دادىنى ئىنتېرنېتتىن قۇتقۇزۇش لازىم بولۇپ قالدى
بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئاتا- ئانا ھەركۈنى مودەمنى ياكى ئىنتېرنېتنى ئاخشام سائەت 9 دىن تارتىپ ئەتىگەن سائەت ئونغىچە تاقىۋەتسە، توك ئىسراپ بولمايدۇ، كېچىلەردە تور كۆرۈپ مېڭىسىنى چارچىتىدىغان ۋە كۆزىنى كېسەل قىلىدىغان ئېغىر ئىللەتتىن قۇتۇلىدۇ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ كېچىلەردە ئىنتېرنېت ئىشلىتىشىنى چەكلىيەلەيدۇ، ياكى ئازايتالايدۇ ياكى كونترول قىلالايدۇ.
ئەڭ مۇھىمى ئاخشىمى بۇرۇن يېتىپ، ئەتىگەندە ناماز بامداتقا قوپالايدۇ، قۇرئان ئوقۇشقا ۋە كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالايدۇ، ئەتىگەندە باشلىغان ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن بەرىكەت ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
بۇ ئارقىلىق بالىلاردىن بۇرۇن دادىنى ياكى ئانىنى ئىنتېرنېتنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئائىلىسىگە ۋە بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولىدۇ. چۈنكى دادىنىڭ خىزمەتتىن ياكى ئىشتىن سىرت تېلېفون ئويناپ، بالىلىرى بىلەن ئوينىشىپ بېرىدىغان ۋە دەرسلىرىگە ياردەم بېرىپ بىرگە ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى بولمىغاچقا كىچىك بالىلار دادسىىغا: دادا سىزنى سېغىندۇق، تېلېفوننى تاشلاپ بىز بىلەن پاراڭلىشىڭ… دەپ خىتاپ قىلماقتا.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي