ئىدىيەنىڭ بۇزۇلۇشى ئىستىلنىڭ بۇزۇلىشىدىنمۇ خەتەرلىك!
ئىدىيەنىڭ بۇزۇلۇشى ئىستىلنىڭ بۇزۇلىشىدىنمۇ خەتەرلىك، چۈنكى ئىدىيەسى بۇزۇلغان ئىنسان ئۆزى بىلەنلا قالماي جەمئىيەتتە بۇزۇق پىكىرلىرىنى تارقىتىپ باشقىلارنى ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
ئەمما زىنا دېگەندەك چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرەرسىنى قىلىپ سېلىش ئارقىلىق ئىستىلى بۇزۇلغان لېكىن پەخىرلىنىپ ئېلان قىلمىغان ئىنسان كۆپىنچە ھالەتتە ئۆزى بىلەن بولىدۇ، چۈنكى ئۇ نومۇس قىلىپ بولسىمۇ ياكى جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلىپ ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىستىلنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئاشكارا قىلمايدۇ ھەم ئۇنى باشقىلارغا بازارغا سالمايدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، ئىدىيەسى بۇزۇلغان كىشى بىلەن ئىستىلى بۇزۇلغان ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدا چوڭ پەرق تېپىلىدۇ. بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەلۋەتتە، چوڭ گۇناھ قىلىپ سېلىش ئارقىلىق ئىستىلى بۇزۇلغان، ئەمما باشقىلارنى گۇناھقا چاقىرمىغان كىشىنى تەۋبە قىلىشقا، ئۇ گۇناھنى قايتىپ سالماسلىققا چاقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن ئۇنى ئۇ سەۋەبلىك مەشھۇر قىلىپ سازايى قىلىۋېتىش توغرا ئەمەس. شۇنداقلا ئۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى ئاقلاشمۇ توغرا ئەمەس. ئىشنىڭ توغرىسى ئۇنى تەۋبە قىلىشقا ۋە توغرا يولغا قايتىشقا چاقىرغاندىن كېيىن، گۇناھىدا چىڭ تۇرۇۋالمىسا ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ جازاسىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشتۇر.
ئەمما ئىدىيەسى ئېنىق بۇزۇلغان كىشىنى تەۋبە قىلىشقا چاقىرىشقا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ بۇزۇق ئىدىيەسىنىڭ جەمئىيەتتە تارقىلىپ بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا پىكرىي جەھەتتىن رەددىيە بېرىشكە ۋە باشقىلارنى ئۇنىڭ ئازغۇن پىكىرلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر خەتەر ئىستىلنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بەكرەك ئىدىيەنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ۋە كىملىكىمىزگە، قىممەت قاراشلىرىمىزغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پىكىرلەرنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تارقىتىشقا ئۇرۇنۇشتىن كېلىپ چىقماقتا. شۇڭا، كۈنىمىزدە دىققىتىمىزنى بىر پۈتۈن كىملىكىمىزگە زىت كېلىدىغان پىكىرلەرنىڭ تارقىلىشىغا ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئىدىيە ھۇجۇملىرىغا مەركەزلەشتۈرۈش مۇھىم. بۇ ھەرگىزمۇ ئىستىلنىڭ بۇزۇلۇشىنى يەڭگىل سانىغانلىق ئەمەس، بەلكى بۇ ئىككى تۈرلۈك خاتا ئىشنىڭ بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسىنى بايان قىلغانلىقتۇر.
قۇرئان- سۈننەت ئىنكارچىلىرى، مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغۇچىلار، مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار، دۈشمەننىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، ياكى تەسلىمىيەتچىلىك ئىدىيەسىنى بازارغا سېلىپ ئىدىيە توقۇنۇشى پەيدا قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىس شەيتانلار، ھېجىقىزلىق تەشۋىقاتىنى قىلغۇچىلار، ئوڭچى رادىكال ئاشقۇنلار، سولچى رادىكال ئاشقۇنلار… دەل ئىدىيە بۇزۇقچىلىقىنىڭ نامايەندىلىرىدىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.