سېكۇلارلىشىشنىڭ مەنبەلىرى
سېكۇلارلىشىشنى تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىنىڭ بىر باسقۇچى ياكى تارىخنىڭ ئاخىرلىشىشىغا توغرا كېلىدىغان بىر دۇنيا كۈلتۈرى سۈپىتىدە كۆرۈش قايسى دەرىجىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ پەقەت مودېرنىست ئىدېئولوگىيەنىڭ مەغرۇرلۇقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. «مەغرۇرلۇق» دېمەك «ئالدىنىش» دېمەكتۇر. ئىنسان ئۆزىنىڭ يارالمىش مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنى ھەممىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە بىردىنبىر ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى خىيال قىلىشقا باشلىغاندىكى مەغرۇرلۇق ئالدىنىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بولۇپمۇ ئىنسان ئۆزى بەرپا قىلغان ماددىي مەدەنىيەتلەرگە قاراپ، كۆرەڭلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى داۋراڭ سېلىشقا باشلىغاندا، ئۇ ئىچىگە غەرق بولغان ۋە ئۇنى مەغرۇرلاندۇرغان بىلىم ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىنسان «مەرىپەتچىلىك» دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان نادانلىق ئاشۇ مەغرۇرلۇق ۋە ئالدىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىلىم بىلەن يوقالمىغان، ئەكسىچە بىلىم بىلەن تېخىمۇ ئېشىپ بارغان نادانلىق.
ئىنساننى بۇنداق كۆرەڭلىككە ئېلىپ بارغان نەرسە دۇنيادا ئىشقا ئاشۇرغانلىرىدۇر. مەدەنىيەتنىڭ ماددىي مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ھوسۇللىرى ئارتقانسېرى ئىنسانلارنىڭ ئاشۇنداق كۆرەڭلىكى تېخىمۇ نورمال بىلىنىدىغان ھالغا كېلىدۇ. ئەمما، بۇ سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى ئەلۋەتتە مۇتلەق ئىش ئەمەس. ئىنسانىيەت تارىخىدا قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاللاھ بىلەن تىركىشىش ئۈچۈن ئاسمان پەلەك قەلئەلەرنى بىنا قىلغانلارمۇ بولدى. ئىنسانلىقنىڭ سىرىنى يېشىپ، ئىنساننى ھامان بىر كۈنى ئۆلۈمسىز قىلىدىغان ئىكسىرنى تېپىش ئۇرۇنۇشلىرىمۇ تەڭرىدىن تامامەن قۇتۇلۇش ئارزۇسى بىلەن پاراللېل ھالدا تەرەققىي قىلغان ئىدى. شۇڭا، بۇ نۇقتىدا، يەر شارىنى ئايلىنىپ، ئىلگىرىكىلەر دۇچار بولغان ئاقىۋەتتىن ئىبرەت ئېلىشقا تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئىنساننىڭ ئاللاھنى لايىقىدا تونۇشىغا پۇتلىشىدىغان بارلىق ئامىللار ماھىيەتتە ئىنساننى ئۆزىدىنمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئادەمزات ئاللاھتىن يىراقلاشقانسېرى ئۆزىدىنمۇ يىراقلىشىدۇ، ئۆزىدىن ياتلىشىدۇ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنى تونۇش بىلەن ئۆزىنى تونۇش ئارىسىدىكى مۇۋازىنەت قۇلىقى ئاڭلايدىغان، كۆزى كۆرىدىغان ۋە ئەقلى – ھوشى جايىدا ھەركىمگە ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ. ئاللاھتىن يىراقلاشتۇرىدىغان ھېس – تۇيغۇلار يەنە ئىنساننىڭ ئۆزىنىمۇ ئىنسانلىق تەبىئىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغان، ئىنساننى ئىنسانغا دۈشمەن قىلىدىغان، ئىنساننى ئىنسانغا قۇل قىلىدىغان، ئىنساننى ئىنسانغا ئېكسپىلاتاتسىيە قىلدۇرىدىغان ھېس – تۇيغۇلاردۇر.
شۇنىڭدەك، سېكۇلارلىشىش بىر خىل يىراقلىشىش، بىر خىل ئۇنتۇش، بىر خىل تىزگىنسىزلىشىش جەريانى بولۇپ، بۇ «دۇنياۋىلىشىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمما، دۇنياۋىلىشىش ماھىيەتتە دۇنيانىڭمۇ ھەققى جايىدا بېرىلمەيدىغان، دۇنيانىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىمۇ دەپسەندە قىلىنىدىغان بىر جەرياندۇر. دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ھوسۇلىنى ئالىدىغان ئېتىزلىق دەپ قارالمىغان تەقدىردە، بۇ دۇنيادا ياشىغانلارنىڭ زۇلمىغا پەقەت ئاللاھ تائالا بەرگەن كۈچ – قۇۋۋەت ۋە سەۋرچانلىق بىلەنلا چىداپ كەتكىلى بولىدۇ – يۇ، ھەر ئىش كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىدۇ.
سېكۇلارلىشىش (دۇنياۋىلىشىش) ماھىيەتتە بىر چېكىنىشتۇر. ئۇ، كىشىلەر ئويلىغاندەك پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ بىر باسقۇچىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. ئاللاھقا مىڭ شۈكرىلەر بولسۇنكى، راستتىنلا ئۇنداق ئەمەس. دۇنيادا بىرلا ۋاقىتتا ھەم بىر جايدا، دۇنياۋىلىقنىڭ ئەڭ چەت ياقىلىرىدا كېزىدىغانلار بولغاندەك، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىلىرىدە ئىنسانلىقىنى نامايان قىلىدىغانلارمۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا قۇلغا قۇللۇق بىلدۈرۈش ئېڭىدىن قۇتۇلۇپ، پەقەت ئاللاھقىلا قۇللۇق بىلدۈرىدىغانلارمۇ بار. بۇ ھەممەۋجۇتلۇق ئەلۋەتتە ئارىلىرىدا چوڭقۇر ھاڭ بولغان مەۋجۇتلۇقتۇر؛ دەتالاش، سۈركىلىش ۋە قارشىلىشىش خاراكتېرىگە ئىگە مەۋجۇتلۇقتۇر.
سېكۇلارلىشىش مەلۇم بىر تارىخىي باسقۇچ ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي ھالەتتۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، سېكۇلارلىشىشنىڭ مەنبەسى ئىنساننىڭ ئۆز ئىرادىسى ۋە ئۆز تاللىشىدۇر.
سېكۇلارلىشىش (دۇنياۋىلىق) يەنى ئىنساننىڭ دۇنياغا غەرق بولۇپ، ئىنسانغا ياراتقۇچى زات بەلگىلەپ بەرگەن نىشاندىن تېيىپ كېتىشى ئاساسىي جەھەتتىن خىلمۇخىل شەكىللەردە بولىدۇ. ئىشنىڭ قىزىقارلىق تەرىپى بۇ روللار ئارىسىدا قويۇق بىر دىنىي كەيپىياتمۇ بولىدۇ.
بۇ نۇقتىدا فېتىشىزمغا ئايلاندۇرۇلغان بىر سېكۇلارىزم ئۆز ئىچىگە ئالغان دىندارلىق تۇيغۇلىرىنى قەيەرگە قويۇش مەسىلىسى كەسكىن دەتالاش تېمىسىدۇر. كۆپلىگەن سېكۇلار ياكى لايىك ئىنسانلارغا نىسبەتەن لايىكلىق دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس؛ ئىنسانلارنىڭ تىنچ – ئاسايىشلىق ئىچىدە، بىر تېررىتورىيەدە ياشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىسلاھات پىرىنسىپى تېخىمۇ ئەمەس. پەقەت ئۆزىگە خاس مۇراسىملىرى ۋە چوقۇنىدىغان ماددىلىرى بولغان بىر دىنىي تاللاشتۇر.
توغرىسىنى ئېيتقاندا، مۇشۇنداق چۈشىنىلگەن لايىكلىق ھەققىدىكى دەتالاشنىڭ بىر دىننىڭ تىنچلىقى ياكى بىر ۋەتەن پۇقرالىرىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. لايىكلىقنى ئۆز دىنىغا رەقىب دەپ تونۇغان، يەنە كېلىپ ئۇنى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئىدېئولوگىيەسى دەپ قارايدىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن قانداقتۇر بىر ياخشىلىق كۈتۈشى مۇمكىن ئەمەس.
تۈركىيەدە لايىكلىقنىڭ دىندار ئىنسانلار تەرىپىدىن مۇشۇنداق چۈشىنىلىشى ئەمەلىي تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئىشتۇر. شۇنداقتىمۇ ئاق پارتىيە ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە لايىكلىقنىڭ بىر ئىسلاھات پىرىنسىپى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان گىراژدانلىق يولى سۈپىتىدە يېڭىدىن ئېنىقلىما بېرىلگەنلىكى ھەمدە بۇ ئېنىقلىمىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپرەك ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى ھەممىگە ئايان. ھازىر لايىكلىق ھەققىدە تىلغا ئالغۇدەك دەتالاش يوق. تېخى تۈنۈگۈنلا قىز – ئاياللارنىڭ ھەرقانداق ئاممىۋى سورۇنغا ياغلىق ئارتىپ بېرىشىنى تەھدىت ھېسابلىغان رادىكال لايىكلىق چۈشەنچىسى ئەمدىلىكتە ئۇنى پۈتۈنلەي دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى دەپ قارايدىغان لايىكلىق چۈشەنچىسىگە ئورۇن بوشاتتى. بىر سىياسىي تۈزۈم بولغان لايىكلىق دەتالىشى شۇنداق قىلىپ كۈنتەرتىپتىن چۈشۈپ قالدى.
ئاساسىي جەھەتتىن، بىر ئىسلاھات پىرىنسىپى دەرىجىسىدىكى بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىسلامنىڭ ياكى مۇسۇلمان شەخسنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىغا ھېچقانداق سەلبىي تەسىرى بولمايدۇ. ئەسلىدىنلا مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ھەم دىندا زورلاش يوق، ھەم ھەركىمنىڭ دىنى ئۆزىگىدۇر. باشقا ئىنسانلار بىلەن تەڭ ھەمبەھرىلىنىدىغان دۇنيادا ھەركىمگە ئورتاق ساھەدە، ھەممەيلەننىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا مەلۇم تۈزۈملەرنى ئورنىتىش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئەمدىكى گەپ بۇ ساھەگە ئىشتىراك قىلىش نىيىتىنىڭ قانداق ئاڭ ۋە قانداق غەرەزنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىدە. ئاخىرقى ھېسابتا، بۇ ھېس – تۇيغۇ ھېلىھەم ھەركىمنىڭ ئۆزىگە خاس ئېتىقاد ۋە ئىدىيەۋى قاراش بولۇپ، بۇ ئىدىيەۋى قاراشلار ئېنىقكى بىر – بىرىدىن پەرقلىق تۇرۇپمۇ ھەممەيلەنگە ئورتاق بىر ساھەنى ئىشەنچ ۋە تىنچ – ئاسايىشلىق بىلەن بەرپا قىلالىشى مۇمكىن. بۇ ئىدىيە سېكۇلار دۇنيا قارىشىغا ئىگە بولغانلار بىلەن ئۆز دۇنيالىرىنى ئاخىرەتنىڭ ئېتىزى دەپ قاراپ، شۇ بويىچە ياشايدىغانلارنى بىر جايغا سىغدۇرالىشى مۇمكىن.
لېكىن، بىر ئىسلاھات پىرىنسىپى سۈپىتىدىكى لايىكلىق بىلەن ھاياتنى، ئىنساننى، دۇنيانى ۋە تەڭرىنى ئىدراك قىلىش يولى سۈپىتىدىكى سېكۇلارىزمنى ئايرىپ چۈشىنىش لازىم. بۇنىڭدىن سىرت، تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش ئەندىزىسى دەپ قارالغان سېكۇلارلىشىشنىڭ پىسخولوگىيە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىققا ئائىت مەنبەلىرى ھەققىدە توختالغان ئىكەنمىز، ھەم پىسخىكىلىق جەھەتتىن، ھەم جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئەھۋال بولغان لىبېراللىق، كونسېرۋاتىپلىق ۋە ئەنئەنىچىلىك قاتارلىق ئۇقۇملار ئۈستىدىمۇ ئاز – تولا توختالماي بولمايدۇ.
دۇنياۋىلىق مەنىسىدىكى سېكۇلارلىشىش
دۇنياۋىلىق بىلەن دىندارلىقنى بىر – بىرىگە زىتلاشتۇرۇش سېكۇلارلىشىش نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تايانچلىرىدىن بىرى دەپ قارالماقتا. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇ زىددىيەتنىڭ ئۆزىلا ھاياتنى ئىككىگە بۆلۈپ، دىن بىلەن دۇنيا ئارىسىنى ئايرىپ تاشلاش ئارقىلىق يەنە شۇ ئۆزىنىڭ دېپىنى چالىدۇ. بىز ياشاۋاتقان دۇنيادىن باشقا بىر دۇنيانىڭ بارلىقى، بىزگە تەسىر كۆرسەتكەن ياكى بىز ھامان بىر كۈنى يېتىپ بارىدىغان بىر دۇنيانىڭ بارلىقىدىن ئىبارەت قاراش دىننىڭ ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرە فاتىھەدىن كېيىنكى تۇنجى سۈرە يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ دەسلەپكى ئايەتلىرىدە «غەيب»كە (كۆرۈنگەن دۇنيادىن باشقا بىر دۇنيانىڭ بارلىقىغا ۋە شۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىگە) ئىمان ئېيتىشنىڭ مۇئمىنلەرنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. غەيب دۇنياسى ياكى ئاخىرەت ئالەمى بىر مۇئمىننىڭ بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇدىيىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئېتىقادتۇر. بىزنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ، كۆزىتىپ تۇرىدىغان، ئىدارە قىلىدىغان، بېشىمىزغا كەلگەن ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ بىردىنبىر بەرپاچىسى بولغان ئاللاھقا ۋە قىلغان – ئەتكەنلىرىمىزنىڭ ھېسابىنى بىرمۇبىر بېرىدىغان ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش ئىسلامىي دىندارلىقنىڭ يادروسىدۇر.
لېكىن، بۇ ئاخىرەت چۈشەنچىسى ياكى دىن چۈشەنچىسىنىڭ ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىپ، دۇنياغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان قىلىپ قويۇش دەرىجىسى قانچىلىك؟ دىنىي تەسەۋۋۇر ئىچىدىكى ئاخىرەت چۈشەنچىسى ياكى ئېتىقادى ئىنسانغا دۇنيادىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشى ئۈچۈن سىڭدۈرۈلەمدۇ ياكى ئۇنىڭ دۇنياسىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ؟ دۇنيانى مەلۇم بىر يۆنىلىشتە ئۆزگەرتىشنى، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشنى، كونترول قىلىشنى ۋە مۇشۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىگە بولۇشنى نىشان قىلمىغان ئاخىرەت چۈشەنچىسىنى دىندارلىق دېگىلى بولامدۇ؟ دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئېتىزى ئەمەسمۇ؟! دۇنيادا نېمە تېرىساق، ئاخىرەتتە شۇنى ئورىمايمىزمۇ؟!
ئاخىرەت ئېتىقادىغا ئىگە مۇئمىنلەرگە نىسبەتەن ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ يولى بۇ دۇنياغا تېخىمۇ يېپىشىدىغان ھالەتكە كېلىشى ۋە شۇ ۋەجىدىن، ئىچكى زىددىيەتكە تولغان ئاخىرەت چۈشەنچىسى بىلەن دىندارلىق ئەمەلىيەتتە سېكۇلارلىشىش (دۇنياۋىلىشىش) نى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدىغان بىر جەريانغا ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. چوقۇمكى، «دۇنياۋىلىشىش» دېيىلگەندە كۆزدە تۇتۇلغىنى ئاخىرەت ئېتىقادىنىڭ پۈتۈنلەي يوقلۇقى ياكى ئاخىرەت ئىنكار قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ يوق ھېسابىدا ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر. ئىنسانلاردا بۇ خىل دۇنياۋىلىشىشمۇ بار، ئەلۋەتتە. يەنە «دۇنياۋىلىشىش» دېيىلگەندە تۇنجى بولۇپ كاللىغا كېلىدىغىنى مۇشۇدۇر. لېكىن، دىندارلىقنىڭ دۇنياغا قارشى قۇتۇپقا قويۇلۇشىدا يەنە بىر غەلىتىلىك مەۋجۇت. دىندارلارنىڭ دۇنياغا بولغان قىزىقىشلىرى ئارتقانسېرى بۇ ئەھۋال گەرچە ئاخىرەتتىكى ھېسابنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، سىرتتىن قارايدىغانلارغا نىسبەتەن دۇنياغا تېخىمۇ بېرىلىپ كېتىش ۋە دىندارلىقتىن يىراقلىشىش دەپمۇ قارىلىشى مۇمكىن.
«دىن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى كىشىنى تولىمۇ يوچۇن4 خىياللارغا غەرق قىلىدۇ. «دىن» سۆزى (د ي ن) بىلەن دۇنيا سۆزى (د ن ي) ئوخشاش يىلتىز ھەرپلەردىن تەركىب تاپقان. پەقەت سۆز يىلتىزىدىكى ئىككى ھەرپنىڭ ئورنىنىڭ ئالمىشىشى بىلەن بىر – بىرىدىن پەرقلىنىشى بۇ ئىككى سۆز ئارىسىدىكى يىلتىزلىق مۇناسىۋەتنى يوقىتىۋەتمەيدۇ. ئېتىمولوگىيە ئۈستىدە ئىزدىنىش كىشىنى كۆپلىگەن ئىجادچان تەسەۋۋۇرغا باشلىسا كېرەك. جۈملىدىن، «دىن» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىدە مەۋجۇت بولغان «قەرز» سۆزى (دەين) ماھىيەتتە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا بار بولغان كۆپلىگەن باشقا مۇناسىۋەتلەرنىمۇ يورۇتۇپ بېرىدۇ. دېمەك، «دىن» − ئىنساننىڭ ئاللاھ ئالدىدا، باشقا ئىنسانلار ئالدىدا ۋە پۈتۈن مەخلۇقاتلار ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىدۇر. ئىنسان بۇ بۇرچنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا باشقا ئىنسانلار ئالدىدا ئۆزىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۆتەش ئۈچۈن بىر شەھەر (مەدىنە) گە چۈشىدۇ يەنى دۇنياغا چۈشىدۇ. ئىجتىمائىي ھاياتتا ئىنسانلار ئۆزى يالغۇز پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ھەركىمنىڭ مەۋجۇتلۇقى باشقا ئىنسانلار بىلەن بولغان ئېلىم – بېرىم مۇناسىۋەتلىرىگە تايىنىدۇ. ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ باشقا يولى يوق. شەھەر تۇرمۇشى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ۋە كەسپىيلىشىش تېخىمۇ ئاشقان بىر تۇرمۇش شەكلىگە ئىگە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھېچكىم ھېچكىمدىن بىھاجەت ياشىيالمايدىغان بىر مۇھىت بەرپا قىلىدۇ. «شەھەر» مەنىسىدىكى «مەدىنە» بىلەن «مەدەنىيەت» كەلىمىلىرى بىر تەرەپتىن مەزكۇر ئىككى تەرەپلىك بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنساننىڭ يالغۇز مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرىدۇ. مەلۇم بىر مەدەنىيەتكە مەنسۇپ بولۇشنىڭ باشقا ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە ياشىغاندىلا مۇمكىن بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ باشقا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ۋە چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاڭ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ بۇرچ مۇناسىۋىتىنىڭ خاتا بىرەر قانۇن سىستېمىسى ئۈستىگە قۇرۇلۇپ قېلىش ئېھتىمالى ئىزچىل ئادالەتسىزلىك ئىشلەپچىقىرىدىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى قولايلاشتۇرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قايسى بۇرچلىرىنىڭ قانداق قانۇن تەلەپ قىلىدىغانلىقىنىڭ ئۆلچىمىنى ئەڭ ئىدېئال شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويالايدىغان دىن بەلگىلەيدۇ. دىن بىلەن مەدەنىيەت يىلتىز جەھەتتىن بىر – بىرىگە بېقىندى بولۇپ، ئىككىسىدىن بىرى ياكى ھەر ئىككىلىسى كونترولدىن چىقىپ، بىر – بىرىنىڭ مۈلكىگە ئايلانغاندا، ئىنسانغا زور تالاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، نەتىجىدە ئەڭ چوڭ زۇلۇم بولغان شېرىككە يول ئېچىلغان بولىدۇ. مەدەنىيەت ھەقىقىي دىنىي ماھىيىتىنى ساقلاپ قالالىغاندا ۋە ئىنسانغا كىمگە نېمە بۇرچى بارلىقىدىن ئىبارەت ئاڭنى سىڭدۈرەلىگەندىلا، مەدەنىيەتلىك بىر شەھەر بەرپا بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، ھەر خىل ئادالەتسىزلىك، تەڭسىزلىك ۋە چېكىنىش ئىشلەپچىقىرىدىغان، ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق بۇرچىنى تېگىشلىك بولمىغانلارغا ئاستىرتىن تۇتقۇزۇپ قويىدىغان، يەنە كېلىپ بۇنى جازانىخورلۇق بىلەن چىرىتىدىغان بىر جەريانغا، چېكىنىشكە، پەسكەشلىككە، قىسقىسى، قۇلغا قۇل بولۇشقا ئايلىنىدۇ.
بۇ ماۋزۇنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، دۇنياغا ئاخىرەتنىڭ ئېتىزى سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئىسلاھ قىلىش يولىنى ئىزدەش، شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشمۇ مەلۇم نۇقتىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان دۇنياۋىلىشىش (سېكۇلارلىشىش) دەپ قارىلىشىمۇ مۇمكىن.