مەشغۇل قىلىش ئارقىلىق نىشاندىن يىراقلاشتۇرۇش
1. مەشغۇل قىلىش:
ئادەتتە تاجاۋۇزچىلار ياكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر مىللەتلەرنى مەشغۇل قىلىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىغا تايىنىدۇ. «مەشغۇل قىلىش» ئاتالغۇسى شەخسلەر ۋە مىللەتنى باشقۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.
مەشغۇل قىلىش دېمەك خەلق پىكرىنى ھىيلە-مىكىر ئارىلاشقان ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاساسلىق ۋە پىرىنسىپال مەسىلىلەردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئەھمىيىتى تۆۋەن بولغان ئىشلار بىلەن ئاۋارە قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ.
ئادەتتە تاجاۋۇزچىلار ياكى مۇستەبىتلەر خەلقنى ئاساسلىق مۇھىم مەسىلىلەردىن يىراقلاشتۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراش ئۈچۈن قەستەن مەسىلە ياكى قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئەسلىي نىيەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە مىللەتنى كولدۇرلىتىش ئۈچۈن قەدەممۇ قەدەم ھەر خىل چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مىللەتنى باشقا تەرەپكە بۇراشقا ئۇرۇنىدۇ.
ھەقىقىي خەتەرنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدىغان ساددا كىشىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ياكى قىلتاقلىرىغا ئالدىنىپ قالىدۇ. بۇ ئۇسۇل سىياسەت، ئىقتىساد، ئىدىيە ۋە تەلىم – تەربىيە ساھەلىرىدىمۇ قوللىنىلىدۇ.
دېمەك، مەشغۇل قىلىش دېگەن ماھارەتتۇر، ھىيلە-مىكىردۇر. ئادەتتە مەشغۇل قىلىش بىر ئاز نوپۇزلۇق، ياكى بىر ئاز ئىقتىسادلىق شەخسلەردىن سادىر بولسا، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قالىدىغان ئادەملەر ھەر زامان چىقىپ تۇرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلار ئاڭلىق ۋە سەزگۈر بولۇشى، دۈشمەنلەرنىڭ ياكى بىلەرمەنلەرنىڭ مەشغۇل قىلىش قىلتاقلىرىغا چۈشۈپ قالماسلىقى، ھەمدە ھەربىر مەسىلىنى باشقىلارنىڭ ئەقلى بىلەن ئەمەس، ئۆز ئەقلى بىلەن ئويلىنىپ ئىش قىلىشى لازىم بولىدۇ.
2. نىشاندىن يىراقلاشتۇرۇش:
ئادەتتە ئەقىدىسىگە، كىملىكىگە ۋە ۋەتەن- مىللىتىگە سادىق بولغان شەخسلەر مىللەتنى پايدىسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلمايدۇ، ياكى ئۇلارنى خىتايلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسلىق نىشاندىن باشقا تەرەپكە بۇرۇۋەتمەيدۇ.
سەمىمىي كىشىلەر كۈرەش مەيدانىدىكى بەزى قېرىنداشلىرىدىن بىرەر خاتالىق، ياكى بىرەر سەۋەنلىك ئۆتۈپ قالغان بولسا، ئۇنى چىرايلىق ئۇسۇلدا تۈزىتىش، ياكى ئىلمىي تەنقىد قىلىش، ياكى يامان گۇمان قىلماسلىق دېگەندەك بىر قاتار ئۇسۇللار ئارقىلىق چىرايلىق نەسىھەت قىلىدۇ.
سەمىمىي كىشىلەر ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ياكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتىبارىنى يەرگە ئۇرۇش ئۈچۈن، ياكى توغرا- خاتا بولۇش ئېھتىمالى بولغان كۆزقارىشىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن جېدەل- ماجىرا پەيدا قىلمايدۇ.
بىراق، سىياسىي كۈرەش مەيدانىغا كىرىۋالغان بەزىلەر باركى، ئۇلار سىياسىي مەيداندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ خاتالىشىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرىدۇ. قېرىنداشلىرىنىڭ بىرى خاتالىشىپ قالسا، ئۆزىنىڭ بىڭسىنى كۆرسىتىۋېلىش ئۈچۈن ئىنسابسىزلارچە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، بىلەرمەنلەرچە ۋە تەنتەكلەرچە گەپ-سۆز قىلىشقا باشلايدۇ.
مىللەتنى ئاساسلىق مەسىلىلەردىن مەشغۇل قىلىش ئۇسۇلى بەزىدە قۇرۇق گەپ -سۆز تارقىتىش، بەزىدە چالا دېيىلىپ قالغان بىرەر ئېغىز گەپ- سۆزنى خاتا چۈشەندۈرۈپ مىللەتنىڭ زېھنىنى چېچىش دېگەندەك ئەھۋاللار سىياسەت مەيدانىغا يېڭىدىن كىرگەن بەزىلەردىن تەكرار- تەكرار سادىر بولماقتا.
ئۇلارنىڭ بەزىسى مىللەتنى ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا، كۆزقاراشلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇشقا ۋە تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرىش ئورنىغا مىللەت ئارىسىدا جېدەل- ماجىرا پەيدا قىلىشتا يېقىندىن بىرى ماھارەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆرسىتىپ كەلمەكتە. مىللەتنىڭ ئەقلىنى ئەھمىيەتسىز كېچىك ئىشلاردا ئۇپراتماقتا.
بۇلار سىياسەتنى ھەقىقىي بىلىدىغان بولسا، مىللەتنى ھەقىقىي نىشاندىن پارچە- پارات ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلمىغان بولاتتى، ئۆزىگە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىشلارغا ئارىلىشىۋالمىغان بولاتتى.
پەيغەمبىرىمىز بىزگە ھەر قانداق بىر ئىنسان، ياكى ھەرقانداق بىر تەشكىلاتنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، ياكى گەپ سۆزلىرىدە خاتالىشىپ قېلىش خاراكتېرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبىرىمىز خاتالىشىپ قالغان، ياكى سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن قېرىنداشلارغا ھۇجۇم قىلىشقا، ياكى ئۇلارغا چوڭچىلىق قىلىشقا بۇيرۇمىغان، بەلكى چىرايلىق نەسىھەت قىلىشقا، قېرىنداشلارچە ئىلمىي تەنقىد قىلىشقا ۋە ئۆزئارا يامان گۇمان قىلماسلىققا بۇيرۇغان.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.
2020- سېنتەبىر .