
ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئىللەت ساغلام ئىدىيە كەمبەغەللىكىدۇر.
ئىدىيە كەمبەغەللىكنىڭ تەسىرىي ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئەسكىرىي… كەمبەغەللىكنىڭ تەسىرىدىن ئېغىر بولىدۇ ھەم بولماقتا.
بۇ ھەقىقەتنى سىياسىي ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ ھەمكارلىشالماسلىقى، ئورتاق پىرىنسىپ شەكىللەندۈرەلمەسلىكى، بىرلىك ۋە قېرىنداشلىقنىڭ بەدىلىگە گۇرۇھۋازلىقنىڭ ۋە يۇرتۋازلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، كىملىك ۋە قممەت قاراشتىن ئىبارەت ئاساسلىق پىرىنسىپلارنىڭ روھىي ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىش ئورنىغا تارماق مەسىلىلەردىكى تالاش تارتىشلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئۆز ساھەسىدە ساغلام پىكىر ئىشلەپچىقىرىپ مىللەتنى يېتەكلەش ئورنىغا توردىكى خىيالىي قەھرىمانلىقنىڭ بازار تېپىشى، ئوتتوراھاللىقتىن چەتنىگەن ئوڭچى ئاشقۇنلۇق ۋە سولچى ئاشقۇنلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خاتا يولنىڭ مىللەتنى ئىككى تەرەپكە تارتىپ قايمۇقتۇرۇشى… قاتارلىق كۆرۈنۈشلەردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.