2024-يىل 4-دېكابىر

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

يېشىغا يەتكەن قىزلارغا مۇئامىلە قىلىش ماھارىتى

يېشىغا يەتكەن قىزلارغا مۇئامىلە قىلىش ماھارىتى

ئىنسان ھاياتىدىكى ھەربىر باسقۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس شارائىتلىرى ۋە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇللىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بالاغەت يېشىغا يەتكەن قىزلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن مۇھىم باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ.
قىزلار بالاغەت يېشىغا يېتىش باسقۇچىدا جىسمانىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ئۆزگىرىش، تەرسالىق قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلغۇسى قىلىش قاتارلىق بىر قىسىم ئەھۋاللارنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ.
شۇڭا، قىزلار بۇ باسقۇچتا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، تەقدىرلىنىش، قوبۇل قىلىنىش ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا موھتاج بولىدۇ.

بالاغەت يېشىغا يەتكەن قىزلارغا مۇئامىلە قىلغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم ئىشلارنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ:

  1. بالاغەت يېشىغا يەتكەن قىزلار ئەخلاقى جەھەتتىن بۇرۇلۇپ كېتىش باسقۇچىغا بېرىپ قالمىغان بولسا، ئۇنىڭغا قاتتىق قوللۇق قىلماسلىق ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەرسالىق قىلماسلىق لازىم.
  2. بۇ باسقۇچتىكى قىزلارنىڭ ئىش -ھەرىكەتلىرىنى كۆيۈنۈش ئىچىدە كۆزىتىشكە، ھەركۈنى نامازنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسلىتىشكە، كۈندىلىك قۇرئان كەرىم ۋەزىپىسىنى ئەسكەرتىشكە، توغرا بىلەن خاتانى ئۆگىتىشكە ۋە كونتروللۇق ئاستىدا مەلۇم دەرىجىدە ئىختىيارلىق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
  3. يېشىغا يەتكەن قىزلارنى ئەيىبلەش، كۆپ تەنقىد قىلىش، قوپال مۇئامىلە قىلىش، كەمسىتىش ۋە باشقىلار ئالدىدا مەسخىرە قىلىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىش لازىم.
  4. يېشىغا يەتكەن قىزلار بىلەن كۆپ پاراڭلىشىش، سۆزلىرىگە بىلىدىغان ئىش بولسىمۇ تولۇق قۇلاق سېلىش ۋە ئىشىنىپ سىرلىرىنى دەپ بېرىدىغان ئەڭ يېقىن دوستى بولۇشقا ئۇرۇنۇش مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىشنى دەپ بولغۇچە تەنقىد قىلىشتىن، ياكى جازالاشتىن، ياكى ھاقارەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، قىز بىلەن ئۆزى ئارىسىدا ئىشەنچ پەيدا قىلىش مۇھىم.
  5. يېشىغا يەتكەن قىزغا كىچىك بالىدەك مۇئامىلە قىلماي چوڭ بولغان كىشىدەك مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
  6. يېشىغا يەتكەن قىزنىڭ كۆزقاراشلىرىنى -توغرا بولسىلا- ھۆرمەتلەش، گەپ- سۆز، ئىش-ھەرىكەت ۋە كىيىم- كېچەكلىرىدىكى يۈرۈش تۇرۇشىنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن چىرايلىق ئۇسۇلدا تۈزىتىش لازىم.
  7. يېشىغا يەتكەن قىزنى باشقا قىزلار بىلەن سېلىشتۇرماسلىق مۇھىم.
    ئەكسىچە قىزنى ئۆز ساھەسىدە ئىلغار ۋە ئالاھىدە بولۇشقا قىزىقتۇرۇش، سۆيگۈ ۋە ياخشى كۆرۈش ئىچىدە تەشەببۇس قىلىش، ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم.
  8. بالاغەتكە يەتكەن قىزلار ھېكايە يولى ئارقىلىق قىلىنغان نەسىھەتلەر بىلەن تېز تەسىرلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا ئۆرنەك بولالايدىغان دىنى ۋە مىللىي مەشھۇر شەخسىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم.
    ئانا ئەمەلى يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەرنى بۇيرۇق ياكى تەھدىت ئۇسۇلىدىن خالىي ھالدا يېشىغا يەتكەن قىزلىرىغا ھېكايىگە ئايلاندۇرۇپ سۆزلەپ بەرسە، تېز تەسىر قىلىدۇ. مەسىلەن، ياخشى دوستنىڭ پايدىسى، ناچار دوستىنىڭ زىيىنى، ئىلىم-مەرىپەت ئېلىشنىڭ پەرزلىكى ۋە مۇھىملىقى، تىرىشچانلىقنىڭ مېۋىسى، ھۇرۇنلۇقنىڭ يامان ئاقىۋىتى، ھەققىدە ئەمەلىي بولغان ۋەقەلىكلەرنى سۆزلەپ بەرسە، توغرا دوست تاللاش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەن بولىدۇ.
  9. يېشىغا يەتكەن قىزلار ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆيگۈسىگە، كۆڭۈل بۆلۈشىگە ۋە ئەھمىيەت بېرىشىگە ئىنتايىن موھتاج بولىدۇ. يېشىغا يەتكەن قىزلار كۆڭلىدىكى گەپ- سۆزلەرنى تۆكىدىغان كىشىگە موھتاج بولىدۇ، ئانا- دادا بۇ باسقۇچتا قىزىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپنى تۆكۈشكە ۋە كۆڭلىدىكى گەپنى ئېنىق ئىپادىلەشكە ياردەمچى بولۇشى مۇھىم.
  10. يېشىغا يەتكەن قىزلار ئۆزىنىڭ قاتتىق كۆزىتىش ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالسا، غەمكىن بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئىشىنەلىسە، كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ۋە سىرلىرىنى تۆكۈشكە باشلايدۇ. بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش مۇھىم.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.