بالىلار تەربىيەسى ئاتا-ئانىدىن باشلىنىدۇ
بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن نېمىنى كۆرسە شۇنى دورايدۇ، قىلغۇسى كېلىدۇ، تەسىرلىنىدۇ ۋە كۆنۈپ قالىدۇ.
شۇڭا، بالىلارنى جانلىق ئېتىقاد، ساغلام ئىبادەت، گۈزەل ئەخلاققا ئىنتىلدۈرۈش ۋە ئىلىم مەرىپەتكە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئاتا- ئانىنىڭ بۇ ساھەدە باشلامچى ۋە ئۆرنەك بولۇشى لازىم.
بالىلار ھېچكمىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسا ئاتا-ئانىنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ. ئاتا- ئانا بالىلىرىنى بۇيرۇيالايدۇ، توسالايدۇ، قىزىقتۇرالايدۇ.
مەسىلەن،
1. ئاتا-ئانىلار كۈندىلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە ھەربىرى بىر پارىدىن قۇرئان ئوقۇسا، بالىلار بىر پارە ياكى يېرىم پارە ئوقۇيدىغان بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار قۇرئاننى بالىلار مەكتەپكە كەتكەندە ئوقۇماي -كۈندىلىك ۋەزىپىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن- بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئەتىگەندە ياكى كەچتە ئوقۇش مۇھىم. بۇنىڭغا قوشۇمچە ئاتا-ئانىنىڭ ھەمدە بالىلارنىڭ ياسىن سۈرىسىنى، تابارەك سۈرىسىنى ۋە رەھمان سۈرىسىنى يادلىشى مۇھىم.
2. ئاتا-ئانا بالىلارنى ئاخشىمى بالدۇر ئۇخلىتىپ ناماز بامدات ۋاقتىدا ئويغىتىپ نامازنى ئادا قىلدۇرسا، ئاخشىمى خۇپتەن نامازغا مەسچىتكە بىرگە ئېلىپ چىقسا نامازغا كۆندۈرەلەيدۇ.
3. كۈندە يېرىم سائەت ئۇيغۇرچە ئىسلام، ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق توغرىسىدا يېزىلغان ياخشى كىتابلاردىن بىرنى بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇش مۇھىم. شۇنداق بولغاندا، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار تەڭ پايدىلىنىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنى تۈزىتىشكە ياردەمچى بولىدۇ.
ئاتا-ئانىلار بۇ ئىشنى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرۇشتا ئۈنۈم قازىنىش ئۈچۈن بالىلار بار يەردە تېلېفون ئوينىماسلىقى، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرمەسلىكى، تېلېفون ئىشلىتىشنى لازىم بولمىسا ئازايتىشى كېرەك.
دادا ياكى ئانا تېلېفونغا قاراپ تۇرسا، بالىلار قۇرئاننى ياكى كىتابنى ئوقۇمايدۇ. دادا ياكى ئانا تېلېۋىزوردا فىلىم كۆرۈپ تۇرسا، بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇغۇسى كەلمەيدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىدە زۆرۈر بولمىغان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى چوڭ – كىچىك قوللانماسلىق، ياكى تولۇق كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. ئاتا- ئانا ۋە بالىلارنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرىنى ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشى مۇھىم. ئاتا-ئانا ئۆزلىرىنى بالىلاردىن ئىلگىرى تېلېفوننىڭ تەسىرىدىن قۇتقۇزۇشى لازىم.
دېمەك، ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى بالىلارنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە شەرتى ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.