2025-يىل 13-فېۋرال

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئاتا-ئانىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت

ئاتا-ئانىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت

پەرۋەردىگارىم، بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ كۈندە بالىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى، قەلبىنى ۋە ئەقلىنى پەرىشانلىقتىن، غەم- قايغۇدىن، ھەسرەتتىن ۋە دەرد -ئەلەمدىن يىراق قىلغىن.

پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزنى كېسەلدىن، ھۇرۇنلۇقتىن، ئاجىزلىقتىن، كەمبەغەللىكتىن، قەرزدارلىقتىن، پىتنە-پاساتتىن ساقلىغىن.

 پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزنى سالامەت قىلغىن، دۇنيا- ئاخىرەتتە بەختلىك قىلغىن، ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغىن ۋە رىزقىنى كەڭ قىلغىن.

پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىنى ۋە تۇرمۇشىنى ئاسان قىلىپ بەرگىن ھەمدە بارلىق ياخشى ئىشلىرىغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغىن.

پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزغا ھەر زامان ھىدايەت، تەقۋالىق، ئىپپەت ۋە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن.

پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلغىن، ئۇلارغا نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدىغان ئىرادە ئاتا قىلغىن.

پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھىدىن ئايرىمىغىن.

پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلغىن، ئەقلىنى ئۆتكۈر قىلغىن، ئەخلاقىنى گۈزەل قىلغىن، ئىدىيەسىنى ساغلام قىلغىن.

پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزغا ياخشى دوست ئاتا قىلغىن، يامان دوستلاردىن يىراق قىلغىن.

پەرۋەردىگارىم، بىزنى بالىلىرىمىز بىلەن سىنىمىغىن. بالىلىرىمىزغا يامان ئىشلارنىڭ ۋە بالايى مۇسىبەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىغىن.

پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزنى ئەقىدىسى ۋە ۋەتەن-مىللىتىگە قارىتا مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىدىغان ياراملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ بەرگىن.

پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزغا كۈچلۈك ئەقىدە ۋە ساغلام ئىدىيە ئاساسىدا ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئاتا قىلغىن.  

پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزنى ياخشى ئەۋلاد قىلىپ بەرگىن ۋە ئۇلارنى ئۆزۈڭ ھىمايە قىلغىن.

پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزنى ئىنسان ۋە جىندىن ئىبارەت ھەرتۈرلۈك شەيتانلارنىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن ۋە ۋەسۋەسىلىرىدىن ساقلىغىن.

پەرۋەردىگارىم، بالىلىرىمىزنىڭ ئىمانىنى، ئەخلاقىنى، ئىدىيەسىنى ۋە ئەقلىنى ساڭا تاپشۇردۇق.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

15.11.2024 – كۈنى.