2024-يىل 4-دېكابىر

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

دىننى چۈشىنىش ئەركىنلىك قائىدىسى

دىننى چۈشىنىش ئەركىنلىك قائىدىسى

1. ئىسلام دىنى ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىننى چۈشىنىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان، دىننىڭ كۆرسەتمىلىرى قۇرئان ۋە سۈننەت ھۆججەتلىرىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مۇسۇلماننىڭ دىيانەتلىك بولۇش مەسئۇلىيىتى ھېچكىمنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىمايدىغان يەككە مەسئۇلىيەت بولۇپ، ئاشۇ ئەھكاملارنى چۈشىنىش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. باشقا دىنلاردا بولسا دىن كىشلىرى دىنى چۈشەنچىلىرىنى كىشىلەرگە تاڭىدۇ.

ئىسلامدا دىنى چۈشەنچىنى مونوپول قىلىدىغان دىن كىشلىرى بولمايدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامنى چۈشىنىشتە باراۋەر، پەقەتلا ئۇلارغا دىننى چۈشىنىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان مېتود خاراكتېرلىك شەرتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش شەرت قىلىنىدۇ. ئەگەر مېتود خاراكتېرلىك شەرتلەر قايسى مۇسۇلماندا تېپىلسا، ئۇ مۇسۇلمان دىننى چۈشىنىشتە ئەركىن بولالايدۇ ۋە دىنى چۈشەنچىسىنى كىشىلەرگە تارقىتالايدۇ.

2. ئىسلام ئىلمىي ناھايىتى چوڭقۇر، كەڭرى ۋە ئىنچىكە كەسىپلەشكەن بىر ئىلىمدۇر، مېتود خاراكتېرلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ ساھەگە كىرىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ. شۇڭا ئىسلام ھەققىدە سۆزلىمەكچى ياكى يازماقچى بولغانلارنىڭ ئىسلامنى مېتودلۇق ئۆگەنگەن بولۇشى ياكى ئىسلامنى چۈشىنىش ئاساسلىرىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرگەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ھەممە ئادەمنىڭ پەتىۋا بېرىش ۋە ئىجتىھاد قىلىش ھەققى بولمايدۇ، چۈنكى ئىجتىھادنى مېتود بويىچە ئىسلامنى ئۆگەنگەن ياكى تەتقىق قىلغان ئالىملار قىلىدۇ.

3. ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ دىننى چۈشىنىش ھەققى پىرىنسىپ جەھەتتىن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققىدۇر، شۇنداقلا دىنى چۈشەنچىسىنى خەلققە يېيىشمۇ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققىدۇر، بىراق ئۇنىڭ چۈشەنچىسى پىتنىگە، ياكى بۇرمىلاشقا، ياكى دىننىڭ ماھىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا، ياكى دىننى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان بولسا، بۇ دىننى چۈشىنىش ئەركىنلىكىدىن ھالقىپ كەتكەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مېتود قوراللىرىغا ئىگە بولمىغان ۋە ياكى دىنغا ئەسلى مەنبەلىرىدىن قاراپ چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان بىر قىسىم كىشىلەر دىنى پىكىر ئەركىنلىكى دېگەن باھانە ئاستىدا پىرىنسىپال دىنى مەسىلىلەر ۋە ئىنچىكە نازۇك مەسىلىلەرگە بۇرۇننى سوقۇپ كىرىۋالماقتا، شەرىئەتنىڭ روھى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خاتا چۈشەنچىلىرىنى دىن نامىدا تارقاتماقتا. بۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئىنساب ۋە ئىلىم ئەخلاقىدىن چەتنىگەن ئەخلاقسىز بىر قىلمىشتۇر.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي