زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش ياكى قارشى تۇرماسلىقنىڭ ئۆزى زۇلۇمدۇر
مىللەتنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ۋە تاجاۋۇزچىلىقىغا سۈكۈت قىلغانلىقى ياكى قارشى چىقمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئومۇميۈزلۈك جازاغا، ئىرقى قىرغىنچىلىققا ۋە خورلىنىشقا ئۇچرىشى شەرئى ھەقىقەتتۇر ۋە ئىجتىمائىي قانۇنىيەتتۇر. چۈنكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىشنىڭ ئۆزى زۇلۇمدۇر، زالىمغا يول قويغانلىقتۇر، مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكتۇر ۋە زۇلۇمغا ئورتاق بولغانلىقتۇر.
مىللەتنىڭ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش ياكى قارشىلىق بىلدۈرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئومۇمىي جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەدىسلەردە ئېنىق تىلغا ئېلىنغان. رەسۇلۇللاھ: «ئىنسانلار زالىمنىڭ زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، زالىمنىڭ قولىنى تۇتۇۋالمىسا (يەنى زۇلۇمغا ئېتىراز بىلدۈرمىسە ياكى زۇلۇمغا قارشى چىقمىسا ياكى زۇلۇمنى توسمىسا) ئاللاھ ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە بىر تۇتاش جازا بېرىشى مۇمكىن» دەيدۇ (ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).
بۈگۈن مىللەت خاراكتېرلىك بېشىمىزغا كەلگەن مۇسىبەت، خورلۇق، قىرغىنچىلىق، دىنسىزلىق، ئەخلاقسىزلىق ، يېتىملىك ، بىچارلىق، كىملىك ۋە قىممەت قاراشتا بۆلۈنۈش، ئىچكى ئىدىيە توقۇنۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ۋە سىياسىي زۇلۇمىغا سۈكۈت قىلغانلىقتىن ياكى تاجاۋۇزچى زالىمغا قارشى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان.
مىللەت مۇستەملىكىگە، سىياسىي زۇلۇمغا، ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەت تاجاۋۇزچىلىقىغا، كىملىكنىڭ پارچىلىنىشىغا، قىممەت قاراشنىڭ ھاقارەتلىنىشىگە ئۇزۇن زامان سۈكۈت قىلىپ قارشىلىق بىلدۈرمەي كەلدى.
زۇلۇم سۆڭەكتىن ئۆتمىگىچە ياكى زۇلۇم ئائىلىسىگە قەدەر تەھدىت قىلىپ كىرمىگۈچە بېشىنى ئىچىگە تىقىپ كەلدى. ھازىرغا قەدەر خىتاينى تاجاۋۇزچى دەپ قارىمايدىغان، تاجاۋۇزچىغا غەزەپ- نەپرەت كۆزى بىلەن مۇئامىلە قىلمايدىغان، ئىمان تەقەززاسى بويىچە ۋەتەن-مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلمايدىغان، شەخسىي ئىبادەت بىلەن پەخىرلىنىپ، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىبادەتلەرنى بىلمەيدىغان ياكى قوللىمايدىغان ئاڭسىزلىق ۋە ئىدىيە كىرزىسى داۋام سۈرمەكتە.
شۇڭا، مىللەتنىڭ كۆپ قىسمىي زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغانلىق، ئىشغالچى زالىمغا قارشى تۇرمىغانلىق، مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىشقا كۆنۈپ قالغانلىق، مىللەتنىڭ ئەقىدىسى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ھىمايە قىلىشقا كۈچ چىقارمىغانلىق، زالىملارغا يان باسقانلىق، مۇستەملىكىنى قوبۇل قىلىش ئىدىيەسىدىن قۇتۇلالماسلىق، تاجاۋۇزچىلارغا سىياسىي ۋە ئىدىيەۋى جەھەتتىن غالچىلىق قىلغانلىق، بىر قىسمى ساتقۇنلۇق قىلغانلىق، يەنە بىر قىسمى ساتقۇنلارنى ئارىسىغا ئالغانلىق… گۇناھىنىڭ جازاسىنى ئۆتىمەكتە. مىللەت غەپلەت، ئاڭسىزلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە ئىتتىپاقسىزلىق نۇقتىسىدىن ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچرىماقتا.
ئاللاھنىڭ مىللەت خاراكتېرلىك بەرگەن جازاسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر توغرا يولى: ئاكتىپ ئەقىدىلىك، ساغلام ئىدىيەلىك، گۈزەل ئەخلاقلىق، يۈكسەك ئىلىم-مەرىپەتلىك، يۇقىرى ئاڭ -سەۋىيەلىك، ياراملىق ۋە مەسئۇلىيەتچان مۇسۇلمان بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەقىدىسىنى، قەلبىنى، ئىدىيەسىنى ۋە ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىش، زۇلۇمغا يان باسماسلىق، مۇستەملىكىنى قەتئىي قوبۇل قىلماسلىق، غەرب دۇنياسىدىكى ئەقىدىمىزگە، كىملىكىمىزگە ۋە قىممەت قارىشىمىزغا تاقاشمايدىغان پايدىلىق تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىش، سەۋەب- نەتىجىگە ئۇيغۇن ھالدا پايدا -مەنپەئەتنى مۆلچەرلەپ ئىش-ھەرىكەت قىلىش، مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا رىئايە قىلىدىغان ساغلام يول خەرىتىسى ئاساسىدا ئۈمىدسىزلەنمەستىن كۈرەش روھىنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر.
مانا بۇ سەمىمىي مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسىدۇر، مانا بۇ ئىماننىڭ تەلىپىدۇر، مانا بۇ سەمىمىي ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدۇر، مانا بۇ ھەقىقىي كۈرەشتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
قەدىر كېچىسى
ئادەم تىللايدىغان كېسەلدىن قۇتۇلايلى
قەدىر كېچىسى شاپائەت قىلالمايدىغان كىشىلەر كىملەر؟