ھەر كۈنى يۇقىرى مەنسەپلەرگە ياماشماقتا، مۇتەپەككۇر ئىنسانلار مۇنقەرز بولۇشقا دۇچ كەلمەكتە. شۇڭا، بىز بۈگۈن تەپەككۇرنىڭ مۇنقەرزلىك دەۋرىنى ياشاۋاتىمىز.

كۈنىمىزدە ئىلىم مەرىپەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىنسانلار يوق ھېسابتا. ئەگەر سىز بىر كىچىك ياش يىگىتتىن ئارزۇيۇڭ نېمە؟ دەپ سورىسىڭىز، ئۇ ئارزۇسىنىڭ نوچى ماشىنا، گۈزەل قىز، دېڭىز بويىدا ئۆي، بانكىدا ساناقسىز پۇلىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ. دېمەك، مال دۇنيا قىممەت قاراشنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى، ھوقۇق ۋە مەنسەپ ھەركىمنىڭ ئارزۇسىغا ئايلىنىپ قالدى. ھوقۇق ۋە مەنسەپنى كۆزلىگەنلەر بۇ ئارقىلىق مال دۇنياغا ئېرىشىشنى خالايدىغان بولۇپ قالدى. ھوقۇق بېشىغا چىقماقچى بولغانلار جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئويلىمايدىغان، بەلكى ئۆزىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللەندۈرۈشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. شەخسىي مەنپەئەت ھوقۇق سەۋدالىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى.

دېمەك، تايىنى يوقلۇق ئېڭىدىن قۇتۇلۇش ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى. ھەركىم ئۆزىنى قۇتقۇزالىسا، باشقىلارنى قۇتقۇزالايدۇ. ئۆزىنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتى نەتىجىدە ھەممىنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىدۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.