بالىلارنى ئىنتېرنېت بالاسىدىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بەش تۈرلۈك چارىسى
د.جاسىم
كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتقا كۆنۈپ قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلىشىدۇ. كۈنىمىزدىكى بالىلار ئەمەلىي ھاياتقا باغلانغاندىن بەكرەك تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت باغلىنىدىغان بولۇپ قالدى.
بۇ سەۋەبتىن، كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا قارىتا نېمە ئىش قىلىشنى بىلەلمەي قولى باغلىنىپ قالغاندەك بولۇپ قالماقتا. شۇڭا، مەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى تەربىيەلەش جەريانىدا پايدىلىنىشى ۋە خىيالىي تور دۇنياسىدىن بالىلىرىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن بەش تۈرلۈك چارە ۋە ماھارەتنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولدۇم.
- ۋاقىتنى جەدۋەللەشتۈرۈشنى ئۆگىتىش:
بالىلارغا كۈندىلىك قىلىدىغان ئىشلارنى جەدۋەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ۋاقىتنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگىتىش.
بالىلار كۈندىلىك ئىشلارنى قىلىدىغان ۋاقىت جەدۋىلى ئارقىلىق ۋاقىتلىرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى، تۇرمۇشىنى قانداق رەتكە سېلىشنى ئۆگىنىدۇ، شۇنىڭدەك دەرس ۋاقىتلىرى، ناماز ۋاقىتلىرى، ئويۇن ۋاقىتلىرى ۋە ئىنتېرنېت دۇنياسى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتلىرىغا رىئايە قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.
- تەنقىدى تەپەككۇر ماھارىتىنى ئۆگىتىش: بالىلارغا ئېكراندا كۆرۈۋاتقان ۋە ئاڭلاۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ۋە پىكىرلەرنىڭ توغرا- خاتالىقىنى تەھلىل ۋە تەنقىد قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىتىش لازىم.
بالىلارغا ئېكراندىكى مەلۇماتلارنى قانداق تەھلىل قىلىش، ياكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ پىكىرلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىتەيلى، دەسلەپتىن تارتىپلا قانداق تەھلىل قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە ياردەمچى بولايلى. شۇنداق بولغاندا ئېكراندا كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان نەرسىلەرنى ئۇدۇل قوبۇل قىلماستىن، بەلكى تەپەككۇر قىلىپ، تەھلىل قىلىش، تەكشۈرۈپ، ھالا- ھاراملىقىنى ئايرىپ ئاندىن قوبۇل قىلىدىغان بولىدۇ.
3. ئىپادىلەش ماھارىتىنى ئۆگىتىش:
بالىلارغا كۆڭلىدىكى گەپنى ئوچۇق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى، سۆھبەت ئۇسۇلىنى ۋە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش لازىم.
ئىنتېرنېت دۇنياسىغا خۇمار بولۇپ قالغانلار باشقا ئىنسانلار بىلەن تىلى، تەپەككۇرى ۋە ئالاقىسى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى بارمىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا، سۆھبەت ئۇسۇلى، كۆڭۈلدىكىنى ئېنىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك باشقىلار گېپىنى تۈگىتىپ بولغۇچە ئۈزۈۋەتمەي قۇلاق سېلىش ماھارىتى باشقىلار بىلەن ساغلام مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن مۇھىم.
خىيالىي تور دۇنياسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە كۆنۈپ قېلىش ئىنساننى كۆڭۈلدىكىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان گاچا قىلىپ قويىدۇ، چۈنكى ئۇ ئېكران ئالدىدا كۆپىنچە گەپ – سۆز قىلمايدۇ، بەلكى كۆزىنى ئىشلىتىپ كۆرىدۇ ۋە دائىم دېگۈدەك بارمىقى بىلەن ئىپادە بىلدۈرىدۇ.
- تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ماھارىتى:
بالىلارغا ئەمەلىي ھايات بىلەن خىيالى تور دۇنياسى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى ئۆگىتىش لازىم.
بالىلارغا دەرسلىرى ۋە نامازلىرىدىن سىرت، ئۆيدە بولسۇن ياكى سىرتتا بولسۇن، ئېكراندىن خالىي ھالدا ئوينايدىغان ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىش لازىم. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى بالىلارنىڭ ئېكران ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇرۇشقا يول قويماسلىق كېرەك، بولمىسا، ھۇرۇنلۇقنى، بوشاڭلىقنى ئۆگىنىپ قالىدۇ ۋە خىيالىي دۇنيادا ياشايدىغان، تولا خىيال قىلىدىغان، ئۆز ئۆزىگە پىچىرلاپ گەپ قىلىدىغان… بولۇپ قالىدۇ.
شۇڭا، ئەمەلىي ھايات بىلەن تور دۇنياسىدا ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەس، لېكىن بۇنى ۋاقىتنى جەدۋەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
- ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئامانلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش لازىم.
تېلېفون، كومپيۇتېر، ئايپەد، تېلېۋىزور… قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئامانلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى دىققەت قىلمىغاندا كۆپلىگەن كىچىك بالىلار، ياشلار ۋە قىزلار خىيالى دۇنيادىكى بۇزغۇنچىلار ۋە قاراقچىلارنىڭ قويمىچىلىق، تەھدىت، ھىيلە-نەيرەڭ قاتارلىق توزاقلىرىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ياكى جىنسى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن بۇزۇلۇش قۇربانىغا دۇچ كېلىدۇ، ياكى ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلمايدىغان گەدەنكەشلىكنى ئۆگىنىپ قالىدۇ.
ئەگەر ئاتا- ئانىلار بۇ بەش تۈرلۈك چارىنى تەتبىقلاشتا نەتىجە قازىنالىسا، بالىلىرىغا خىيالى تور دۇنياسى بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتەلىسە، ئۇ چاغدا بالىلار ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئېكرانغا قاراشنى تەسەللىي ۋە كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىسىلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇش، ئۆگىنىش، بىلىم ئاشۇرۇش ۋە پايدىلىق نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى دەپ قارايدىغان بولىدۇ. شۇنداقلا تور دۇنياسىنىڭ تۇراقسىزلىق، ئىككىلىنىش ۋە جىددىيلىشىشتىن ئىبارەت بالىلاردا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پىسخىكا بېسىملىرىغا دۇچ كەلمەيدۇ.
ئەلۋەتتە، ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشتە بولسۇن، ئىنتېرنېت دۇنياسىغا شىپىر قىرىپ ئوغرىلىقچە كىرىش ۋاسىتىلىرىنى بىلىشتە بولسۇن، بۈگۈنكىدەك ئاتا-ئانىدىنمۇ ئىقتىدارلىق بولغان ئەۋلادلارنىڭ زامانىدا بۇ بەش تۈرلۈك چارىنى تەتبىقلاش ۋە ئۇنىڭدا نەتىجە قازىنىش بۇ زاماندا ئاسان ئەمەس.
دېمەك، ئاتا-ئانا بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلمىسە، خىيالى تور دۇنياسىدىن ئىبارەت ئىنتېرنېت بالاسى خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ، خىيالى تور دۇنياسى بالىلارنىڭ ئەقىدىسى، پىكىرى، ئەخلاقى ۋە دۇنياقارىشىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.
شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت دۇنياسى بىلەن بولغان ئالاقىسىدا كۈچلۈك ۋە كەسكىن بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ. كەسكىنلىك يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك چارىنى تەتبىقلاشتا كەسكىن بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. كۈچلۈك بولۇش ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشتە ۋە بالىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
بىز بالىلارنى تەربىيەلەش ۋە ھىمايە قىلىش ھەققىدە سەۋەب-چارىلەرنى قوللىنىمىز، بالىلارنى قوغدىغۇچى ۋە ھىمايە قىلغۇچى ئاللاھدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي