يېڭى توي قىلغان يىگىتلەرنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن
ھەي يىگىت:
توي قىلىشنى ئىبادەت دەپ بىلىڭ.
توي قىلىشنى ئىمانىڭىزنى تولۇقلىغۇچى ئامىل دەپ بىلىڭ.
توي قىلىشنى ئەخلاقنى ھىمايە قىلغۇچى قورغان دەپ چۈشىنىڭ.
توي قىلىشنى سۆيگۈ، مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈش دەپ چۈشىنىڭ.
توي قىلىشنى مەسئۇلىيەت دەپ بىلىڭ.
ئائىلە ھاياتىنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭ.
ئايالىڭىزنى ئىماندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ نېمەت دەپ چۈشىنىڭ.
ئايالىڭىزنى ھايات شېرىكىم دەپ مۇئامىلە قىلىڭ.
ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بولغان ئايالىڭىزنى قەدىرلەڭ.
يات بىر ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كەلگەن قىزغا ئىچ ئاغرىتىڭ، سىڭلىڭىز ئورنىدا مۇئامىلە قىلىڭ، كۆيۈنۈڭ، يىغلاتماڭ، كەڭ قورساق بولۇڭ، ئائىلىڭىزگە كۆنۈپ بولغۇچە بىرقانچە ئاي كېتىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماڭ، پارچە – پارات ئىشلارنى دەپ كۆڭلىنى سۇندۇرماڭ.
ئايالىڭىزنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداڭ ۋە سىرىنى باشقىلارغا دەپ يۈرمەڭ.
ئايالىڭىزنىڭ نازۇك ھەم تۇيغۇچان ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ ۋە بۇ ئاساستا مۇئامىلە قىلىڭ.
ئايالىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ ۋە قەدىرلەڭ.
ئايالىڭىزغا چىرايلىق ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلىڭ.
ئايالىڭىزنى تىللىماڭ، بوزەك قىلماڭ، قول تەگكۈزمەڭ.
ئائىلە تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىرادە قىلسىڭىز، ئورۇنسىز ئاچچىقلانماڭ، ئاچچىقنى بېسىۋېلىشنى ئۆگىنىڭ.
تۇرمۇشىڭىزنىڭ خاتىرجەم داۋاملىشىشنى ئىرادە قىلسىڭىز، پارچە- پارات ئىشلارنى بىلمەسكە ۋە كۆرمەسكە سېلىشنى ئۆگىنىڭ.
ئايالىڭىزغا ماددىي، ياكى مەنىۋى جەھەتتىن زۇلۇم قىلماڭ.
ئايالىڭىزنى نېمىنىڭ خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنىڭ رەنجىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىڭ ۋە شۇ ئاساستا مۇئامىلە قىلىڭ.
ئايالىڭىزنىڭ دادىسىنى، ئانىسىنى ۋە تۇغقانلىرىنى ھۆرمەتلەڭ، ئۇنىڭ دادىسىنى ۋە ئانىسىنى ئۆز ئاتا-ئانىڭىز ئورنىدا كۆرۈڭ.
ئۆزىڭىزنى ئەر تەرەپ دەپ ئۈستۈن تۇتۇۋېلىپ، قىز تەرەپكە چوڭچىلىق قىلىدىغان خاتا ئۆرپ ئادەتنى سادىر قىلماڭ.
سىز ئائىلىڭىزنىڭ ھاكىمى ئەمەس، بەلكى مۇدىرى. ئايالىڭىز سىزنىڭ خىزمەتچىڭىز ئەمەس، بەلكى ئائىلىنىڭ مەلىكىسى، ياردەمچىڭىز ۋە ھايات شېرىكىڭىز.
سىز ئايالىڭىزدىن ھەققىڭىزگە رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلغاندەك، سىزمۇ ئايالىڭىزنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشقا ئالدىراڭ.
ئەركەكلىك دېگەن ئايالىغا نوچىلىق قىلىش، ياكى زومىگەرلىك قىلىش ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيەتنى تونۇش ۋە ھۆددىسىدىن چىقىشتۇر.
سىز ئەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئائىلىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي خىراجەتلىرىدىن مەسئۇل. توي قىلغان ئىكەن بۇ مەسئۇلىيەتكە سەل قارىسىڭىز، گۇناھكار بولىسىز.
سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز ئايالىڭىزنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن تۈگەپ قالمايدۇ، يەنە ئايالىڭىزنىڭ كۆڭۈل ئېھتىياجى، دىننى چۈشىنىش ئېھتىياجى، ئىلىم مەرىپەتلىك بولۇش ئېھتىياجى، ئوقۇش ئېھتىياجى، ۋەتەن- مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئېھتىياجى بار. بۇ ئېھتىياجلارغىمۇ مۇناسىپ پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىڭ.
توي قىلىشتىن ئىلگىرى قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قىزنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىمەن ياكى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن بولسىڭىز، شارائىتىڭىز يار بەرسىلا بۇ ۋەدىڭىزگە ۋاپا قىلىڭ. بولمىسا ئاللاھنىڭ ئالدىدا ۋاپاسىز بولۇپ قالىسىز.
مۇھاجىرەتتە ياشايدىغان بولسىڭىز ئايالىڭىزغا ياخشى ئەر بولۇڭ، بەزىدە دادىنىڭ رولىنى ئېلىپ، بەزىدە ئاكىنىڭ رولىنى ئېلىپ، ئايالىڭىزغا غېرىبلىق ھېس قىلدۇرماڭ.
ئائىلىگە تەۋە ئىشلارنى ئايال بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قىلىشنى ئەرلەرگە ئەيىب دەپ قارىماڭ، ئايالىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئايالىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ، چۈنكى مەسلىھەت قىلىش ۋە كېڭەش بىلەن ئىش قىلىش ئىسلامنىڭ ھەرقانداق ساھەدىكى كەسكىن كۆرسەتمىسىدۇر.
ئائىلە ئىشلىرىدا ئايالىڭىزدا ياردەملىشىش سايىماخۇنلۇق ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەرىمىزنىڭ سۈننىتىدۇر، ۋاقتىڭىز يەتسە ياردەملىشىڭ.
سىز ئائىلىنىڭ يېتەكچىسى ۋە باش مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئايالىڭىزنى ۋە بالىڭىزنى ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، ئىلىم-مەرىپەت، كىملىك، قىممەت قاراش، مەدەنىيەت ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىڭىز بار.
ئاخىردا، پەيغەمبەرىمىز ئەر-ئاياللىق ھاياتىدا چىرايلىق ئۆتۈشنىڭ قائىدىسىنى ۋە ھېچكىمنىڭ ئەيىبتىن خالىي بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان بىر كۆرسەتمىسىنى بايان قىلىمىز. پەيغەمبەرىمىز: «بىر مۆمىن ئەر بىر مۆمىن ئايالنى يامان كۆرمىسۇن، ئۇ ئايالنىڭ بىر مىجەزىنى ياخشى كۆرمىگەن بولسا، يەنە باشقا بىر مىجەزىنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن» دەپ، ئەر-ئايال ئارىسىدا بەزى تەرەپلەردىن كۆز يۇمۇشقا تەشەببۇس قىلغان (ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان).
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي